logo

trugen jacn

توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 كىشى ئۆلگەن، ئىككى كىشى يارىلانغان

b7f1b2a4-f466-41a5-af5b-fd858a71fc1d

 

 

شۆھرەت ھوشۇر

 

مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يېزا سەلەيچوڭ كەنتىدە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان كەنت كادىرلىرى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ دوستلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشقا ساقچىلار قوراللىق ئارىلىشىپ، ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 5 كىشى ئۆلگەن ۋە ئىككى كىشى يارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگۈچىلەردىن بىر نەپىرى ساقچى خادىمى، يارىلانغان ئىككىسى كەنت كادىرى بولۇپ، گۇماندارلاردىن ئىككى نەپىرى نەق مەيداندا، بىر نەپىرى دوختۇرخانىدا ۋە يەنە بىر نەپىرى قېچىپ كېتىۋاتقان يېرىدە ئېتىۋېتىلگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قانلىق ۋەقەگە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆيدىكى پەرەنجىلىك ئايالنىڭ يۈزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەب بولغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوكتا، ئۆتكەن ھەپتە قەشقەرنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي بىر ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، توقۇنۇش پەرەنجىلىك بىر ئايالنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەن، گۇماندارلاردىن ئىككى نەپىرى نەق مەيداندىن ئامان-ئېسەن قېچىپ كەتكەن. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزا ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

خادىم: لەڭگەر يېزا ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: بۇ يېزىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقە نېمە ۋەقە؟
خادىم: تېررورلۇقنى پىلانلاۋاتقان كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان ئىش.
مۇخبىر: ئۇلار تېررورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلارمۇ، پىلانلىغانلارمۇ؟
خادىم: پىلانلىغانلار ئىكەن، بايقىلىپ قېلىپ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شۇ ۋەقە يۈز بەردى.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلۈپ، قانچە كىشى يارىلاندى؟
خادىم: گۇماندارلاردىن ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلدى، بىر نەپىرى يارىدار بولۇپ دوختۇرخانىغا ئەكىتىلگەن شۇ يەردە ئۆلدىغۇ دەيمەن. قېچىپ كەتكەن بەرسىمۇ ئارقىسىدىن قوغلاپ، قارشىلىق كۆرسەتكەندە ئېتىۋېتىلدى.
مۇخبىر: شۇنىڭدا گۇماندارلاردىن ئۆلگەنلەر جەمئىي تۆت بولامدۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: ساقچى تەرەپتىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار بارمۇ؟
خادىم: بىر نەپەر كەنت ساقچىسى ئۆلدى، ئىككى كەنت كادىرى يارىلاندى.
مۇخبىر: ۋەقە قانداق كېلىپ چىقتى؟
خادىم: كەنت كادىرلىرى ئەتىگەن سائەت 8دە ئۆي تەكشۈرۈپ كىرسە، ئۆيدە ئۆي ئىگىلىرىدىن باشقا سىرتتىن كەلگەن 2 كىشى بار ئىكەن، چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇلار ئۆينى تەكشۈرۈپ بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ئارىلاشتى.
مۇخبىر: كەنت كادىرلىرى بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ياغلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى توغرىمۇ؟
خادىم: ھە، شۇنداق.
مۇخبىر: گۇماندارلاردىن ئۆلگەنلەر كىملەر؟
خادىم: تۇراجى ئوبۇلقاسىم، داۋۇتەم زۇنۇن، تۇرسۇنجان ھۈسىيىن ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى.
مۇخبىر: ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار كىملەر؟
خادىم: سەلەيچوڭ كەنتىنىڭ كەنت ساقچىسى تۇرسۇن ئابلىمىت ئۆلدى، كەنتنىڭ سۇ ئىشلىرى باشلىقى ۋە بىر مۇئاۋىن كەنت باشلىقى يارىلاندى.

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن، توققۇزاقتا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ فېيسبوكتا دېيىلگەندىنمۇ چوڭ بىر ۋەقە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەمما ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى ئاختۇرۇش ۋە قوغلاپ تۇتۇش داۋامىدا يەنە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/toqquzaq-weqesi-06102014170711.html

Share
1872 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.