logo

trugen jacn

توقسۇ قاراتاشتا ئىككى قانلىق ۋەقە

 

شۆھرەت ھوشۇر 

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇ توقسۇنىڭ ئىچئېرىق يېزا قاراتاش كەنتىدە ياغلىقى تەكشۈرۈلگەن بىر ئايالنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ بىر كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە بىرنەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلاش ئېلىپ بارغىنىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە توقسۇدا ئۆتكەن ھەپتە ئۆستەڭدىن سۈزۈۋېلىنغان ئىككى تاغار سەرەڭگە دېلوسىغا چېتىشلىق گۇماندارلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ياغلىق ۋەقەسىدە ئائىلە تەرەپتىن بىر كىشى ئۆلگەن؛ سەرەڭگە ۋەقەسىدە بولسا، ساقچىلاردىن بىرسى ئۆلگەن، تۆتى يارىلانغان؛ گۇماندارلاردىن ئىككىسى ئۆلگەن، بىرسى يارىلانغان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئىچئېرىق ۋە ئەتراپىدا ياشايدىغان ئاھالىلەر ئۆتكەن پەيشەنبە يەنى 28 – ماي كۈنى ئىچئېررىقنىڭ قارا تاش كەنتىدە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز ئارقىدىن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ توقسۇدا ئۆتكەن ھەپتە ساقچىلارنىڭ ئۆستەڭدىن سۈزۈۋېلىنغان ئىككى تاغار سەرەڭگىگە چېتىشلىق بىر دېلونى تەكشۈرۈش داۋامىدا گۇماندارلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، توقۇنۇشتا جەمئىي 3 كىشىنىڭ ئۆلۈپ، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز قاراتاشتا يۈز بەرگەن ياغلىق ۋەقەسى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

توقسۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانا مەسئۇلىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا ئىچېرىقنىڭ قارا تاش كەنتىدىن يارىدارلار ئېلىپ كېلىنگەن. يارىدارلاردىن بىر نەپىرى، ياغلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، يارىدار شۇ كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى توقسۇنىڭ قارا تاش كەنتىدە ياغلىق ۋەقەسى ۋە سەرەڭگە ۋەقەسىدىن ئىبارەت ئىككى مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن. ئىككى ۋەقەدە جەمئىي ئاز دېگەندە تۆت كىشى ئۆلگەن، 5 كىشى يارىلانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/serenge-yaghliq-06042014232731.html

Share
1744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.