logo

trugen jacn

تورداشلار: تەيىنلەنگەن رەئىس نۇربەكرى ۋە ھەق سۆزلىگەن ئىلھام توختى ھەققىدە

 

 

يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بۇ يىل 15 – يانۋار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يازمىلار كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن رەئىس نۇربەكرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان، ئۇنى ھەجۋى قىلىدىغان يازمىلارمۇ كۆپەيمەكتە.

ئۇنداقتا ئىلھام توختى ۋە نۇربەكرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل ئوخشىمىغان باھاغا ئېرىشتى؟ ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈكسەك ئابرويىنى تىكلىگەن، نۇربەكرىنى نەپرەتكە ئۇچراتقان سەۋەبلەر نېمە؟
ilham.wiyser,
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 15 – يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھەتتا خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكلاسلاردىمۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادىللىق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ساداسى كۈچەيدى.

بۇ ھەپتە جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىىشىنىڭ 25 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىمۇ ئامېرىكا ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، تىنچ يول ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىلھام توختىنى تەرىپلەيدىغان يازمىلار كۆپىيىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رايونغا رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى نۇربەكرىنى سۆكىدىغان، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ماقالە – ئەسەرلەرمۇ كۆپەيمەكتە.

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە تارقالغان «خۇدا كېرەك، رەئىس كېرەك ئەمەس!» دېگەن ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قورچاق رەئىس نۇربەكرىگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىك، ئادىللىق، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قۇتران تەخەللۇسلۇق كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ:

«نۇر بەكرى قۇرۇق جازا … يارىماس … گېپى ئۆتمەس لاتا …

بىزگە بۇنداق يارىماس باشلىق كېرەك ئەمەس …

تەختتىن چۈشسۇن … شىنجاڭغا ئوخشاش كۆپ مىللەتلىك، مۇرەككەپ بولغان مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ئېتىقادنى يۈكسەك ئالىي بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىجتىمائى رايوننىڭ رەئىسى قانداق بولۇشى كېرەك ئىدى؟

نۇر قاچان رەئىسلىككە ئولتۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىگە ئولتۇردى …

بىز ئۇنىڭدىن شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ بەر دېمەيمىز … شىنجاڭلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئايغا ئەچىقمۇ دېمەيمىز … ھەم بۇ لاتا قونچاقنىڭ قولىدىنمۇ كەلمەيدۇ …

بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز ئادىللىق،باراۋەرلىك … مەركىزى كومىتېت ئالدىدا شىنجاڭنىڭ جۇۋىسىنى كىيگەن نۇرغا ئوخشاش رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىككى ئېغىز ھەقىقانىي گېپى …»

ماقالە ئاپتورى نۇربەكرىنىڭ يېقىندا خوتەن كېرىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پەرۋاسىز مۇئامىلىسىنى، بېيجىڭدا ئېچىلغان 18 – قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتقان «شىنجاڭ خەلقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا 1 – مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى مىسالغا ئېلىپ، نۇربەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلمەيدىغان قورچاق رەئىسكە ئايلانغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق بايانلارنى بەرگەن:

«ئۇيغۇر خەلقى دەردىنى بايان قىلالمىغانلىقتىن قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ناتوغرا ۋاستىنى تاللىدى … بۇ جەمئىيەتكە، ۋەزىيەتكە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنكى ماددى كاپالىتىگە ئاز بولمىغان زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە … مەن بۇيەردىكى بارلىق سەۋەبنى مۇشۇ بىرتۈركۈم رەھبىرى كادىرلاردىن كۆرىمەن …

تۇڭگان ۋەكىلىمۇ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا شى رەئىسكە ئېغىز ئاچتى ھەم شى رەئىسمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى … ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ كاستىيومنىڭ ئىچىدە تىترەپ ئولتۇرۇپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغان يارىماس ۋەكىللەر شۇنداقلا قالايمىقان بىلجىرلاپ ھەقىقەتنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنغان نۇر ۋە دىلنارغا ئوخشاشلا پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ … نۇر بەكرىنىڭ شىنجاڭغا رەئىس بولۇش سالاھىيىتى يوق …ئۇيغۇرغا خۇدا كېرەك، رەئىس كېرەك ئەمەس … ئاخباراتقا چىقىپ شاتۇتىدەك بىلجىرلاۋاتقان دىلنار ئابدۇللا زۇۋانىنى يىغسۇن …»

ئاپتور ماقالە ئاخىرىدا يەنە ئۆزىنىڭ بىر ئاددى ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆز تەلىپىنى مۇنداق قويغان.

«ئۇيغۇرغا خۇدا كېرەك، رەئىس كېرەك ئەمەس …مەزكۇر تېمىنى ئوقۇۋاتقان باشلىق ۋە ياكى پالانى پۇكۇنى مەن قانداقتۇر ئۆكتە قوپماقچى ئەمەس، قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەقسىتىممۇ يوق، تۆت بالامنى ھۆكۈمەت بېقىشىپ بەمەيدۇ، شۇلارنىڭ كەلگۈسىنى شۇنداقلا بارلىق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەمىنلىكىنى ئويلاپ ياشلىرىمىزغا ۋەكالىتەن ئازغىنە بىر نەرسىلەرنى يازدىم. داۋاملىق يازىمەن …

بېشىم كىچىك، قالپىقىڭلار چوڭ كەپ قالىدۇ …

بىز ۋەتەننى سۆيىمىز،خەلقنى سۆيىمىز، كومپارتىيەنى سۆيىمىز … ھەمدە كومپارتىيەنىڭمۇ بىزنى سۆيۈشىنى،بىزگە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك بېرىشىنى شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز …

ئۇيغۇرغا خۇدا كېرەك … ئۇيغۇر نەدە بولسا ناماز شۇيەردە، ئېتىقاد شۇ يەردە …»

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە قورچاق رەئىس نۇربەكرىنى تەنقىدلەپ يازغان يازمىلىرىنىڭ، بۇندىن ئىلگىرىمۇ ھەر خىل ژانىر ئۇسلۇپلاردا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان«سالام نۇربەكرى» ناملىق ساتىرانى ۋە نۇربەكرىنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقالغان«ۋاڭ بەكرى»، «نۆل بەكرى»قاتارلىق لەقەملىرىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختى ۋە نۇربەكرىگە بەرگەن باھاسىدىكى پەرق ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچى قەھرىمانلارنىڭ خەلق قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقۇچىلارنىڭ قورچاق رەئىس نۇربەكرىگە ئوخشاش خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-tohti-nur-bekri-03212014224529.htmln.w

Share
3484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.