logo

trugen jacn

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشكە چاقىردى

financial times ile ilgili görsel sonucu

پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 31- مارت

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-01

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) مۇسۇلمانلارغا يۈرگىزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قەدەم ئېلىشقا چاقىرىپ، دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

ئامېرىكا خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى قىلمىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قوللاشقا مۇھتاج، بىراق ئىككى دۆلەت سودا ئۇرۇشى سۆھبىتىگە پېتىپ قالدى. بۇ ھەپتە ئىككى دۆلەت سودا ۋەكىللىرى يەنە كۆرۈشمەكچى. شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زۇلۇمغا قارشى خەلقئارالىق ئەترەت قۇرۇشقا ھېچقانداق كاپالەت يوق. چۈنكى ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ خۇاۋىي شىركىتى تەمىنلىگەن بەش ج تور تېخنىكىسىنى رەت قىلىشقا چېتىلىدۇ. گەرچە ئامېرىكا ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئ‍الغان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماقتا.

ئىشلاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە بىر قانچە ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولاپ قويغانلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈشنى ئېيىتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا ئاشكارىلىغان، بىرقىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تاراتقۇلار، سۈنئىي ھەمراھدا تارتىلغان رەسىملەردىن ئۇيغۇر رايونىدا لاگىرلارنىڭ كىڭىيىۋاتقانلىقى ۋە باش ئاساسىي نىشانغا يىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئايان بولغان. بۇلار: خەلقئارا تەنقىدلەرنى كۈچى ئاجىز مۇسۇلمان، تۈرك دۆلەتلەرگە بەخشەندە قىلىپ قويۇش، ئىسلام دىنىنى دەھرىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سېكرىتارى مايىك پومپىيونىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىدى. ئۇ ئۇيغۇر ۋەكىللەر جۈملىدىن لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىققان مىھرىگۈل تۇرسۇن بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشكەن ئىدى. مايىك پومپىيو  زۇلۇمنى توختۇتۇش ۋە گۇناھسىز قامالغانلارنى قويۇپ بىرىشكە چاقىردى. ئۇتىۋىتىردا:« خەلقئارا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان نۇمۇسسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىچىلىكىگە قاراپ تۇرماسلىقى كىرەك. خىتاي مىلىيونلىغان مۇسۇلمانلارغا ئۆيىنىڭ ئىچىدە ھاقارەت قىلماقتا، بىراق خىتاي يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا زوراۋان ئىسلامىي تېرورىست گۇرۇپلارنى ھىمايە قىلماقتا» دەپ يازدى. ئامېرىكا مەمۇرى ئورگانلىرى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان-ت) زۇلۇمغا قارشى سەپ تۈزۈشكە قاتتىق كۈچەۋاتىدۇ. بىراق نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينى ئەيىبلەشنى خالىمايدۇ، ئۇلار خىتاينى ئاساسلىق مەبلەغ مەنبەسى دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ قەشقەردىكى بىر « سىياسىي تەربىيلەش مەركىزى» دىن قايتىۋاتقان كۆرۈنۈش

ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كونسۇللىرىنىڭ خىتاينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز ئالدىغا بىر زىيارەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىمەكچى بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى.

ئامېرىكا مۇسۇلمانلار نوپوسى كۆپ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. لېكىن، پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى ھىندونوزىيە پىرىزدىنتى جوكو ۋىدودو ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخاننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن« ئانچە خەۋىرى يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىزچىل ھالدا ھالاكەت لاگىرلىرىنى تەتىللىك تەربىيەلەش مەركىزى دەپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە، تىرامپ ھۆكۈمىتىگە ھەر ئىككى چوڭ پارتىيەدىن خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولۇشقا بىسىم چۈشمەكتە. بەزىلەر ھەتتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرماقتا.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىزچىل تىلغا ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. بولمىسا خىتاي تەرەپ سودا كىلىشىمىدە خىلىلا يول قويۇشى، خىتايدىكى قاتتىق قوللارنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پومپىيو ئەپەندى ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا ئىچى- سىرتىدىكى دىپلوماتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بېسىم پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىمى مۇنداق دېدى: « تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئىنتايىن پائالىيەتچان بولىۋاتىدۇ، مەن بۇ ھەقتە مۇنتىزىم ياكى پىلانلىق چاقىرىق بارلىققا كەلدى دەپ جەزىم قىلالمىساممۇ، بىراق يېقىندا بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغان بىر نەچچە پۇرسەت بار. ئامېرىكىلىقلار كۆپرەك ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.»

*پۇل- مۇئامىلە ۋاقتى گىزىتىدىن قىسقىچە تەرجىمە قىلىندى

Share
3534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.