logo

trugen jacn

ترامپ تولۇق غەلبە قىلدى: ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» تۈزۈلدى

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

جەۋلان تەرجىمىسى

كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خىتاي-ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك سودا سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى. بايا ئاخىرلاشقان ئامېرىكا-خىتاي 13-قېتىملىق سودا سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ ئاق سارايدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى ۋە «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى»نىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ترامپ بىلەن ليۇ خې قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە سۆھبەتتە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. بۇ كۈتۈلمىگەن بىر خەۋەر بولدى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا خېلىلا يول قويۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى. بۇ ۋاققىچە ئامېرىكا-خىتاينىڭ سودا سۆھبىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان ۋە بىرەر نەتىجىسى چىقمىغانىدى. چۈنكى ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويماي كەلگەنىدى. بۇ قېتىم خىتاي ئامېرىكىغا زور دەرىجىدە يول قويغاچقا سودا سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل بولدى. ترامپقا كۆرە، ئامېرىكا بۇ قېتىملىق سودا سۆھبىتىدە تولۇق غەلىبە قازاندى. چۈنكى ئامېرىكا بۇ سۆھبەتتە خىتايغا ھېچقانچە يول قويمىدى، ئەمما خىتاي ئامېرىكىغا چوڭ جەھەتتىن يول قويدى. تۆۋەندىكى بىز ئىككى تەرەپنىڭ قايسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە يول قويغانلىقىغا قاراپ باقايلى: 

خىتاي ئامېرىكىغا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن يول قويدى:

1. خىتاي ھەر يىلى ئامېرىكىدىن 40 مىليارد دوللاردىن 50 مىليارد دوللار قىممىتىگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئالىدىغان بولدى. 2017-يىلدىكى سودا سۆھبىتىدىن ئىلگىرى خىتاي ئامېرىكىدىن 20 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلاتتى. ئەمدى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتى بۇرۇنقىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاز سان ئەمەس. 

2. ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزدى. 

3. پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە خىتاي ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا پەقەت بىرلا جەھەتتىن خىتايغا يول قويدى. ئەسلىدە ئامېرىكا بۇ يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ 200 مىليار 500 مىليون يۈەنلىك مېلىغا ئالىدىغان 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنى 30 پىرسەنتكە ئۆستۈرمەكچى ئىدى، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ئۆستۈرمەيدىغان، ئەسلىدىكى 25 پىرسەنتنى ساقلاپ قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بۇ يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ 300 مىليارد يۈەنلىك مېلىغا 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى ئېلىشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇ توغرۇلۇق گەپ بولمىدى. ئاندىن خىتاي ئىزچىل ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان خۇاۋېي مەسىلىسىمۇ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنمىدى. 

يۇقىرىدا خىتاي قوبۇل قىلغان شەرتلەرنىڭ بىرىنچىسىگە كەلسەك، خىتاي ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر ھەسسە كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا دېھقانلىرىنى خۇشال قىلىدۇ. نەتىجىدە يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدىغان شىتاتلاردىكى خەلق ترامپنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭ 2020-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە بىر نۆۋەت غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ. 

ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلىۋاتقان ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىغانلىقىنى ئىزچىل ئېتىراپ قىلماي كەلگەنىدى. 2018-يىلى «خەلق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى «ئەقلىي مۈلۈكنى ئوغرىلىدى» دېگىنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، دەپ ئەيبلىگەنىدى. بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىنى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سەن ئامېرىكىدىن تېخنىكا ئوغرىلىمىغان، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلمىغان بولساڭ، بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟ 

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي بۇ قېتىم پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشقا، بەزى كەسىپلەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە  قوشۇلغان بولۇپ، بۇمۇ ئامېرىكا ئىزچىل تەلەپ قىلىۋاتقان شەرتلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ئەمەلىيەتتە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى جەھەتتىكى كېلىشىم خىتاينىڭ ئۆزىگە پايدىلىق. ئەگەر خىتاي بۇرۇنقىدەكلا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا رىئايە قىلمىسا، ئىجادكارلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ-دە، ئۆزىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ. ئەگەر پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئېلىپ بارمىسا، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇلغا ئايلىنالمايدۇ. خىتايمۇ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ھەقىقىي كۈچلۈك دۆلەت بولالمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا قىستىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق. 

بۇ يىل 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، خىتاي يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك ئىشتا يول قويمىغان بولۇپ، «بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى چېكىمىز، بۇنىڭدىن ھالقىيالمايمىز، ئەگەر بۇنىڭغا يول قويۇپ كېلىشىم ھاسىل قىلساق ئامېرىكا تاموژنا بېجىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك» دېگەنىدى. ئۇ چاغدا ئامېرىكىدىن كۆپرەك مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشلا يول قويۇش ھېسابلانغان بولۇپ، ئامېرىكىدىن بۇنىڭغا قوشۇلۇشنى، خىتاينىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىغا تېگىدىغان باشقا شەرتلەرنى قويماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھالبۇكى خىتاي بۇ قېتىم بۇ ئۈچ تۈرلۈك ماددىدا يول قويغاننىڭ بەدىلىگە، ئامېرىكا پەقەت ئەسلىدىكى باجنى ساقلاپ قالىدىغان بولدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپقىيەتلىك بولۇشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان يۇقىرىقى ئۈچ مەسىلىدە يول قويۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى خىتاي باشتا ئامېرىكىغا ماۋۇ يېرىمگە ئۇرساڭ بولمايتتى دەپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا شۇ يېرىگە ئۆزى ئۇرۇپ بىرىنچى باسقۇچلۇق مەسىلىنى ھەل قىلدى.

بەزىلەر «بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاي ئامېرىكىنىڭ كۆزىنى يەنە بويىدى،  ئامېرىكىغا يول قويغان بولۇۋېلىپ كېلىشىم تۈزگەن بىلەن ئۇنى ئىجرا قىلمايدۇ» دېيىشتى. ئەمما ئامېرىكىمۇ بۇنى ئويلىغان بولۇپ، زۇڭتۇڭ تۇرامپ خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئۇلاردىن بۇ كېلىشىمگە تولۇق قوشۇلغانلىق ئەھدىنى ئالدى؛ ئاق سارايدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ خېدىن: «سېنىڭ بۇ ھەقتە باشقا پىكرىڭ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ليۇ خې:«بۇ قېتىملىق سۆھبەت ياخشى بولدى» دېدى ۋە  بۇ توغرۇلۇق باشقا پىكىردە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى قارشى تەرەپنىڭ پىكرى ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈشى سەۋەبسىز ئەمەس، چۈنكى 6-ئايدا ياپونىيەدىكى سۆھبەتتە ترامپ خىتاينى قاتناشتۇرمايلا مۇخپىرلانى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە بىرلىككە كەلگەن بەزى كېلىشىملەرنى تىلغا ئالغانىدى. ئەمما كېيىن خىتاي بۇلارنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋېلىپ، تۇرامپنى يالغانچى قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇڭا ترامپ ئۆتكەنكى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا خىتاي ۋەكىللىرىگە «سىلەر كېلىشىمگە قوشۇلدۇڭلار» دېدى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گېپىدىن يېنىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 

بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ليۇ خې يەنە ترامپقا شى جىنپىڭنىڭ خېتىنى تاپشۇردى. خىتاي تەرەپ بۇنى پەقەت ئاغزاكى ئۇچۇر دېدى. شى جىنپىڭ خېتىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىرلىككە كەلگەن پرىنسىپ ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەنىدى. ترامپ بۇ خەتنى ئالغاندىن كېيىن ليۇ خېغا: «بىز ئۇزاققا سوزۇلغان قىيىن سۆھبەتلەردىن كېيىن بۇ باسقۇچقا كەلدۇق. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۈچۈن بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. رەئىس «شى»غا رەھمەت، ئۇنىڭغا سالامىمنى يەتكۈزۈڭلار» دېدى ۋە كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان OPEK يىغىنىدا رەئىس شى بىلەن كۆرۈشۈپ، «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» گە ئىمزا قويدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويسا، گېپىدىن يېنىۋالالمايتتى، يېنىۋالسا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان بولاتتى. يەنە كېلىپ، ئامېرىكا 12-ئاينىڭ 15-كۈنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان 300 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجىنى ئېھتىياتقا ئېلىپ قويغان بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشىمنى ئىجرا قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر خىتاي راستىنلا كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىسا ئامېرىكا ئۇ باجنى دەرھال ئىجرا قىلىشى، ئەگەر ئەمەل قىلسا ئۇنى بىكار قىلىشى مۇمكىن.  مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ئامېرىكىنىڭ قەرەللىك بومبىسى بولۇپ، خىتاي كېلىشىمنى ئىجرا قىلماي قالسىلا پارتىلايدۇ. 

ترامپ يەنە بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېمەك، ئۇ خىتايغا: بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمنى تۈزۈۋېلىپلا ئىش پۈتتى دەپ خىيال قىلىشما، بۇنىڭ كەينىدە يەنە ئىش بار، دېمەكچى. نۆۋەتتە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما باشلىنىپ قالسا، سۆھبەت تېمىسى خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا تولۇقلىما بېرىشى، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشى دېگەندەك تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئەلۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك، ئەمما ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەردۇر.  ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مەقسىتى تاموژنا بېجىنى بىكار قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا بۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىشتۇر. شۇنداق قىلغاندىلا ئامېرىكا خىتايغا يېتەرلىك بېسىم قىلالايدۇ ھەمدە خىتاي بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئامېرىكا بۇ سۆھبەتلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ تولۇق نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن تامۇژنا بېجىنى بىكار قىلىدۇ. 

ئەسلىدە خىتاي بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكىدىن خۇاۋېي شىركىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قامالنى بوشىتىشنى ئۈمىد قىلغانىدى، ئەمما بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خۇاۋېي مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىدى. ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى روبېرت لەيتىزېر «خۇاۋېينىڭ ئىشى باشقا، ئۇنى ئايرىم دېيىشىمىز» دېدى. ئومۇمەن قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن، بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىدە ترامپ تولۇق غەلىبە قىلدى، ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن غالىب كەلدى. 

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەتنى خەۋەر قىلىشى قىززىق. ئۇلار بۇ قېتىم تۈزۈلگەن كېلىشىمنى  «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» دەپ ئاتىمىدى، پەقەت «بۇ قېتىملىق سودا سۆھبىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پرىنسىپ جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشى ئاساسىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى سۆھبەتلىرىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشىمنى «بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى» دەپ ئاتىماسلىقىدىكى سەۋەب، خىتاي كاتىۋاشلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تەسلىم بولغانلىقىنى خەلقتىن يوشۇرغانلىقى، يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورققانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرى گەرچە بۇ كېلىشىم توغرۇلۇق بىر نەچچە جۈملە ئاددىي گەپلەر بىلەن خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ترامپنىڭ ليۇ خې بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەرلەرگە قاراپ باقايلى. بىرىنچى خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: «زۇڭتۇڭ ترامپ مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى».  ئەمما بۇ خەۋەردىكى باش قەھرىمان ترامپ بىلەن ليۇ خې ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭ. خەۋەردە «ئالدى بىلەن مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ خې رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خېتىنى ترامپقا تاپشۇردى. خەتتە رەئىس شى جىنپىڭ ترامپقا مۇنداق دېدى: يېقىندا ئىككى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلىرى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيىتى دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ ۋەكىلى سودا سۆھبىتىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىشكە، ئىختىلاپنى ئازايتىپ ئورتاقلىقنى تېپىشقا تىرشتى. ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ۋە مۇقىملىقنى ئاساسىي ئېقىم دەپ قاراپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا زىددىيەتنى كونترول قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنى توغرا تەرەققىيات يولىغا باشلاش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك». شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەقەت ئاغزاكى ئۇچۇر بولغان بۇ خەتنى خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قىلىپ، شى جىنپىڭنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە «ترامپ شى جىنپىڭنىڭ خېتى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ليۇ خېغا رەئىس شى جىنپىڭغا سالامىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى. ترامپ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھازىرمۇ ياخشى، جۇڭگوغا ۋە رەئىس شى جىنپىڭغا ھۆرمىتىم بار. ئۇ كاتتا رەھبەر. مەن ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىدە ئەمەلىي بۆسۈش ھاسىل بولغانلىقىدىن ۋە  تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم. بۇ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىش. ئەمدى بۇ ئىككى دۆلەت خىزمەت ئۆمىكىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشىپ بۇ قېتىمقى سودا كېلىشىمىنىڭ رەسمىي ھۆججىتىنى ھازىرلاپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق سودا سۆھبىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلار بار. 

ئامېرىكا تېلىۋىزىيە قاناللىرى ئاق سارايدىكى بۇ كۆرۈشۈشنى تولۇق كۆرسەتتى، ترامپ ئەمەلىيەتتە بۇ گەپلەرنى بۇ تەرىقىدە دېمىگەن. ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆز ئۆلچىمىگە سېلىپ تەھرىرلىگەن. بۇ خەۋەردە شى جىنپىڭ مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ترامپ گويا شى جىنپىڭ ئۈچۈنلا گەپ قىلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يەنى ترامپ بېشىدا شى جىنپىڭنىڭ خېتىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆزىگە سالام ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۇلۇغ رەھبەر دەپ ماختايدۇ. ئاندىن كېيىنكى گەپلەرگە ئۆتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، شىنخۇا ئاگېتنلىقى بۇ خەۋىرى ئارقىلىق شى جىنپىڭنى كۆتۈرۈپ، شەخسكە چوقۇنۇش خاھىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا بۇنداق خەۋەرلەرنى ئۇششاق بالىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەندەك كۆرۈپ قويسىلا بولىدۇ. 

  بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، نېمىلادېگەن بىلەن شى جىنپىڭ كۈتۈۋاتقان نەتىجىدۇر. چۈنكى پات يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا شى جىنپىڭ سودا كېلىشىمىدە نەتىجە قازانغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا، بۇ يىغىندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشىغا پايدىسى بار. ئەگەر سۆھبەت ئۆمىكى بۇ قېتىممۇ قۇرۇق قول يېنىپ كەلسە، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا گەپ قىلالماي قالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى. بەزىلەر« شى جىنپىڭ 4-ئومۇمىي يىغىننى دەپ شۇنداق قىلدى، يىغىندىن كېيىن يەنە گېپىدىن يېنىۋېلىپ، كېلىشىمنى بىكار قىلىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە. شى جىنپىڭ بەلكىم شۇنداق قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قىيىن. چۈنكى ئۇ پارتىيە ئىچىدە قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان، بۇ قېتىم توساتتىن ئامېرىكىغا زور دەرىجىدە يول قويۇپ ئۆزىنىڭ يۇمشاق قوللۇقىنى، يەنى «تەسلىمىيەتچىلىكى»نى ئىپادىلىدى. ئەمدى ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىپلا قاتتىق قوللۇق قىلىمەن دېسە ئاقمايدۇ، ئىناۋىتىنى قاتتىق تۆكۈۋالىدۇ. ئاندىن پارتىيە ئىچىدە قاتتىق قول ئوبرازىنى قايتا تىكلىيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئورنىمۇ لىڭشىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ مۆتىدىل ئىسلاھاتچى بولىمەن دېسە بۇمۇ تەس. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم مىڭ تەسلىكتە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، 4-ئومۇمىي يىغىندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ناتايىن. 

بۈگۈن مەشەگىچە بولسۇن، كۆپچىلىككە رەھمەت. 

(جياڭ سېنجېننىڭ 12-ئۆكتەبىر يۇتيۇب قانىلىدىكى ئانالىزىدىن تەرجىمە قىلىندى)                                     

Share
2219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.