logo

trugen jacn

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئورتاق باياناتى ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەركىتى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىش مۇمكىنچىلىگى توغرىسىدا

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

2020. يىلى 25. ئاپىرىل كۈنى رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئاخبارات تورى بولغان روسىيە سۈننىي ھەمراھ ئاخبارات ئاگېنتلىقى “سىپۇتنىك” تورى [1]“پۇتىن بىلەن ترامپ ئەلبەدە ئىككى ئارمىيە ئۇچۇرىشىشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى” سەلەۋىلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلدى.
كرېمل ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە “روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەلبە دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىشىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.” دېيىلگەن بولۇپ، بىرلەشمە باياناتتا “بۇ ۋەقە ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنىڭ سىموۋىلىدۇر. “ دەپ ئېنىق ئېيتىشتىن باشقا، بىرلەشمە باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: “ئەلبە روھى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىددىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئۆلگىلىك مىسالىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ، 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر خىرىسلارغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ، فاشىزمنى مەغلۇب قىلغانلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق قابىلىيىتى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.”

“ئەلبە روھى” نېمە دېمەك؟ ئەلبە چىخيەدىن باشلىنىپ گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىن شىمالىغىچە سوزۇلۇپ شىمالى دېڭىزغا قۇيۇلغان 1112 كىلومېتىرلىق دەريانىڭ ئىسمى بولۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى ئەلبە دەرياسىنىڭ ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان كۆۋرۈكتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 27. ئافېرىل لوندون، ۋاشىنگىتون، موسكىۋادا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىنىپ، گىتلېر ئارمىيىسىنى ئۈزۈل كېسىل تارمار قىلىش ئىرادىسى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن 10 كۈن كېيىن ، يەنى 7.ماي كۈنى ناتسىست گېرمان قوشۇنلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

ئىككى دۆۋلەت ئارمىيسىنىڭ ئەلبە كۆۋرىكىدە ئۇچۇرۇشتىن بىر كۆرۈنۈش

ئىككى دۆلەت پرېزدىنتىنىڭ ئورتاق باياناتىدا تەكىتلەنگەن “21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر خىرىسلارغا قارشى…ئەلبە روھى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ زىددىيەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش” ئىرادىسى قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق شارائىتتا ئورتىدا قويۇلدى؟
دۇنيادا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان خىتاي ۋىرۇس ۋاباسى بىلەن ئۆلگەن، دۇنيادا 190 دۆلەت خىتاي ۋىرۇس ۋاباسى بىلەن بوغۇلۇۋاتقان. خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى دۇنيا ئىقتىسادى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بوھران تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتقان بىر شارائىتتا ترامپ بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدا “ ئەلبە روھى” بىلەن“ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش” باياناتى ئېلان قىلىندى. “ئورتاق نىشان” قايسى؟ خىتاي. “ھەمكارلىق” كىمگە قارىشى ئورنىتىلىدۇ؟ خىتايغا قارشى. “21. ئەسىردىكى ئەلبە روھى” نېمە؟ ئامېرىكا، رۇس ئارمىيىسىنىڭ بېىجىڭدا ئۇچۇرۇشۇش روھىدۇر؟
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ يېنىدا، گىتلېرنىڭ بىۋاستە تەھدىدىگە ئۇچرىغان فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بار ئىدى. بۈگۈن بولسا ئامېرىكا 30 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان ئەسكىرى ئىتتىپاق NATOغا يىتەكچىلىك قىلماقتا. NATO بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەسكىرى كۈچى بىرلەشسە ئاسىيانىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىش تامامەن مۇمكىن.
ئىككى لىدەرنىڭ ئورتاق تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان بىر ئىزھات 26. ئافرېل كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرروفدىن كەلدى. لاۋروف، خەلقارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان سىنلىق سۆزىدە: [2]“پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ بىرلەشمە باياناتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىدۇر “دېدى
ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن سوۋىت ئارمىيىسى ئەلبە دەرياسى بويىدا ئۇچراشقاندا، بۇ ئىككى دۆلەت بىر بىرىگە تۈپتىن قارمۇ قارشى بولغان ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ ئىگىسى ئىدى. تۈزۈم ۋە ئىدىلوگىيە جەھەتتە قىيامەتلىك دۈشمەنلەردىن ئىدى. ئورتاق مەنپەت ئۇلارنى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. روسىيە كومۇنىزم جەندىسىنى تاشلىۋەتكىنىگە 30 يىل بولاي دەپ قالدى. 21. ئەسىرنىڭ گېتلېرى رۇسىيىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن يۈكسىلىۋاتىدۇ. مەنتىق بىلەن تەپەككۇر قىلغۇچى ھەركىمگە ئايانكى، خىتاي، ئامېرىكىغا 10% تەھدىت بولسا، روسىيىگە 90% تەھدىتتۇر. پۇرسىتى كەلگەندە شىجىنپىڭ، خىتاي ئارمىيىسىگە ئامېرىكىنى ئىشغال قىلىشقا ئەمەس، سىبىريە ۋە ئورتا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدىغانلىقىدا شەك – شۆھبە يوقتۇر. بۇ نۇقتىنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ يەتكەن كرېمل، روس ئارمىيىسىنىڭ 70% گە يېقىننى بۇرۇنلا خىتاي چېگرىسىغا يەرلەشتۈرۈپ بولغان.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قول تۇتۇشۇپ “ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئىشەنچ بىلەن” ئىلگىرىلىشى دۇنيا تارىخىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش ياسايدۇ.
مەن بۇلتۇر تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە يازغان بىر ماقالەمدە، تۇغۇلغۇسى مۇستەقىل بىر شەرقى تۈركىستاننىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە باياشاتلىقىغا قوشىدىغان ھەسسىلىرى توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ روسىيىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى قىسمىدا، سىبىريەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىى گازلىرىنى تۇررۇبا يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا يەتكۈزۈشتە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننىڭ تۇرۇبا يولى كارىدورى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىپ دۇنيا بازىرىغا چىقىرىشتا روسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە… قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەۋجۇت ئىكەن، يېقىنلاپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى ۋەھىمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە بۇ ۋىرۇسنى دۇنيانىڭ بېشىغا بالا قىلغان خىتايدىن ھېساب ئېلىش جەريانىدا ئامېرىكا، روسىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسلە، ئۇيغۇرلارنى قوغداش چەمبىرى ھاسىل قىلىش، ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئۆزىنى قوغداش كۈچىگە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنى بۇ كۈچكە مۇمكىنگە قەدەر بۇرۇن ئىگە قىلىش، “ئەلبە روھى”نى بەېيجىڭ ئاسمىنىدا جەۋلان قېلدۈرۈشتا بۈيۈك پىداكارلىق قىلغۇچى كەچنى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاپ قېلىش دېمەكتۇر.
ئامما، شۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز لازىمكى، دېموكراتىيىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى سەپەرۋەرلىك كۈچىنىڭ تارقاق، قارار ئېلىش مىخاينىزىمىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىشلىشىدۇر. غەرب ئەللىرىنىڭ ئورتاق ھەركەت قىلىشتىكى بۇ تارقاق ۋە ئاجىزلىقىنى ياخشى بىلگەن خىتاي، ئۇرۇش قىرغىنچىلىقىنى بالدۇر ۋە تۇيۇقسىز باشلىشى مۇمكىن.
27. ماي كۈنى خىتاي كوممونىستىك پارتىسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان “خەلق گېزىتى” (人民日报) [3]“مايىك پمپېيو ھەر تەرەپتە سىياسى ۋىرۇس تارقاتتى. جىنايىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ” سەلەۋىلىك ئوبزور ئېلان قىلدى. ئەينى كۈنى خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسى CCTV ئاخشام خەۋەرلىرىدە, ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو’نى [4]“ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى” دەپ ئېلان قىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان شىجىنپىڭنىڭ، قول ئاستىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ پومپېيوغا ئېغىر ھاقارەت قىلىشقا پېتىنغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نىيىتىنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. خىتاي ئەمەلىيەتتە پرەزدېنت ترامپقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە تىل تەگكۈزدى. بۇنداق بالدۇر ئاغزىنى بۇزۇشتىكى مەقسەت، خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر.

پومپېيو،خىتاي ئەمەلدارى شىجىنپىڭگە ئوخشاش قاراقورساق ئەمەلدار ئەمەس. ئۇ، ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي مەكتەپنى سىنىپ بىرىنچىسى بولۇپ پۈتتۈرگەن، ھەربىي خىزمىتىنى غەربىي گېرمانىيىنىڭ ئالدىنقى سەپىدە ئۆتكۈزگەن. ھەربىي خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە ئاۋدۇكاتلىق قىلىپ ئائىلىسىنى ھالال ئەمگىكى بىلەن باققان ۋە كەسپىدە بۈيۈك ھۆرمەت قازانغان. ئۇ، دۆلەت خىزمىتىدىمۇ پاك ئەخلاقى، خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، دۆلەت ۋە خەلقىگە بولغان ساداقىتى بىلەن بۇگۈنكى يۈكسەك پەللىگە كەلگەن بىر دۆۋلەت ئادىمىدۇر. پومپېيونىڭ ئوبرازى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىنىڭ تۆرىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالماقتا. چۈنكى پومپېيو، ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىقنى ھەركۈنى دېگۈدەك دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر دوستىدۇر. پومپېئونىڭ بۇ قەدىرشۇناسلىغى ئۇيغۇر مىللى تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدۇ.
پومپېيو مەدەنىي بىر دۆلەتنىڭ ئەخلاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرسى بولغاچقا خىتايغا ئوخشاش ئاغزىنى بۇزماستىن [5]29. ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي لاباروتۇۋارلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى.خىتايدا ۋابانىڭ قانداق ئورتىغا چىققانلىقىنى دۇنيانىڭ ئۆگىنىش ھەققى بارلىقىنى سالماقلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. خىتاي مەدياسىدا پومپېيونى ۋە ئامېرىكىنى تىللاش، ھاقارەتلەش ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئېغىز بۇزۇشلارغا پەرۋا قىلماستىن خىتاي ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇستەقىل بىر مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرماقتا.
خىتاينىڭ پومپېيوغا بۇنداق قەبىھلىك بىلەن تىل تەككۈزۈشىدە بىر شۇملۇق يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ.خىتاي،ۋىرۇس ۋاباسىنى دۇنياغا تارقىتىش جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ئۈچۈن، خەلقى ئالەمنىڭ دىققەت نەزىرىنى بۇرىۋېتىش ئۈچۈن زەھەرلىك قولىنى تۇيۇقسىز يەنە ئۇيغۇرلارغا، شاڭگاڭلىقلارغا، تەيۋەنگە ئۇزارتىشى، مىليونلىغان ئىنسان ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىشى مۇمكىن. چۈنكى، تارىختىكى خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆز چېگرىسى ئىچىدىكى خەلقلەرنى، ياكى ئاجىز خوشنا ئەللەرنى قىرغىن قىلىشنى “قەھرىمانلىق” ھېسابلاپ كەلگەن.
ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى نىمە قىلىش ئۈستىدە بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن ئايلارچە، يىللارچە مەسلىھەت، تالاش- تارتىش قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلانغان خىتاي، ياپونىيە ۋەياكى سىبىريە، ئورتا ئاسياغا قارشى ئاتوم ھۇجۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇرۇش ۋاستىلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن.

بۈگۈن خىتاي –روس مۇناسىۋىتى دوستلۇقتىنمۇ ئۆتۈپ ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاقلىق سەۋىيەسىدە. شۇڭا كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، خىتاي بىلەن روسىيە ئامېرىكىغا قارشى مۇستەھكەم ئىتتىپاق ھاسىل قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتىن پاشىستىك دۆلەتكە ئايلانغان خاراكتېرىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقاندا گېرمان- سوۋىت دوستلۇقى دۇنيادا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئۆلگىسىنى ياراتقان ئىدى. 1939.يىلى 23. ئاۋغۇست كۈنى [6]گېرمانىيە- سوۋىت ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى موسكىۋادا ئىمزالاندى. پولشانى گىتلېر بىلەن ستانلىن ھەمكارلىق ئىچىدە بۆلۈشىۋالدى.بۇ كېلىشىمنىڭ مەخپى قىسمىدا، فىنلاندىيە، ئىستونىيە،لىتۋانىيە، لىتونيەلەرنى قانداق بۆلۈشۈش مەزمۇنلىرىمۇ بار ئىدى. ( بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كىچىك مىللەتلەر ئەنە شۇنداق ئەرزان خەجلىنىپ كەتكەن ئىدى)

مولوتوف – رىبېنتروپ شەرتنامىنى ئىمزالاۋاتقان كۆرۈنۈش

گىتلېرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ستالىن، موسكىۋادا پانالىق تىلەپ تۇرىۋاتقان گېرمان كوممۇنىست پارتىسى رەھبەرلىرىدىن Eberlein, Heinz Neumann, Hermann Remmele, Fritz Schulte ve Hermann Schubert قاتارلىقلارنى 1938.يىلىدىلا سوتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، Margarete Buber-Neumann… قاتارلىق بىرمۇنچە گېرمان كوممونىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىنى سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىپ گىتلېرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىگى بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرەتتى.

گىرمانىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئارىسىدا كىچىك دۆۋلەتلەرنى بۆلۈشىۋېلىش توغرىسىدىكى مەخپى كىلىشىم شەرتنامىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى سەھىپىسى

گېرمانىيە 1941.يىلى 6.ئاينىڭ 22.كۈنى 3 مىليون كىشىلىك قوشۇن بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ۋە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغاندا، گېرمانىيە دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكىۋادا زىيارەتتە ئىدى ۋە گىتلېرنىڭ ستالىنغا ئەۋەتكەن دوستلۇق مەكتۇپىنى ستالىنغا تەقدىم قىلغان ئىدى. گىتلېر ئەۋەتكەن يۈزلىگەن گېرمان ئىنجىنىر، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قۇرال زاۋۇتلىرىنى ۋە باشقا سانائەتلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتە كىچە- كۈندۈز تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتاتتى.ھەتتا مانجۇريە دۆلىتىدىن گېرمانىيىگە كومۇر توشۇۋاتقان پويىزلار يۈزلىگەن ۋاگوننى سۆرەپ سوۋىت ئىتتىپاقى زېمىنىدا غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. گېرمانىيە سوۋىتكە ھۇجۇم قىلىدۇ دىسە، سوۋىت ئىتتىپاقىدا بۇ گەپكە ئىشىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. گىتلېر ئەنە شۇنداق شارائىتتا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. شۇڭا گېرمان ئارمىيىسى سوۋىت چېگرىسىدىن قانچە يۈز كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ يۈزمىڭلىغان سوۋىت ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ بولغاندىمۇ ستالىن، گىرمانلارنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئىشەنگىلى ئۇنىمىغان. نېمە ئۈچۈن بۇ تارىخلارنى خاتىرلاتتىم؟ گىتلېر فاشىست ئىدى. شىجىنپىڭمۇ فاشىست. رۇسلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلېردىن قانداق پەشۋا يېگەن بولسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇنىڭدىنمۇ پاجىئەلىك پەشۋانى شىجىنپىڭدىن يېمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

كورونا ۋىرۇستىن زىيانغا ئۇچرىغان پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ خىتايدىن ماددىي تۆلەم تەلىپى جىددى تۈس ئالغاندا،خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەختى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شىجىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسى ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنى ئوت دېڭىزىغا باشلاپ كېرىشتىن تەرەددۇت قىلمايدۇ. ۋەزىيەت بۇ نۇقتىغا كەلگەندە خىتاينىڭ پارچىلىنىشى مۇقەررەر رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە ئەڭ لايىق بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقا ئېرىشىش يولىدىكى توسالغۇنىڭمۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىشى مۇقەررەردۇر. بىراق تاڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇق، باھار ئالدىدىكى جۇدۇن – چاپقۇن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي قىرغىنچىلىقىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئەسكىرى تەدبىر ئېلىش ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى NATO دۆلەتلىرىنىڭ ئەخلاقى بۇرچىدۇر دەپ قارايمەن.
ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققى قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر،ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان 25. ئاپرېل كۈنى شەرقى تۈركىستان مىللى ئازاتلىق تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شارىتتا ئۈمۈتۋار ۋە سەگەك تۇرىشى كېرەك!

2020.يىلى. 30. ئافىرىل

مەنبەلەر:

1.普京和特朗普在易北河军队会合周年纪念日之时发表联合声明

  1. 俄外长:普京与特朗普联合声明是两国可以联合实现共同目标的信号
  2. 人民日报钟声:蓬佩奥四处散布“政治病毒”,罪责难逃

4.CCVT 蓬佩奥“人类公敌”

  1. 彭佩奥不理央视三连骂 仍坚持要查中国病毒实验室
  2. Germany–Soviet Union relations, 1918–1941
Share
4674 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.