logo

trugen jacn

ترامپنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى تۋىتتېر ئۇچۇرى يۈەننىڭ قىزىتمىسىنى ئۆرلەتتى

160419184334-donald-trump-release-tax-returns-cnnmoney-orig-00022605-large-169

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 21- يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى تۋىتتېردىن بەرگەن باياناتلىرى كۈنتەرتىپنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ترامپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇل بىرلىكى توغرىسىدىكى تۋىتتېر ئۇچۇرى ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۆرلەۋاتقان يۈەننىڭ كۈچلۈك تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

ترامپ تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، «خىتاي پۇل بىرلىكىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش (بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلىتىش) نىڭ، دۆلەتلىرىگە بارغان مەھسۇلاتلىرىمىزدىن يۇقىرى باج ئېلىش (ئامېرىكا ئۇلاردىن باج ئالمايدۇ) نىڭ ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا غايەت زور بىر ھەربىي ئورۇن تەسىس قىلىشنىڭ ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىزدىن سوردىمۇ؟ ئۇنداق قىلدى، دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.

ترامپنىڭ تۋىتتېر ئۇچۇرى يۈەننىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەنلا قالماستىن، خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىمۇ داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭ ۋېن بىلەن بىۋاسىتە تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن بىلەن 1979 – يىلى رەسمىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن بۇيانقى ئەنئەنىسىنى بۇزغانىدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرماي تۇرۇپلا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كىرىزىس پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
843 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.