logo

trugen jacn

تايلاند مۇسۇلمانلار كېڭىشى ھۆكۈمەتنى 52 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

dız

تايلاندنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر دىنىي داھىيسى، شەيخۇلئىسلام ئەزىز پىتاكۇمپۇن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسى 15-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان 52 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ھېچقانداق ئاساسسىزلا تېررورىزمغا باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالاش خاھىشىنى ئاشكارىلاپ بولدى.»

ئۇلار باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا نورما-ئۆلچەملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دۇنيا خاراكتېرلىك قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.

شەيخۇل ئىسلامنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تايلان ھۆكۈمىتىنى قالغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قارار ئالغاندا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنىلا كۆزدە تۇتماي، ئەخلاقىي پرىنسىپلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە چاقىردى.

شەيخۇل ئىسلام پىتاكۇمپون ئەپەندى تايلاندتىكى ئەڭ ئالىي مۇسۇلمان رەھبىر، نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت ۋە جامائەت ئەربابى.

109 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، تايلاندتا يەنە 60 ئۇيغۇرنىڭ قېلىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئۆتكەن شەنبە كۈنى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 8 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىيەگە ساق-سالامەت دەسسىگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-uyghur-07152015155540.html

Share
1494 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.