logo

trugen jacn

تايلاند دوختۇرخانىسىدا 3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرىقى 45 كۈنى

62ccb9ae-2d0c-4aa2-942e-8575b4fe8a17

قۇتلان

2014-u1230-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بىلەن  3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ تايلاندتىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپ «باڭكوك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تايلاندتىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەدىكى بىر كىنو چولپىنى بىلەن بىللە تايلاندقا بېرىپ ئۇ يەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامالغان مۇساپىرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن «ئەرك تېلېۋىزىيەسى» نىڭ رىياسەتچىسى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك بۈگۈن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا تايلاندتىكى بىرقانچىلىغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇ يەرگە قامالغان ۋە ھازىرغىچە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇساپىرلارنىڭ 10 ئايدىن بۇيانقى ئېغىر قىسمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ يېقىندا قازا قىلغان 3 ياشلىق سەبىي بالا ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

«مەن تايلاندقا بېرىپلا 3 ياشلىق بىر بالىنىڭ دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇنىڭ بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى دوختۇرخانىنىڭ مېيىت ساقلاش ئۆيىدىكى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان بۇ بالىنىڭ مېيىتىنى تاپتىم. ئابدۇللا دېگەن ئىسىم بىلەن مەلۇم بولغان بۇ بالا بۇنىڭدىن 10 ئايلار ئىلگىرى تايلاندقا يوشۇرۇنچە ئۆتكەن مۇساپىرلار بىلەن بىللە كەلگەن ئىكەن. ئەپسۇسكى، تايلاند ساقچىلىرى مۇساپىرلارنى مالايشىيا چېگراسىغا يېقىن بىر تاغدىكى ئورمانلىقتا قورشىۋالغان ۋاقىتتا، بۇ بالىنىڭ دادىسى توپتىن ئايرىلىپ قالغان. كېيىن ئۇ مەلۇم يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان. ئابدۇللا مۇساپىرلار بىلەن بىللە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ پەقەت ئۆرە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. كېيىنچە، بۇ بالىنىڭ ئانىسىنىڭمۇ ئىز – دېرىكى بولمىغان.»

ئابدۇللانىڭ قازا قىلغاندىن كېيىنكى مىيىتى (2014-يىل 23-دېكابىر)
ئابدۇللانىڭ قازا قىلغاندىن كېيىنكى مىيىتى (2014-يىل 23-دېكابىر)

ئۇ يەنە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلدى: «ساقچىلار كېيىنچە بۇ بالىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىغاندا بىرسى «مەن تۇغقىنى بولىمەن» دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇ كىشىگە دوختۇرخانىدا تۇرۇپ ئابدۇللانىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئېلىپ چىققان. ئەپسۇسكى، 4 – 5 كۈندىن كېيىن بۇ كىشىمۇ دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپ، ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان. ئابدۇللانىڭ ئەھۋالى دوختۇرخانىدا بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا ھېچقانداق تۇغقىنى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا توپ – توغرا 45 كۈن يالغۇز يېتىپ ئاخىرىدا جان بەرگەن. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە دوختۇرخانىدىكى بىر مۇسۇلمان ئايال دوختۇر ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، شۇ شەھەردىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىن بەزى كىشىلەر تاماق ئەكىلىپ نىمجان ھالەتتە ياتقان ئابدۇللانى باققان. ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن بۇ بالا يات ئەلدە ھېچقانداق ئۇرۇق – تۇغقىنى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا تەنھا ھالدا بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.»

«مەن دوختۇرخانىنىڭ مىيىت ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ بۇ بالىنىڭ توڭلاتقۇدىكى مىيىتىنى كۆردۈم. بالىنىڭ يۈز – كۆزلىرى ۋە ئىڭەكلىرىنىڭ ئاستىغا قان ئويۈپ قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئېغىزىنىڭ بىر بۇرجىكىدە سۇس قان ئىزى تۇرىدۇ. مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن ھېلىقى مۇسۇلمان ئايال دوختۇر ئابدۇللانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. ئۇ ئابدۇللا ھايات ۋاقتىدا قول تېلېفونى ئارقىلىق كېسەل كارىۋىتىدا ئايلارچە يالغۇز ياتقان بۇ بالىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىمى بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىنكى مىيىتىنى كۆرۈپ ئازابتىن چىدىيالماي قالدىم. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم كۆز يېشى قىلماي تۇرالمايدۇ. ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك سەبىي ۋە شۇنچىلىك ئوماق بىر بالا ئىكەن، ئەپسۇسكى، رەھىمسىز تەغدىرنىڭ سوغۇق شاماللىرى تېخى بۇ دۇنيانىڭ ھېچ بىر خوۋلىقىنى كۆرمىگەن بۇ سەبىي جاننى يات ئەلدە خازان قىپتۇ…»

ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ئاخىرىدا يەنە، بۇ بالىنىڭ يېقىندىن بۇيان تايلاندتىكى لاگېرلاردا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قامالغان مۇساپىرلار ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 3 – كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/3-yashliq-abdulla-tayland-12302014211610.html

Share
1822 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.