logo

trugen jacn

تايلاند دائىرىلىرى 300 نەپەرگە يېقىن مۇساپىرنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن

uygur-multeci

نيۇيورك ۋاقتى گېزى نىڭ  22-نويابىردىكى سانىدا «جۇڭگودىن قاچقان ئۇيغۇرلار» ناملىق بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، تايلاند ساقچىلىرى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مالايشىيا بىلەن چېگرالىنىدىغان بىر تاغدا 300 نەپەرگە يېقىن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇساپىرلارنى بايقىغان. مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئايال ۋە بالىلار ئىكەن.

مالايشىيا چېگرا ساقچىلىرىنىڭ گېنېرال مايور دەرىجىلىك ئەمەلدارى تاتچاي پىتانىلابۇت «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

«بىز دەسلەپ ئۇلارنى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدۇق، ھالبۇكى ئۇلار بىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر بولۇپ چىقتى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىزگە سۈكۈت ئىچىدە قاراپ تۇردى. ھېچكىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. مەن ئۇلارغا ئىنگلىزچە گەپ قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا جاۋاب بەرمىدى.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: « ئۇلار شۇ قەدەر تەمكىن ۋە جىمجىت، جامائەتچىلىك ئىنتىزامى ۋە كوللېكتىپچانلىق ئېڭى شۇ قەدەر يۇقىرى كىشىلەر ئىكەن. ئارىسىدا كىتاب ئوقۇيدىغانلار ۋە چېنىقىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا مەلۇم بىر كىشىگە بويسۇنىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ بېشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ”تۈرك“ ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەگە بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ۋە ئېنىقلاشلاشلار ئارقىلىق ئۇلارنى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا كېرەك دېگەن گۇمانغا كەلدۇق.»

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-musapir-11242014154723.html

Share
1544 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.