logo

trugen jacn

تايلاند دائىرىلىرى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى خىتايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

150909054418_bangkok_suspect_640x360_ap_nocredit

ئەركىن

تايلاند دائىرىلىرى 17‏-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى «ئىشان» لەقەملىك ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن خىتايغا كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار پارتلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي پاسپورتى بىلەن بېنگالغا كەتكەن. لېكىن بېنگال باش ساقچى نازارەتچىسى شەھىدۇل ھەق رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ 16‏-ئاۋغۇست بېنگالغا كىرگەنلىكى، ئۇنىڭ بېنگالدا 14 كۈن تۇرۇپ، «30‏-ئاۋغۇست بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقانلىقىنى ئېنىقلىدۇق» دېگەن.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار 17‏-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ مىرئەلى يۈسۈپكە بومبىنى باڭكوك ئەتراپىدىكى بىنا ئۆيدىن ئېلىپ، پارتلاش ئورنىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان كىشىكەن.

ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭغا كېتىشى ئابدۇراخمان كىم؟ باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟ دېگەن مەسىلە شۈبھىچىلەردىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

لېكىن تايلاند ساقچى باشلىقى سىميوت پۇمپاڭموڭ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا ئابدۇراخمان ئابدۇساتتاردىنمۇ چوڭ ئارقا تىرەك بارلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، «ئىشان بېلىقنىڭ ئەڭ چوڭى، دەپ خۇلاسە چىقارماڭ» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taylandta-partlash-09112015161558.html

Share
1016 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.