logo

trugen jacn

تايلاند دائىرىلىرى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنى ئادەم بېدىكلىرى پەيدا قىلغان دېدى

 

مېھرىبان

تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئەمەلدار 15-سېنتەبىر سەيشەنبە بايانات بېرىپ، «باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند چېگراسىدىن باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىگە ياردەملەشكەن ئادەم بېدىكلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تايلاند ساقچى تەرەپ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، «ئادەم بېدىكلىرى ئۇيغۇرلارنى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزدى، تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ سودىسىنى گۇمران قىلدى ياكى ئۇنىڭغا توسالغۇ بولدى » دېگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى پراۋۇت بايانات بېرىپ، 17‏-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى «ئىشان» لەقەملىك ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن، تۈركىيەگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا بۇ مەلۇماتنىڭ يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ئېھتىماللىقنى ئىنكار قىلىپ، «گۇماندارنىڭ تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوقلۇقى، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن تېررور گۇماندارىنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

17-ئاۋغۇست باڭكوكتا 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، تايلاند دائىرىلىرىنى پاكىتنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا، ھەر خىل پەرەزلەرنى خالىغانچە ئېلان قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taylandta-partlash-09152015160529.html

Share
978 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.