logo

trugen jacn

تايلاند تۈرمىسىدىكى مۇساپىرلار:بىز زۇلۇمدىن قاچقانلارمىز، بىز پەقەت ئەركىن ياشاشنىلا ئىستەيمىز

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاند تۈرمىسىگە قامالغان 140 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يۈزلىگەن مۇساپىرنىڭ قۇتۇلۇش مەسىلىسىدىكى تەخىرسىزلىكنى جىددىي ھېس قىلدۇرماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز نۆۋەتتە قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان تايلاند تۈرمىلىرىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشماقتا.

خاتياي تۈرمىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇساپىرلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان تايلاند دائىرىلىرىنىڭ مۇساپىر تۇتقۇنلارغا بولغان پوزىتسىيەسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان.

تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا كامېرلارغا كىرىپ تۇتقۇنلارنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشى، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشى شۇنداقلا قول تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلىشىدەك بىر قاتار ئىشلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ بۇ خىل زوراۋانلىقىغا قارشىلىق قىلغۇچىلار ياكى بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگۈچىلەر تاياق يېگەن. ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭمۇ تاياققا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز پەقەت ئۆز ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمغا چىدىماي قېچىشقا مەجبۇر بولغانلارمىز. ئۇ يەردە نورمال ئىنسانغا خاس ياشاش ئىمكانىيىتىمىز قالمىغانلىقى، ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك ئەھۋالىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن چېگرا ئاتلاپ قاچتۇق. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ئەسلىدە بىر شەھەر ئاھالىسى ئىدىم، لېكىن يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىككى قېتىم تۈرمىدە ياتتىم. بۇ يەرگە كەلگەنلەر تۈرلۈك يوللار بىلەن چېگرادىن ئۆتكەنلەردۇر. بىزنىڭ ئىچىمىزدە قۇرۇقلۇق يولى بىلەنمۇ ھەم دېڭىز يولى بىلەنمۇ بۇ يەرگە كەلگەنلەر بار. ھازىر بىزنىڭ بېشىمىزدا خەتەرلىك بىر قىسمەت چۆرگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. تەقدىرىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ۋە قاچان، قانداق ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز دۇنيانىڭ مەيلى قايسى دۆلىتى ياكى قايسى بۇلۇڭى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىزنى قوبۇل قىلسىلا، ئەركىن ياشاش يولى بەرسىلا شۇ يەرگە كېتىشكە رازىمىز. ئەمما كەينىمىزگە قايتىشنى، ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى ئەسلا خالىمايمىز…»

ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «بىزنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشىمىز پەقەت ئامالىمىز قالمىغاندا تاللىغان تاللىشىمىزدۇر. بۇنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. يۈزلەپ ئادەملەر خۇددى قوتانغا قوينى سولىغاندەك قاماپ قويۇلغان بۇ قاماقتا بىر يىل بولاي دېدى. نە خوتۇن-بالىلىرىمىزنى، نە قۇياش نۇرىنى، نە ساپ ھاۋانى كۆرمىدۇق. يەيدىغىنىمىز كۈندە ئىككى ۋاق پىشۇرۇلغان ئاق گۈرۈچ. گۆش-ماي، كۆكتات ياكى باشقا ئوزۇقلۇق بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق. ھەتتا كىچىك بالىلارغا ئالما، بانان دېگەندەك مېۋە-چېۋە ياكى تاتلىق-تۇرۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ كەلگەن ئاياللارنىڭ پۇللىرىنىمۇ تارتىۋېلىشتى…»

ئاخىرىدا ئۇلار رادىئومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتنى ياقىلايدىغان دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە جامائەتچىلىكتىن ئۆزلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ھازىرغىچە بىزگە ھەر خىل يوللار بىلەن ياردەم قولىنى سۇنغان ياكى قۇتۇلۇش يولىمىزنى ماڭغان ئىنسانلارغا سەمىمىي تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە بىزنىڭ قۇتۇلۇش يولىمىزغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-musapir-01222015132621.html

Share
1450 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.