logo

trugen jacn
27 مارت 2014

تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

 

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىنى قاتتىق قوزغىدى. ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر توختىماي ئېلان قىلىنماقتا. 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنلا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەھۋالى كۆزەتكۈچىلەرنى بۇ ئۇيغۇرلار زادى كىم، ئۇلارنىڭ دەردى نېمە دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا قىزىقتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىنى كەڭ مۇلاھىزە قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

بانكوكتىكى مۇخبىرى مايكىل سېنسبۇرىي ئۆز خەۋىرىدە، ھازىر تۈركىيەدىن كەلگەن بىر ئۆمەكنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە كەلگۈسىنى بەلگىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. بۈنىڭدىن باشقا، بۈگۈن يەنە تايلاند ساقچى دائىرىلىرى ئىككى كۈن ئاۋۋال بەرگەن ئۆزلىرى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىلگەن «بۇ كىشىلەر تېررورچى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن باياناتىنىڭ ئەكسىچە بىر بايانات بەردى. تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ساقچى ئوفېستىرى تاتچاي پىتانىلابوت بايانات بېرىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچىلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق، بىز ئۇلارنىڭ تېررورچى دەپ قارىمايمىز. ئۇلار تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر» دەپ بايانات بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆپەيگەنسېرى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ باردى. 1-مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭمۇ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىتا قاتتىق قىزىقىش قوزغىدى. تايلاند ساقچىلىرى 13-مارت كۈنى بىر ئورماندا 78 ئەر، 60 نەپەر ئايال ۋە 82 نەپەر كىچىك بالىدىن تەركىب تاپقان جەمئىي 220 كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۆز مۇلاھىزىلىرىدە كىچىك بالىلارنى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنى مۇشۇنداق خەتەرلىك يوللارنى مېڭىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن ئۇچا خەۋەرلەر تورىنىڭ بانكوكتىكى مۇخبىرى مايكىل سېنسبۇرىي «خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە تايلاندتا قولغا چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ خىل قىسمەتكە مەجبۇرلاۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا ئاتاقتا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ھوقۇقى يوقلۇقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىۋاتقان يۇقىرى ئىمتىياز، يۇقىرى مائاش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭدا خوتەندە يۈز بەرگەن خانئېرىق ۋەقەسىنى مىسال قىلغان ۋە شۇ ۋەقەدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 15 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ، 200 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن «ئۇيغۇرلارغا ئۆز زېمىنىدا قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭ قانچىلىك ئېشىپ كەتكىنىنى بۇ كىشىلەرنىڭ سىرتلارغا قېچىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن.

مۇخبىر ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ كامبودژا، ۋىيېتنام، بېرما قاتارلىق جايلارغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئېغىر بېسىمنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ‹ئالاھىدە تېررورلۇق قانۇنى› نى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سىياسەت بېيجىڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلەرگە زەربە بېرىدىغان بىر قانۇن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ “ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم“ دېگەن سىياسەتنىڭ قەبىھ يۈزىدىن ئىبارەت» دەپ بايان قىلغان.

تايلاند دائىرىلىرى 220 نەپەر مۇساپىرنى قولغا چۈشۈرگەندىن بۇيان بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان باياناتلارنى بېرىپ كەلدى. تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تايلاند دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن تېررورچىلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ باياناتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى مۇساپىرلارنى «تېررورچى» دەپ قارىلاش ئارقىلىق ھەم ئۆزىنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى سەۋەنلىكلىرىنى يوشۇرۇش ھەم شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش بىلەن تەنقىد قىلغان.

بۈگۈن تايلاندتا چىقىدىغان «فۇكەت ۋان» ناملىق يەنە بىر خەۋەر تورىدا بۇ مۇساپىرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. خەۋەرگە «تېرورچىلارمۇ ياكى قورقۇپ كەتكەنلەرمۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. خەۋەردە ھازىر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىق بېكىتىلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكى بولۇشىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى كۈن ئاۋۋال يەنى 24-مارت كۈنى تايلاندتىكى ئىنگلىزچە چىقىدىغان گېزىت، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ساقچى مەنبەسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇ كىشىلەرنى «تېررورچى» بولۇشى مۇمكىن، دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى فىل روبېرتسون تايلاند دائىرىلىرىنىڭ كىملىكىمۇ تولۇق ئېنىقلىنىپ بولالمىغان بۇ كىشىلەرنى تۇيۇقسىزلا ۋە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ تېررورچى بولۇشى مۇمكىن دېيىشىنى گۇمانلىق ئەھۋال دېگەن ۋە تايلاند دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

خەۋەردە مۇخبىر نەق مەيداندا كۆرگەن ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىگەن:
-ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ تېررورچىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئەمما بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتلار تولۇق. تايلاندتىكى ئورماندا قولغا چۈشكەن بۇ كىشىلەر 48 سائەت بويىچە ھېچقانداق گەپ قىلماي تۇرۇۋالدى. ئاياللار بولسا بالىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئېتىپ، ئاخباراتلاردىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئىستانبۇلدىن بۇ كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بىر قانچە تۈرك ھەيئىتى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار راھەت بىر نەپەس ئېلىپ، قاتتىق كۆز يېشى قىلدى، ھەتتا ئەرلەرمۇ يىغلاپ كەتتى.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/tayland-uyghur-03262014174457.html

Share
2134 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.