ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 12 – نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندتىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 يېقىن كىشى لاگېردىن قېچىپ كەتكەن
تايلاندتا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ تونۇشتۇرغان بىر قىسىم مۇساپىر بۇ يىل مارتتىن باشلاپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ئىدى
دائىرىلەر ئەينى چاغدا بۇ مۇساپىرلارنىڭ كىملىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن
خەۋەردە تايلاند سوڭكىھلا ئۆلكىسى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىنسانىي بىخەتەرلىك ئىشخانىسى خادىمى جاراس چۇمپاننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، نۆۋەتتە 160 ئادەم قامالغان لاگېردا كۆپىنچە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 چە ئادەم قېلىپ قالغان
ئۇ: مەن ئۇلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلار تۈركىيەگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، خىتايغا قايتىشنى خالىمايدۇ، دېگەن
مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىۋالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى تايلاندتا مۆكۈنۈپ يۈرمەكتە ئىكەن
تايلاند دائىرىلىرى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بۇ ئۇيغۇرلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-uyghur-11122014181907.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.