logo

trugen jacn
15 مارت 2014

تايلانت ئورمالىرىدا 220 ئۇيغۇر تەپىلدى

140315043736_refugees_624x351_reuters 

ئامەرىكان ھۈكۈمەت سۆزچىسى،تايلانتنىڭ ئىنسانسىز ئورمالىرىدا 220 ئۇيغۇرنىڭ تايلانت قۇراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئەسىر ئەلىنىپ سىياسى پانالىق تىلىگۈچىلەر لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى.
ئامەرىكا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىغىى؛بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 60 نەپىرى ئايال،78 نەپىرى ئەر،82 نەپىرى كىچىك بالا ۋە بۇۋاق ئىكەنلىگىنى ئىلان قىلدى.
بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ تونۇشتۇرغان.ئامما ئولارنىڭ يەنىدىن كىملىك يەكى پاسپورت تەپىلمىغاچقا قايسى دۆلەكتە ئاىت كىشىلەر بولغانلىغى دەسلەپتە ئىنىقلىنالمىغان بولسىمۇ،كەيىن ئۇلارنىڭ تۈركىي تىللىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگى ئاشكارىلانغان.
خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مىللى ۋە دىنى زۇلىمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي قەچىپ چىققان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تايلانتنىڭ بۇ چەت ۋە ئىنسانسىز ئورمانلىقىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا تەخىچە ئىىنىق مەلۇمات يوق.
خىتاينىڭ يۈقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرسى ئاللاقاچان تايلانتقا كىلىپ بولغان ۋە تايلانت ھۈكۈمىتىدىن بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن كۈرۈشۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامەرىكا ھۈكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى،ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك،ئۇلارنىڭ جان ۋە ياشاش بىخەتەرلىگىنى قوغش تايلانت ھۈكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىگىنى ئاگاھلاندۇرمماقتا.
ئانالىزچىلار،خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەلىپ كىتىش ئۈچۈن تايلانت ھۈكۈمىتى بىلەن مەخپى سودىغا كىرىشىشى ئىھتىمالى بارلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.دۇنيا جاماەتچىلىگى،ئەگەر ئۇلار خىتايغا مەنپەەت قارشىلىغىدا قايتۇرىۋەتىلسە ئەغىر تەن جازاسى ۋە زۇلۇمغا مەھكۇم بۇلۇپ قالىدىغانلىغىدىن ئەندىشىلەنمەكتە.
12
مەنبە:BBCخىتايچە

Share
3126 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.