logo

trugen jacn

تالىبان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان

20150318_1_cin-in-afganistan-ve-taliban-ile-olan-iliskisi

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبانلار ئۆز ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ خىتاينىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن، دېگەن خەۋەرنى كەسكىن رەت قىلغان.

«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، تالىبانلارنىڭ 4 نەپەر ۋەكىلى ئۆتكەن ھەپتە مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئافغانىستان ئالىي تىنچلىق كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا 2 كۈنگە سوزۇلغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم.

«ۋال-سترىت ژۇرنىلى» يەنە مەزكۇر مەخپىي سۆھبەتنىڭ 19-ۋە 20-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، مەيلى خىتاي تەرەپ بولسۇن ياكى پاكىستان بولسۇن بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللا مۇجاھىد بۈگۈن «ئامېرىكا ئاۋازى» غا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ پىتنە-ئىغۋانى كەسكىن رەت قىلىمىز. دۈشمەنلەر مۇشۇنداق پىتنە-ئىغۋا تېپىپ، رەزىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خالاس!»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاننىڭ يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق بىر مەخپىي سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تامامەن يوق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/taliban-afghanistan-05252015152109.html

Share
1594 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.