logo

trugen jacn

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ;تۈركىي قانداشلىرىمىزنى ھېچبىر يەردە يالغۇز تاشلاپ قويمىدۇق

5631919343avuoludsfyeni

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىي قانداشلىرىنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ئېيتتى.

 چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئانتاليا تۈركىي قانداشلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك تۈركىي قانداشلار فېستىۋالىغا ئىشتىراك قىلدى.
جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا مۇراسىم ئارقىلىق باشلانغان فېستىۋالدا مەھتەر ئۆمىكى تۈركىي قانداشلارنىڭ تۆگىلەر بىلەن كۆچۈشىنى جانلاندۇردى.
قارالىئوغلۇ باغچىسىدا ئاخىرلاشقان فېستىۋال كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
چاۋۇشئوغلۇ شەھەر مەدەنىيىتىنى ياشاتقانلىقى ئۈچۈن فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر شەھەر زامانىۋىلىشىش ۋە مودېرنلىشىش نامىدىن ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنى تەقلىد قىلىشقا باشلىسا ۋەيران بولغان بولىدۇ. بۇنى زامانىۋىلىشىش ئەمەس، گۇمران بولۇش دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. قانداشلىق مەدەنىيىتىنى ئاداققىچە ياشىتىمىز. ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بالقان رايونىدىكى قانداشلىرىمىزغىمۇ ساھىپ چىقتۇق. دەرۋەقە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇدا 100 يىلدىن بۇيان ‹ئانا ۋەتىنىمىز تۈركىيە كېلىپ بىزگە ساھىپ چىقسۇن› دەپ كۈتتى. ئاخىرىدا تۈركىيەمۇ كەلدى. نۆۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قامداۋاتىمىز. پەقەت بالقان رايونىدىكىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ قەيېرىدە بىرەر تۈرك قاندىشىمىز بولسا، تېپىپ ساھىپ چىقىۋاتىمىز، يالغۇز تاشلاپ قويمايۋاتىمىز.»
فېستىۋالغا ئەزەربەيجان، ماكېدونىيە، ئالبانىيە، كوسوۋا، قازاقىستان ۋە داغىستاندىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 60 ۋىلايىتىدىن تۈركىي قانداشلار جەمئىيەتلىرى ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
827 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.