logo

trugen jacn

تارىم نېفىتلىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەككە كۈندە گاز يەتكۈزۈش بويىچە يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان

images

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە 8 مىليارد 890 مىليون كۇپمېتىر گاز يەتكۈزگەن.

بۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 26% كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە كۈندە ئەڭ كۆپ يەتكۈزۈش مىقدارى 75 مىليون 460 مىڭ كۇپمېتىرغا يېتىپ، ئىچكىرىگە گاز يۆتكەشتە يېڭى رېكورت يارىتىلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ 15 ئۆلكىسىدىكى 120 نەچچە شەھەرنىڭ سانائەت ۋە ئاھالىلىرىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تارىم نېفىتلىكى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قازغان. يۈز مىليارد كۈپ مېتىرلىق ئالتە ئورۇندىكى گاز زاپىسىنى كەينى-كەينىدىن ئاچقان. تارىم ئويمانلىقىدىكى قاراسۇ نېفىتلىكىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئۆلكىلىرىنى بىر تىرىليون كۇپمېتىرلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر ۋە خەلقئارادىكى مۇستەقىل ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىش سۈرئىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tirim-neft-04062015143444.html

Share
1544 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.