logo

trugen jacn

تارىم نېفىتلىكى ئۆتكەن 10 يىلدا 400 مىليون خىتاي پۇقراسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن

orta-asya-cin-dogalgaz-boru-hatti-hizlandirilacak

 

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكى ئۆتكەن 10 يىلدا خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى 400 مىليون ئادەمنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 2004-يىلى 1-دېكابىردىن، 2014-يىلى 6-دېكابىرغىچە، پەقەت تارىم نېفىتلىكىدىنلا 156 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن

تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1-تۇرۇبا لىنىيىسى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

خەۋەردە تەمىنلەنگەن ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق يۆتكەلگەن تەبىئىي گازلار خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى 15 ئۆلكە-شەھەر، 120 ۋىلايەت-ناھىيە ۋە 3 مىڭ سانائەت بازىسىدىكى جەمئىي 400 مىليون ئادەمنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن. خەۋەردە بۇ نۇقتا كۆزدە تۇتۇلۇپ، «تارىم نېفىتلىكى 400 مىليون ئادەمگە بەخت ياراتتى» دەپ تەرىپلەنگەن

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 319 مىليون، كانادانىڭ 35 مىليون ئارتۇق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەلگەن تەبىئىي گازلاردىن بەھرىلەنگەن خىتاي خەلقىنىڭ سانى يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغلانما نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن

خىتاينىڭ شەرقىدىكى 400 مىليون ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گازلاردىن ئەركىن بەھرىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاران 4 مىليون ئادەمنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر تەبىئىي گازلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم

ھالبۇكى، بۇ 4 مىليون ئادەمنىڭ قانچە پىرسەنتىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tarim-nefit-12102014160954.html

Share
1608 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.