ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتايدىكى «سىنا تورى» ۋە باشقا خىتايچە تور مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىن تارىختىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بايقالغان.
يېڭىدىن بايقالغان بۇ نېفىتلىكنىڭ زاپاس نېفىت مىقدارى تۆت مىليارد توننىغا يېقىن بولۇپ، تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى ئىككى تىرىليون كۇپمېتىر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نېفىتلىك تەۋەسىدىكى زاپاس كۆمۈر مىقدارى 188 مىليارد توننىدىن ئاشىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مەزكۇر نېفىتلىك ئەتراپىدا يەنە زور مىقداردا ئۇران زاپىسى بار ئىكەن.
خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، مەزكۇر نېفىتلىكتە رەسمىي قېزىش باشلانسا خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورتى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ داچىڭ ۋە باشقا نېفىتلىكلىرى ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان بولغاچقا، مەزكۇر نېفىتلىك خىتاي سانائىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 38 مىليارد توننا بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاينىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى تۆت مىليارد توننىغا يېقىن بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدىكى يېڭىدىن بايقالغان بۇ نېفىت زاپىسى خىتاينىڭ ھازىرقى نېفىت زاپىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tarim-nefit-04202016161633.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER