logo

trugen jacn

تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن

186103

186103

جۈمە كۈنى، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبەدە قوراللىق توقۇنۇش پارتلاپ، 17 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقە بىلەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋاقىتلىق تاقالغان.

چەتئەل ئاخباراتى، دۈشەنبەدە ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمنى بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان تاجىكىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇھالىم نەزەرزادەنىڭ ئادەملىرى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا 8 ساقچى، قوراللىق گۇرۇھنىڭ 9 ھۇجۇمچىسى ئۆلگەن. ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس.

بىراق تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قوراللىق گۇرۇھتىكىلەر 1990‏- يىللاردا پارتلىغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ئۆكتىچىلەر سېپىدە ئۇرۇش قىلغان كىشىلەركەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى يەنە، ئەلچىخانا خادىملىرىنى سىرتقا چىقماسلىققا، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان.

مەزكۇر ۋەقە تاجىكىستاندا ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسى چەكلىنىپ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. دائىرىلەر نەزەرزادە ۋە ھۇجۇمچىلارنى ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسىگە باغلىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر پارتىيە ئۇلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. تاجىكىستان ئىسلامى تىرىلىش پارتىيەسى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىدا پېچەتلەنگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tajikistan-weziyiti-09042015163400.html

Share
1177 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.