logo

trugen jacn

ب د ت دا ئۇيغۇرلارنى قوللىغان 22 دۆلەت ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتى ~ ئاسىيە ئۇيغۇر

[ ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

ب د ت دا ئۇيغۇرنى قوللىغان 22دۆلەت ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتى

ئاسىيە ئۇيغۇر

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدىكى 22 ئەزا دۆلەت 10-ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. بۇ دۆلەتلەر : ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دەنمارك، ئەيسانىيە ، فىللاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئېرلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتوۋا، لۈكسېنبورگ، گوللاندىيە، يېڭى زىنلاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسىيە ۋە شىۋىتسارىيە لەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا يوق. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى فونكېسىيىسىنى يوقاتتى دەپ قارىغانلىقى سەۋەب چېكىنىپ چىققانىدى.
بۇ بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىنىپ ئەتىسىلا، يەنى 11-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان <يەر شارى ۋاقىت گېزىتى> <بۇ 22دۆلەت دۇنياغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار پەقەت بىر قىسىم دۆلەتلەر>نامىدا مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلىپhttp://opinion.huanqiu.com/editorial/2019-07/15126418.html?agt=15422، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزنى مىللەت بويىچە كوللىكتىپ لاگىرلارغا قاماپ، بارلىق ئىنسانلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ ئېرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت دەپ پەدازلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار<قايتا تەربىيەلىگەنلىكى>سەۋەب، بۇ يىل تېرورلۇق ۋەقەلىرى پەقەتلا يۈز بەرمەستىن، <جەمىيەت ئامانلىقىدا ئالاھىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن>لىكىنى ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان بۇ <قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتى>نىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋە زور كۆپ سانلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ياخشى باھاسى ۋە قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان. <يەر شارى ۋاقىت گېزىتى>بۇ باش ماقالىسىگە چۈشكەن ئىنكاسلار 13مىڭ 300گە يېقىن بولۇپ، 22 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىنىڭ خىتاينى تولىمۇ راھەتسىز قىلغانلىقىنى بۇ ماقالە ۋە ئىنكاسلاردىن كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنداقتا بۇ 22 دۆلەت راستتىنلا خىتاي ئېيتقاندەك دۇنياغا ۋەكىللىك قىلالمامدۇ؟
بۇ ھەقتە خىتاي زىيالىيسى چېن پوكوڭ ئەپەندى مۇنداق دېگەن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 90مىليۇن پارتىيە ئەزاسى پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىكەنۇ، 22دۆلەتنىڭ 500milyun ئاھالىسى نېمىشقا دۇنياغا ۋەكىللىك قىلالمىغۇدەك؟
ئۇ يەنە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ بۇ 22 دۆلەت ئارىسىدا بولمىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق نەچچە نوقتىلارغا يىغىنچاقلىغان بولۇپ: مۇسۇلمان ئەللىرى ئەسلىدىنلا خىتاي ھاكېمىيتىى بىلەن خاراكتېر جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، ئاساسەن مۇستەبىت دۆلەتلەر، يەنە بىر قىسم مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولسا خىتاينىڭ پۇلىنى ئالغان، پايدىسىنى كۆرگەنلىكى سەۋەب <يىگەننىڭ تىلى قىسقا، ئالغاننىڭ قولى>بولۇپ، گەپ قىلىشنى خالىسىمۇ، سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولسا لۈكچەك دۆلەتلەر قاتارىدىن بولۇپ، بۇ خىل دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتكە قارىغاندا شەخسىي مەنپەئەتى ئۈستۈن ھېسابلىندۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىنىي قېرىنداشلىرى ئۇچرىغان زۇلۇمغا نومۇسسىزلارچە كوللىكتىپ سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى………

شۇنداق، ھەيران قالارلىقى خىتاي بىزنى دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىپلەپ، مەسجىد لىرىمىزنى چېقىپ، دىنىي ئېتىقادىمىزنى چەكلەپ، قۇرئانلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ……..بىزگىلا ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۇنياسى بۇ ھاقارەتنى كۆتۈردى ۋە بۇ زۇلۇم ئالدىدا مۇسۇلمان قېرىندېشى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇردى. بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلىق ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرى بىلەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇپراقلىرىدا جان بېرىشكىمۇ رازى بولغان ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام سۆيگۈسى ۋە ساداقىتى سەۋەبلىك دىنداشلارنى تەسىرلەندۈرەلمىدىكى، ئەكسىچە، پۇل ۋە مەنپەەت ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمىدى.

بىز ھەتتا مۇسۇلمانلىق ئۈچۈن پەلەستىنگە ياش تۆكۈپ، غەرب دۇنياسىنى ئەيىبلەشنى توغرا كۆرگەن ئىدۇقكى، ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ باققان ۋە كېيىن ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىغان يەھۇدىيلارنىڭ بىز ئۈچۈن ياش تۆكىدىغانلىقىنى، بىزنىڭ بايرىقىمىزنى كۆتۈرۈپ، بىز ئۈچۈن خىتايغا قارشى كوچىلارغا چىقىشىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدۇق. لېكىن بۈگۈن كۆردۇقكى، بىز ئۈچۈن خىتايغا قارشى چىققىنى پەلەستىنلىكلەر ئەمەس، مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئەمەس، بەلكى ، غەرب ئەللىرى بولدى…..
<يەر شارى ۋاقىت گېزىتى>دىكى بۇ باش ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق قۇرلار بايان قىلىنغان بولۇپ: <5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ئادەم چاناش ۋەقەسى…..قاتارلىق مۇشۇ قانلىق قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەندە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز (خىتايلارنى دېمەكچى) ئۇلار تەرىپىدىن چېپىلىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا چارىسىز قالغاندا غەربلىكلەر قەيەردە ئىدى؟ جۇڭگولۇقلار شىنجاڭنى قانداق باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدۇ! >دېگەنلەرنى يازغان بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلار ئۇيغۇرلارغا بولغان مىللىي ئۆچمەنلىكى ئېنىق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، <جۇڭگولۇقلار شىنجاڭنى قانداق ئىدارە قىلىشنى بىلىدۇ>دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ خىتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن خەلقئاراغا جاكارلىغان.
بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىز ئۇچرىغان بۇ زۇلۇملارنى مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن دېگەن سەۋەبكە بەكرەك مايىل بولۇپ كەلگەنىدۇق. لېكىن بۈگۈنكى رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىرىدكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا ياكى ئىسلام دىنىغا ئۆچ ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئۆچ ! تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى پەقەت خىتاينى ھۇجۇم نىشانى قىلمىسىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پۇل ۋە قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەقەت خىتاينىڭ مەنپەەتىگە دەخلىسى بولمىسىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرقانداق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدۇ ۋە شۇنداق قىلىپ كەلدى. شۇ سەۋەب مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى باھانە قىلىپ 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدەك تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلالىغان تېرورچىلار، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلدى. دەرۋەقە خىتاي تاكى بۈگۈنگىچە مۇسۇلمانغا قىلغان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك مۇسۇلمان ئاتالغان تېرور تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېچقانداق تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى.ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت تېرورلۇقىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى ھاكېمىيەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتاتتى.
ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ قىرغىنچىلىق قارىماققا ھەممىگە ئورتاقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستان ئاتالغان بۇ زېمىندىن پاك – پاكىزە يوقىتىش ياكى مىللىي كىملىكىنى جۇڭخۇا مىللىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىش ئىكەنلىكى بارا – بارا ئايدىڭلىشىۋاتاتتى. . چۈنكى1949-يىلدىن كېيىنمۇ خىتاي مۇستەملىكىسىگە بوي سۇنماي، ئىزچىل مۇستەقىل دۆلىتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل جان تىكىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن ، قان ۋە جانلىرىنى ئۆز ھەقلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلغىنى دەل ئۇيغۇرلار ئىدى. ئەگەر ئۇ زېمىننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇر دېگەن مىللەت يوقالسا، كېين مەيلى خىتايدا قانداق تۈزۈلمە ئۆزگىرىشى يۈز بەرسۇن ياكى دېمۇكراتىك خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانسىمۇ، خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر خەلقنىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىگە خىتاي ئىشەنگەنىدى. گەرچە بىزدىن كېيىن باشقا مىللەت ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادتىكىلەرگىمۇ تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزگە قارىتىلغىنى مىللىي ئۆچمەنلىك بىلەن يۈغۇرۇلغان سىياسىي بەدناملار ئاستىدا ، تارىخىمىز ، مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ – ئادىتىمىز، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمىزگە قىلىنغان تاجاۋۇزلارلا بولماستىن، بەلكى مىللەتنىڭ جان – تومۇرى بولغان زىيالىيلىرىمىزنى، مائارىپىمىزنى، تىلىمىزنى ۋە كەلگۈسىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى يوقىتىش بولۇپ، بۇ يوقىتىش بىزنى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئارىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تىركىشىش پەللىسىگە ئېلىپ كەلدى………….بىز ئۈمىد كۈتكەن، ئىشەنگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈكۈتى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە غەزەبلەندۈرگەن بولسا، غەرب ئەللىرىنىڭ ئادالەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشى بىزگە باشقىچە ئۈمىد بېغىشلىدى. دېمەك بىز يالغۇز ئەمەس، بىز تاشلىنىپ قالمىدۇق، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ بىرقىسمى بولمىش ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئېرقىي قىرغنچىلىق، پۈتكۈل دۇنيانى دېمۇكراتىيەگە يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلغانىدى………..

خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارادا يۈز بەرگەن يېقىنقى زاماندىكى مۇستەقىل بولغان خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى ۋە خوڭكوڭ، تەيۋەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىققە بولغان ئىنتىلىشلىرى، ھەتتا <پۈتۈنلەي يوقالغان مىللەت> دەپ قارالغان ۋە ئۆز يېزىقىنى دۇنيا بويىچە پەقەت ئىككى ئادەم ساقلاپ قالغان، ئاساسەن خىتايلاشقان مانجۇلارنىڭمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مانجۇرىيە دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدېنىشكە باشلىدىم. بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، ئەسلىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەققى بولۇپ، پەقەت دۇنيانىڭ تېنچ تەرەققىياتىغا تەسىرى يەتمەسلىكى ئۈچۈنلا دېمۇكراتىك ئەللەردە، دېمۇكراتىك تۈزۈمدە ھەق ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ ياشاۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچرىمىغان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، مەسىلەن كاتالونىيەنىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقى دەل مۇشۇ سەۋەب قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. ئەمما كوسوۋولۇقلار گەرچە زېمىن ئىگىلىرى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ سېربىيە دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى پەقەت ئۇلار ئېرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى سەۋەب دۇنيا قوللىغان ۋە ئۇلار مۇستەقىل بولالىغان. كوسوۋولۇقلارنىڭ مۇستەقىل بولالىشى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىغا زور ئۈمىد بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق شۇئارلىرىنى كۈچەپ توۋلاشلىرىدىن مۇستەقىللىقنىڭ بىز يەتكىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز ئەلۋەتتە. چۈنكى بىز زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق، ئېرقىي قىرغىنچلىق قىلىندۇق، ئېزىلدۇق ۋە يوقىتىلدۇق! ئەڭ مۇھىمى بىز ئۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ئىدۇق. بىزنىڭ ئۇ زېمىندا خىتاينىڭ مۇستەملىكى ئاستىدا ئەركىن ياشاش ئىمكانىيەتلىرىمىز پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلانغان ۋە .مۇشۇنداق زۇلۇملارغا ئۇچرىغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىزدە ئەلۋەتتە ب د ت نىڭ <كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى>ا ۋە <مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>نىڭ روھىغا ئاساسەن خىتايدىن ئۈزۈل – كېسىل ئادا – جۇدا بولۇش يولىنى تاللىشىمىز ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەيلى خىتاي ۋەيران بولسۇن ياكى بولمىسۇن، دېمۇكراتىك تۈزۈمگە ئۆتسۇن ۋە ياكى ئۆتمىسۇن پەقەت بىز ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، قۇتۇلۇش بىز ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان چۈش ئەمەس.

Share
5187 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.