logo

trugen jacn

ب د ت ئائىت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان

i.toxti

ئىرادە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەشكە چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا، پىكىر ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئىلھام توختىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جازالاندۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئىلھام توختىنىڭ «شەرقىي تۈركسىتان كۈچلىرى» بىلەن بىرلىشىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىغا ئائىت بىر قىسىم «پاكىت» لارنى ئەۋەتكەن، ئەمما ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن بۇ پاكىتلارنى ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەش ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ قارىمىغان.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتىدا، ئەمدى تاشلىنىدىغان قەدەمنىڭ چوقۇم ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش بولۇش كېرەكلىكى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلگەن دېدى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ب د ت، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلىرىنى دىققەتكە ئېلىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bdt-ilham-tohti-07172014175527.html

Share
1700 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.