logo

trugen jacn

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قازاقىستاننى خىتاي بىلەن «3خىل كۈچلەر» گە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئۈندىدى

indir

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مېڭ جيەنجۇ چارشەنبە كۈنى قازاقىستان ئەمەلدارى نۇرتاي ئابىكايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى ئەلنىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېڭ جيەنجۇ خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرتاي ئابېكايېف بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي قازاقىستان بىلەن تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق، بۆلگۈنچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «3خىل كۈچلەر» ھەم زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييار، دېگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، نۇرتاي ئابېكايېفنىڭ قازاقىستان خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپنىڭ قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئابېكايېفنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ كونكرېت كۈنتەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

قازاقىستان ئۇيغۇر رايونى بىلەن 1500 كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگراغا ئىگە، 300 مىڭدەك ئۇيغۇر ياشايدىغان مۇھىم دۆلەت. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستاننى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق، دەپ قاراپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قازاقىستان ئارقىلىق كونترول قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدى.

ئابېكايېف چارشەنبە كۈنى يەنە، خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. گۇ شېڭكۇن، ئىككى تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى» ئۈچۈن بىخەتەرلىك مۇھىت يارىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qazaqistan-xitay-11062015180657.html

Share
1499 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.