logo

trugen jacn
19 فېۋرال 2014

بېيجىڭ ئايرودرومىدىن فرانسىيە دۆ گول ئايرودرومىغىچە

3)
__ بېيجىڭ ئايرودرومىدىن فرانسىيە دۆ گول ئايرودرومىغىچە

ئاپتورى:ئىلھام توختى،تەرجىمان:ئاپتاپ

توزانلار باستى جامالۇ-ھۆسنىمنى،
ۋە لېكىن كىر قىلالماس پاك قەلبىمنى.
ئول پەلەك قىلدى نابۇت بۇ تەنىمنى،
كى زىنھار توسالمىدى كۆزلەرىمنى.

پېقىر 2- ئاينىڭ 22- كۈنى تەكلىپكە بىنائەن فرانسىيەدە زىيارەتتە بولدۇم. جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە چىڭىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەكشۇرۈشىنىڭ تېخىمۇ چىڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم ئۈچۈن، ئۆزلىكىمدىن چاقماق، ئەتىر ۋە باشقا سۇيۇق تازىلىق بۇيۇملىرى دىگەندەكلەرنى سەپەرگە ئەپچىقمىغان ئىدىم. تۇنجى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلىۋىدە، ئايروپلانغا چىقىش كارتىسىنى تەكشۈرىدىغان خانقىز مېنى چەت ئەللىك، دەپقالدى بولغاي، پاسپورتىمنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ ماڭا ئىنگلىزچە گەپ ئاچتى. بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو گراژدانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى ئېيتقىنىمدا، ئۇ چىرايى ناھايىتى غەلىتە بولغان ھالدا، ئايروپلانغا چىقىش كارتامنى ئالغىنىچە تۆرت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن، تېلېفون ئارقىلىق تۆۋەن ئاۋازدا باشلىقى بىلەن گەپلەشتى. مەن بولسام سەۋرچانلىق بىلەن ياندا كۈتۈپ تۇردۇم. كېيىن ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇكەيگە بېرىشقا چاقىردى.

ساقچى نومۇرى 030258 بولغان ئەترەت باشلىقى ماڭا سوئال ياغدۇردى: سەن فرانسىيەگە نېمە قىلغىلى بارىسەن؟ كەسپىڭ نىمە؟ سەن ئوقۇتقۇچىمۇ؟ قايتىپ كېلەمسەن؟ …؟ …؟

مېنىڭ ئۇنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىم: سوئاللىرىڭغا چوقۇم جاۋاب بېرىشىم كېرەكمۇ؟ سىلەر نېمىشقا ماڭىلا تىكىلىپ قالدىڭلار؟ ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇئامىلەڭلەر توغرىلىق بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا بۈگۈن تۆرت سائەت بالدۇر ئايرودرومغا كەلدىم ھەمدە سىلەرنىڭ ماڭا بولغان پەۋقۇلئاددە مۇئامىلەڭلارنى ھېس قىلدىم! ئۇيغۇر بولغىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى پەقەت ماڭىلا شۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟

ئۇ مېنى تەخىر قىلىشقا بۇيرۇپ، پاسپورتىمنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، پاسپورتىمغا تەپسىلىي كۆز يۈگۈرتكەچ، ئېيتتى:

– توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ!!

ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئاساسى شۇ قەدەر ئاددىي ئىدى!! مەن ئۇنىڭغا دېدىم:

– ئۇيغۇرلار بىخەتەرلىكنىڭ تەھتىدىمىدى؟ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىككە ئېتىبار بېرىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللانغان چارىلىرىنىمۇ ھىمايە قىلىمەن. بىراق ئىش چوقۇم قانۇنلۇق، ئادىل بولۇشى، ھەممە كىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى زۆرۈر!

ئايروپلانغا چىقىش كارتامنى قولۇمغا ئېلىپ مېتال تەكشۈرگۈچتىن ئۆتكەن چېغىمدا، توساتتىم باشقىچە بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، سەۋەبى، بىرىنچىدىن ماڭا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق تەپسىلىي بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئاياقلىرىمنى سالدۇرۇپ تەكشۈرمەكچى بولغانلىقى. بىلىش كېرەككى، بېيجىڭ شەھەرىدە ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلمىغان، ئاممىۋىي سورۇندا ئاياق سېلىشقا بۇيرۇلۇش كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بىر ئىش. بۇنى ئاز دەپ، مەن ئاياق سېلىۋاتقان چېغىمدا، بىر ئايال خىزمەتچى مېنىڭ كارتامنى ۋە كىملىكىمنى ئېلىۋېلىپ، باشقا خزمەتداشلىرى بىلەن پىچىرلىشىپ، “تەپسىلىي تەكشۈرۈپ” كېتىشلىرىچۇ تېخى! مەن ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرىنى چالا-پۇچۇق ئاڭلاپلا ئەرۋاھىم ئۆرلەشكە باشلىدى، بىراق يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھېچنېمىنى قويماي تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشىگە سۈكۈت قىلدىم. بىر چاغدا “قىزچاق”لاردىن بىرى مېتال تەكشۈرگۈچنى كۆتۈرىۋېلىپ مېنىڭ ھەممە يېرىمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، مەن بولسام ساراڭلارچە يالاڭئاياق ھالدا يەرنى دەسسەپ تۇرار ئىدىم. ئاخىرىدا ئۇلار مېنىڭ بەدىنىمدىن بېنزېن، كاۋاپ، پىچاق، پۈركۈگۈچ، ھەتتا بىئوخىمىيەلىك ۋە يادرولۇق قوراللارنىڭ ھىچقايسىسىنى تاپالماي، مېنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. مەن بىردەم خاپىلىق ئىچىگە پاتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدىم (بىر قېتىملىق «قالتىس» نۇتۇق سۆزلىۋەتتىم، دېسەممۇ بولىدۇ):

__ سىلەر مېنىلا كەمسىتىۋاتقان بولماستىن، بەلكى يەنە مېنىڭ مىللىتىمنىمۇ كەمسىتىۋاتىسىلەر! بۇ خىل مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەخمىقانە چارىلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن! مەن سىلەرنى توغرا چۈشىنىمەن، بۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار، خاتالىق سىلەردە ئەمەس، بەلكى شۇ خىل نادان سىياسەتنى تۈزۈپ چىقارغان ئىرقچىلاردا، شۇ خىل سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا چۈشۈرگەن مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلەردە!!

نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا قاراپ تۇرار ئىدى… نەتىجىدە مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىشىمگە ياردەملىشىپ، بۇ يەردىن بالدۇرراق كېتىشىمنى ئۈمىد قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. ئاياق سالدۇرۇپ تەكشۈرۈشلەرمۇ يوق بولدى…

__ خەلق ئاۋىئاتسىيە باش ئىدارىسى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرى، سىلەر بىر خەتەرلىك ئىشنى قىلۋاتىسىلەر. مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ كەمسىتىشىڭلارغا ئەقىل-ئىدراك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولدۇم، بىراق بارلىق ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىۋەرمەيدۇ…

مېنىڭ سورىغىم كېلىۋاتقىنى، جۇڭگونىڭ قانۇن دائىرىسىدە مىللىي كەمسىتىش توغرىلىق بەلگىلىمە بارمۇ-يوق؟ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا، ھەق تەلەپ تۆلىمى ئېلىشقا بولامدۇ؟

دۆلىتىمىزنىڭ جىناىي ئىشلار قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە مىللىي كەمسىتىش ئۇقۇمى ھەقىقەتەن بىۋاستە كۆرۈلمىگەن، شۇ ۋەجىدىن بىۋاسىتە ھالدا مىللىي كەمسىتىشنى سەۋەب قىلىپ ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنۇش قانۇن جەھەتتىن بىر قەدەر تەس. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدا دۆلەت قانۇنى سۈپىتىدە ئىپادە تاپمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملار ۋە تارماق قائىدە-تۈزۈملەر بار. ئەمەلىيەتتە، بىز تەستىق ئارقىلىق كىرگەن خەلقئارا ئەھدىنامەمۇ دۆلىتىمىز قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامەدە بولسا مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى نىزامنامىلەر ئەزەلدىن كەم بولمىغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا “ھەرقايسى مىللەتلەر باب-باراۋەر” دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلىتىمىز ئىمزا قويغان ۋە تەستىقلىغان 17 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ماددىلار بىلەن تولغان.«گراژدانلىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى» (دۆلىتىمىز 1998- يىلى 3- ئايدا ئىمزا قويغان)دە «ھەرقايسى دۆلەت گراژدانلىرى قانۇن ئالدىدا باب-باراۋەر ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ۋە كەمسىتىلمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە» (26- ماددا) دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، دۆلىتىمىزدىكى ئەدلىيە (قانۇن يۈرگۈزۈش) ئەمىلىيىتىگە تونۇش كىشىلەرگە ئايانكى، سوت دېلولارغا قاراپ چىقىشتا ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىنى بىۋاستە تەدبىقلىيالمايدۇ ھەمدە چەت ئەلگە چېتىلمىغان دېلولاردا خەلقئارا ئەھدىنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىمۇ بىۋاستە تەدبىقلىيالمايدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئاساسىي قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاۋۋال دۆلەت قانۇنىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ قانۇنىي كۈچىنى جارىي قىلالايدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللىي كەمسىتىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلىشى ياكى قانۇنىي ئەرز سۇنۇشى نۆۋەتتە قانۇن جەھەتتىن تەسكە توختاۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى قانۇننى تېزدىن تۈزۈپ چىقىشىنى مۇراجەت قىلىمەن.

Share
1925 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.