logo

trugen jacn

بېيجىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى

6381662175apecliderlerzirvesi

   بېيجىڭدا 10 – نويابىرباشلىنىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىنى(APEC) ئۈچۈن ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.ئەتە (5-نويابىر) بېيجىڭدا، اسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك مەمۇرلار يىغىنى ۋە ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا مەسلىھەت كېڭىشىنى يىغىنى باشلىنىدۇ. بۇ يىغىنلار 8 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. 7-8-نويابىر كۈنلىرى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى؛ 9-10-نويابىر ئارىسىدا بولسا، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلىدۇ. ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان ئەڭ مۇھىم يىغىن 10-11- نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى يەنجى كۆلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 22-نۆۋەتلىك ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد رەھبەرلىرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان شى جىنپىڭ، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

بېيجىڭدا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرى ئېلىنغان بولۇپ، يىغىنغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنىڭ ئادەم قىستاڭچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن 7-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە دەم ئېلىش ئېلان قىلىنىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش باھاسى چۈشۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ بېيجىڭنىڭ سىرتىغا چىقىشى تەشۋىق قىلىنىدۇ
بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولسا، ھاۋا بۇلغىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەزى زاۋۇتلارنىڭ يىغىن ئېچىلىدىغان كۈنلەردە 10 كۈن ئىشتىن توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قاتناش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيەلىك ماددا توشۇغان ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىشى چەكلىنىدۇ. قاتناشتا تاق نومۇرلۇق ۋە قوش نومۇرلۇق پىلاكات ئىشلىتىلىدۇ. يىغىن بويىچە مېھمانسارايلاردا يېڭىدىن تۈزۈلگەن يېمەك – ئىچمەك بەلگىلىمىلىرى يولغا قويۇلىدۇ. بەزى مېھمانسارايلاردا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، ھالال يېمەكلىكلەر مەسىلىسىدە دىققەت قىلىنىدۇ
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1796 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.