logo

trugen jacn

بۈگۈن نەۋرۇز بايرىمى – قېرىنداشلىق كۈنى

83a28e52-c443-4072-8479-23dbb9c469b0-444x333 

باھارنىڭ خەۋەرچىسى بولغان نەۋرۇز، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو – ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

تۇپراق ئانا ئۇزۇن مۇددەت سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن ئويغانغان، زېمىن يېشىل تون كىيگەن، ھەممە ياق گۈل – چېچەكلەرگە پۈركەنگەن بىر كۈندە، باھارنىڭ خەۋەرچىسى بولغان نەۋرۇز، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو – ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

بۇ يىل نەۋرۇزنىڭ گۈللىرى، «2013 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئەسكىشەھىر» دە ئېچىلىدۇ.

ئەسكىشەھىرنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەممە ياقتا خۇشاللىق ساداسى ياڭرىماقتا.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەمرۇللاھ ئىشلەر بىلەن مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى، نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بۈگۈن ئەسكىشەھىردە تۈرك دۇنياسى پايتەختى يېپىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

30 دۆلەتتىن 300 تېلېۋىزىيە قانىلى نەخ مەيداندىن تارقىتىدىغان مۇراسىم، تۈرك دۇنياسىنى ئۇچراشتۇرىدۇ.

مۇراسىمدا 30 دۆلەتتىن كەلگەن ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى بىر – بىرىدىن قېلىشمايدىغان تۈرلۈك نومۇرلارنى ئورۇنلايدۇ.

http://www.trtuyghur.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=d70db618-a35e-4138-89f3-4978330677cd

Share
2429 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.