logo

trugen jacn

بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازار بارتوغراق كەنتىنىڭ زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى ۋەزىيىتى

image

 قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يەكشەنبە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەلىرىدىن كېيىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرىغا قاراشلىق كەنتلەردە ھېلىھەم پەۋقۇلئاددە جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتىكەن.

بۈگۈن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرىغا قاراشلىق 3-كەنت، يەنى بارتوغراق كەنتىدىكى مەلۇم بىر دېھقان تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ۋەقە جەريانىدا ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئۈچ كۈن بولدى، ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇرۇۋاتىمىز. بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنتتىن مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلدى، سىرتقا چىقىشقا، رۇخسەتسىز باشقا يۇرتلارغا كېتىشكە بولمايدۇ دەيدۇ. شۇڭلاشقا ئېتىز-ئېرىققا بارغاندىن باشقا، كەنت سىرتىغا چىقمايۋاتىمىز.»

«يەكشەنبە كۈنى مەن ئېتىزغا بېرىپ سۇ تۇتقان ئىدىم. يېزا بازىرى تەرەپتىن گۈم قىلغان پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم ئۇدا پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. مەھەللىگە كەلسەم جىددىيچىلىك بولۇپ كېتىپتۇ. مەن باشقىلاردىن يېڭىسار ۋە تېرەكبازار يېزىلىرىنىڭ يېزا بازىرىدا، يەنى يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانا بىنالىرى ئالدىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.»

«شۇ كۈنى دەسلەپ بىرقانچە سائەتكىچە ناھىيە تەۋەسىدە تېلېفون ئۈزۈپ تاشلاندى. بىز ھېچيەرگە تېلېفون ئۇرالمىدۇق. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونلار بىر-ئىككى كۈنگىچە ئۇلانمىدى. بۈگۈن تېلېفونلار ئەسلىگە كەلدى.»

«ئاڭلىشىمىزچە، يېڭىسار ۋە تېرەك بازار يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى بىلەن ساقچىخانىلار ئالدىدا ماشىنىلارنىڭ پارتلىغانلىقى مەلۇم. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان ئەھۋاللارمۇ بار ئوخشايدۇ. بىزنىڭ ئۆي يېڭىسار بازىرىنىڭ 3-كەنتىدە، يەنى بارتوغراق كەنتىدە. يېزا مەركىزىگە 3 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما بۇ پارتلاش ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بولمىغاچقا قانچە ئادەم ئۆلۈپ، قانچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلمىدۇق.»

«مەكتەپلەرمۇ تاقالدى. بالىلار ئۆيدىن سىرتقا چىقمايۋاتىدۇ. يېزا بازىرىدا ھەربىي ۋە ساقچىلار كۆپ، ھەربىي ھالەت داۋام قىلىۋاتىدۇ. جىددىيچىلىكنىڭ قاچان بوشايدىغانلىقىنى بىلمىدۇق. بۈگۈر ناھىيە بازىرىغا قاتنايدىغان قاتناشلارمۇ توختىتىلىپتۇ.»

«كەنتتىن ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ نوپۇس تىزىملايمىز دەپ ئۇقتۇردى. بىزنىڭ مەھەللىگە تېخىچە كەلمىدى. كەنتتىن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلەرنى تىزىملاۋاتقان ئوخشايدۇ.»

بىز شۇنىڭدىن كېيىن، بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار بازار 3-كەنت (بارتوغراق كەنتى) نىڭ سېكرېتارى ئابلىكىمگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى 3 كۈن داۋامىدا بۇيرۇق بويىچە كەنت ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جىددىيچىلىك ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاپلىغان ئىشخانىسىدا تۇرۇپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى:
«بىزنىڭ كەنتتە مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار، ھەممىسى ئۇيغۇر. يېڭىسار يېزا بازىرىغا يېقىن كەنتلەرنىڭ بىرى. يەكشەنبە كۈنى يېڭىسار يېزا بازىرىدىكى پارتلاشتا بىزنىڭ كەنتتىن ئىككى كىشى ئېغىر يارىلاندى. ئۇلارنىڭ بىرى بىزنىڭ كەنتنىڭ كادىرى، يەنە بىرى بىر دېھقان. پارتلاشتا ئۇلاردىن بىرىنىڭ قولى، يەنە بىرىنىڭ پۇتى ئېغىر زەخىملىنىپ ئۈزۈلگەن ئوخشايدۇ. ئۇلارنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ھازىرچە تېخى ھوشىغا كەلمىگەچكە ئۇلاردىن ئەھۋال سورىغىلى بولمىدى».

«مەن ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كەنت ئىشخانىسىدا كېچە-كۈندۈز تۇرۇۋاتىمەن. يۇقىرىدىن ئىشخانىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت يوق دېگەچكە، سىرتقىمۇ چىقالمىدىم. بىزنىڭ كەنتتىن پارتلاشتا ئۆلگەن كىشى يوق، لېكىن بايا دېگەندەك ئىككى كىشى ئېغىر يارىلاندى.»

«پارتلاش تېرەكبازار يېزا بازىرى بىلەن يېڭىسار يېزا بازىرىدا يۈز بەردى. بۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ساقچىخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك پارتلىتىش ئىكەن. ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر دۇكاننىڭ ئالدىدىمۇ پارتلاش يۈز بېرىپتۇ. قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇنى بىزگە ئۇقتۇرمىدى.»

«يېزىمىز تەۋەسىدە مەكتەپلەرمۇ تاقالدى، بۈگۈنمۇ بالىلار ئۆيدە، مەكتەپكە بارمىدى. ھەربىي ھالەت داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزگە مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە پۈتۈن كەنتتە ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ نوپۇس تىزىملاش ئۇقتۇرۇشى كەلدى. سىرتقا چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، نېمە ئىش بىلەن كەتكەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئايرىم-ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇپ يۇقىرىغا يوللايدىكەنمىز. بۇ ئىشقا ساقچىخانىلار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمىز.»

«بۇ ئىشنى قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كەلگەنلەرمۇ ھەم بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئىچىدىكىلەرمۇ بار دەپ ئاڭلىدۇق. ھازىرچە يۇقىرىدىن بۇ توغرىلىق ئېنىق ئۇقتۇرۇش بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تېخى بىلمىدۇق. ھۇجۇمدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقانلارمۇ بار دەيدۇ. ئىشقىلىپ بۇ ھەقتە ھەر خىل گەپلەر بار، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن بىزگە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/bugurde-partlash-09232014151546.html

Share
1739 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.