logo

trugen jacn

بۇ يىل 9 ۋە 10. ئايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار

image

مېھرىبان

2014-u1226-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014 – يىلى28 – ئىيۇل «يەكەن ئىسيانى»دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىم ۋەزىيەت بەرپا قىلىشقا تىرىشتى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنىلا يۈز بەردى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ بولدى. 9 – ، 10 – ئاي مەزگلىدىكى« 21 – سېنتەبىر بۈگۈر ئىسيانى»، «12 – ئۆكتەبىر مارالبېشى زەنجىرسىمان پارتلاش» قاتارلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، دائىرىلەر ئۆيمۇ – ئۆي ئاختۇرۇپ ئادەم تۇتتى. 23 – سېنتەبىر كۈنى يەنە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى،زور ئىنكاس قوزغىغان خەلقئارالىق چوڭ ۋەقەگە ئايلاندى.

9 – ۋە 10 – ئاي دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيىلەردىلا ئەمەس بەلكى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرى ۋە چەتئەللەر چېگرىسىدا خىتاي زۇلمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تۇتقۇن ئوبىكتى قىلغان مەزگىل بولدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 2014 – يىل 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە «دىنىي رادىكللىققا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ئاساسى نۇقتا قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 9 – ئايدىن 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 115 تېررورلۇق گۇرۇھىنى تار – مار قىلغانلىقىنى، 334 كىشىنى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىقىنى، 294 كىشىنى سوتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان، سوتلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:

1. 10 – سېنتەبىر ۋېيتنام – خىتاي چېگرىسىدا 16 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

خىتاي خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى ئوغرىلىقچە چېگىرىدىن قاچماقچى بولغان 16 كىشىنى قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەر 10 – سىنتەبىر كۈنى كېچىدە دۇڭشىڭ شەھىرىدىكى بىر يول ئارقىلىق چېگرا ئاتلاپ ۋېيتنامغا قاچماقچى بولۇپ تۇرغاندا بايقىلىپ قالغان ۋە ئىككى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسدە قولغا ئېلىنغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىپى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ئېھتىمالى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2. 12 – ،17 – سېنتەبىر كۈنلىرى «1 – مارت كۈنمىڭ ۋوگزالى ۋەقەسى»گە چېتىشلىق 8 ئۇيغۇر سوتلاندى

خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى 12 – سېنتەبىر جۈمە كۈنى «كۈنمىڭ ۋوگزال ھۇجۇمى» غا چېتىشلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. مەھكۇملاردىن ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن تۇنياز، ھۈسەيىن مەمەت ئۆلۈم جازاسىغا، پاتىگۈل توختى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

17 – سېنتەبىر كۈنمىڭ شەھەرلىك سوت يەنە تۆت ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.سوت يۈننەندە ئېچىلغان بولۇپ، سوت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ۋە يۈننەنلەردە بومبا ياسىغانلىقىنى ۋە «جىھاد» قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىگە ئالاقىدار ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتلار كۆرسىتىلمىگەن.

2013 – يىلى 1 – مارت يۈز بەرگەن كۈنمىڭ ۋوگزالىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ قولغا ئېلىنغان مەھكۇملار «تېررورلۇق، قاتىللىق» بىلەن ئەيىبلەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق ۋەقەدە 31 ئادەم ئۆلگەنلىكى ۋە 141 ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

3. 23 – سېنتەبىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23 – سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي، «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىدىن كېيىن 21 – نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت قايتا چىقارغان ھۆكۈمنامىسىدە ئىلھام توختىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەمما ئۇنىڭ بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىياز، مۇتەللىپ ئىمىن، ئابدۇقېييۇم ئابلىمىت، ئاتىكەم روزى، ئەكبەر ئىمىن ۋە لو يۈۋېي قاتارلىق 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سوتى ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىدىن ئايرىۋېتىلىپ 25 – نويابىر ئۇلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان.8 – دېكابىر سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئىلھام توختىنىڭ 7 ئوقۇغۇچىسىغا 3 يىلدىن 8 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

سوت مەھكىمىسى جازا ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قايسىسىغا قانچە يىلدىن جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.

4. 21 – سېنتەبىر بۈگۈر زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە 100 نەچچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

26 – سېنتەبىردىكى خىتاي مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، 21 – سېنتەبىر بۈگۈردە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 100 دىن ئارتۇق گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە 21 – سېنتەبىر يۈز بەرگەن 3 قېتىملىق پارتلاشتا ۋە ئىسيانچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 52 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇلارنىڭ 10 نەپىرىنىڭ 4 ساقچى ۋە 6 نەپەر خىتاي پۇقراسى، قالغان 42 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىسيانچىلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ئاخباراتى 26 – سېنتەبىر جۈمە كۈنى 21 – سېنتەبىر «بۈگۈر ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچىلار رەھبىرىنىڭ مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، 26 – سېنتەبىرگىچە گۇماندارلاردىن 100 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 29 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە 21 – سېنتەبىر بۈگۈر ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان 115 نەپەر تۇتقۇنغا «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش» بويىچە دەرس ئۆتۈلگەنلىكى، ئۇلاردىن 45 نەپىرىنىڭ توۋىنامە يازغانلىقى، 11 نەپىرىنىڭ دائىرىلەرنى دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

5. 9 – ئۆكتەبىر تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى 21 ياشلىق ئابدۇللاجان خىتاينىڭ گۇاڭشىدىكى پىڭشياڭ تۈرمىسىدە قازا قىلغان

ئىگىلىشىمىزچە، 9 – ئۆكتەبىر سەھەر گۇاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىدىكى ساقچىلار، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان دېگەن گۇماندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 9 ئايدىن بۇيان مەزكۇر تۈرمىگە قامالغان 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇللاجاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ، قولىدا تۈركىيىنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى بار تۇرۇقلۇق دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

6. 10 – ئۆكتەبىر گۇما كونا بازاردا 6 خىتاي ساقچىسىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن 2 ئۇيغۇر ئېتىۋېتىلدى

رادىئومىز 14 – ئۆكتەبىر ئېنىقلىغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10 – ئۆكتەبىر كۈنى گۇما كونا بازاردا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى نەپەر پىدائىي، 6 نەپەر ساقچى ۋە بىر خادىمنى ئۆلتۈرگەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن ئابدۇرېھىم تۇنىياز ۋە ئابلىكىم ئابدۇرەھىم ئىسىملىك بۇ ئىككى ئۇيغۇر ھۇجۇمچى ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 12 – ئۆكتەبىر كۈنى گۇما تەكشۈرۈش پونكىتىدا، پونكىتتىكى قوراللىق ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان چېغىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. ئەمما ھۇجۇمچىلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، يەنە ئىككى ساقچىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغان.

7. 12 – ئۆكتەبىر مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 18 خىتاينى ئۆلتۈرگەن تۆت نەپەر ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

خىتاي تەرەپ 12 – ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە 12 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەن.

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر.

8. 13 – ئۆكتەبىر 8 – ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ئىسيانىغا قاتناشقانلاردىن 27 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت 13 – ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كوللىكتىپ سوت ئېچىپ، 27 نەپەر ئۇيغۇرنى يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»گە چېتىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان.

قەشقەر ئوتتۇرا سوتى ئوسمان ئابلەت، يۈسۈپ ئابلەت، جۈمە قادىر، مەمتىمىن ئۆمەر قاتارلىق 12 ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ياساش، ئوت قويۇش، گۆرۈگە ئېلىش، خەتەرلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاممىۋى تەرتىپكە تەھدىت سېلىش…» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە بۇيرۇغان. راخمان سادىر قاتارلىق 15 ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئېلى تۇرسۇن قاتارلىق 9 ئۇيغۇرغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئارزۇگۈل ئامان قاتارلىق 20 ئۇيغۇرغا 4 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

9. 28 – ئۆكتەبىر قەشقەدە 3 ئۇيغۇر ھېيتكاھ جامىسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ سوتلاندى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 30 – ئىيۇل يۈز بەرگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان 3 نەپەر ئۇيغۇر 28 – ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى قەشقەردە سوتلانغان. قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت غېنى ھەسەن بىلەن نۇرمەمەت ئابلىمىت ئىككىيلەننى تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ۋە قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئاتاۋۇللا تۇرسۇننى تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tutqan-qilinghanlar-12262014185050.html

Share
1896 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.