ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان تاشقى سودا سوممىسى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ، ئومۇمى سودا ھەجمى ئۆتكەن يىلقىدىن 26.5 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان تاشقى سودىسى ئەڭ كۆپ ئازايغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان تاشقى سودىسى 41.2 پىرسەنت، رۇسىيە بىلەن بولغان تاشقى سودىسى 46.3 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان سودىسىمۇ ئىككى رەقەملىك ئازايغان. ئانالىزچىلار، بۇنىڭ قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىكى ئىقتىسادى كرىزىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى سودا مەركىزى قىلىش پىلانىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، غەربنىڭ رۇسىيەگە قويغان ئېمبارگوسى، قازاقىستان تەڭگە ئابورتىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، دوللارنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللار تەسىر قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئايلىق تاشقى سودا سوممىسى 101 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭ 90 مىليارد 700 مىليون يۈەنىنى ئېكسپورت، 11 مىليارد 100 مىليون يۈەنىنى ئىمپورت ئىگىلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان تاشقى سودىسى 30 مىليارد يۈەن، رۇسىيە بىلەن بولغان سودىسى 4 مىليارد 650 مىليون يۈەن ئازايغان.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.