logo

trugen jacn

بۇگۈن 12 نەپەرئۇيغۇرغا ئۆلۈم, جەمئى 81 نەپەر ئۇيغۇرغا جازا ھۈكۈم قىلىندى

998-7-cin-zulmu-devam-ediyor-ihh-fotogaleri[800x532]

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛  بۇگۈن (6.ئاينىڭ 5.كۈنى) خىتاي مەركىزى تىلىۋىزور ئىستانسىسى، چۆچەك،ئۇرۇمچى،ئاقسۇ،ئاتۇش،قەشقەر،خوتەن قاتارلىق يەرلەردىكى سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن 23 دىلوغا چىتىشلىق  ئابدۇباسىت قادىر،ئابلىز ماخمۇت،نۇرمەمەت ئابدۇكەرىم،تۇرغۇن غۇپۇر قاتارلىق 81 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئىلان قىلىنغانلىقىنى،بۇنىڭ ئىچىدە 9  ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەنلىكى  ئىلان قىلىندى
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى “تىرور جىنايىتى” بىلەن ئەيىپلەنگەن

  X                                       X                                        X                               X

ئۈرۈمچى 22.ماي پارتلاش ۋەقەسىدىن كىيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن،تۇتۇپ كىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن،تۇتۇپ كىتىلىپ تۇرمىلاردا دەھشەتلىك تەن جازاسىغا ئۇچىراۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىنتايىن كۆپ.ۋەتىنىمىزدە تۇرمىلار يىتىشمەي ھەربىي گازارمىلار ئۇيغۇر ياشلىرىنى سۇلايدىغان ۋاقىتلىق تۇرمىغا ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسىدى ئىنىق؛قورقۇنچاق پەننى،دىنى زىيالىلار ئارقىلىق ”تاشنى تۇخۇمغا ئۇرمايلى“   تەشۋىقاتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى تەكرار قۇشخانىغا ئۆزى بارىدىغان پادىغا ئايلاندۇرۇش

تارىختا زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ھىچبىر ئۇيغۇرنىڭ نامى قالمىدى.  بۇگۈنگىچە نامى – شەرىپى بىز بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان قەھرىمانلىرىمىز زۇلۇمغا كەسكىن قارشى چىقىپ  شەھىت بولغان ۋەتەن ئەۋلاتلىرىدۇر

 

مەنبە

新疆集中宣判一批涉暴恐案件

 

http://news.ts.cn/content/2014-06/05/content_9742135.htm

新疆公开宣判81名暴恐嫌犯:9人死刑 3人死缓

http://news.ifeng.com/a/20140605/40606558_0.shtml

Share
1531 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.