logo

trugen jacn

بۇگۈن 32 نەپەر ئۇيغۇرغا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

8c89a58fbca515298db827

 ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 10 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ”زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىسىغا چېتىشلىق 11 جىنايى دېلو“غا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى، 32 نەپە ئۇيغۇر جاۋابكار ئىچىدىكى ئۈچ جاۋابكار مۇددەتسىز قامات جازاسىغا، 29 جاۋابكار 15 يىللىقتىن تۆت يىللىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

  قاماق جازاسىغا ئۇچىرىغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرى ; ئالىمجان سىيىتئۆمەر,شاھداۋۇت مەمەت ,ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم، مەمەتھەسەن توختى, روزىمەتجان ئىمىن ,دىلشاد ئابلا,ئەخمەت قادىر، شىرئەلى موللىتۇردى، ئابدۇرېھىم موللامەمەت,تاجىمەمەت ئەمەت, ئەمىرۇللا تۇرسۇن , نۇرگۈل يۈسۈپ, ئەخمەت مەمەتئىمىن… قاتارلىقلار

ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان مەنتىقسىزلىق شۇكى؛ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا قانۇنلۇق بىر توردا بىر شىئىر ئىلان قىلغان دىلشاد ئابدۇللاغا مۇدەتتسىز قاماق جازاسى بىرىلگەنلىكى ۋە ئۆمۈرۋايەت سىياسى ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىلگەنلىكىدۇ.بۇنچىۋالا قاتتىق جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ھەممىسىىگە ئارتىلغان ”جىنايەت“ تورغا چىققان،ۋىدىيو كۆرگەن،ئۈندىدار ئارقىلىق  باشقىلارغا ئۇچۇر يوللىغان“دىن ئىبارەت بولۇپ،پۈتۈن دۇنيادا جىنايەت ھىساپلانمايدىغان پىكىر،مەتبۇئات ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى پۇخلارلار ھۇقۇقىغا ئائىت نورمال پائالىيەتلەردۇر

مەنبە
تەڭرىتاغ تورى

Share
1682 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.