logo

trugen jacn

بۇگۈن غولجىدا 55 نەپەر ئۇيغۇرياشقا ئۆلۈم ۋە قاماق جازاسى ئىلان قىلىندى

201405272302china1

201405272302china2

 

بۇگۈن (2014.يىلى 5.ئاينىڭ 27.كۈنى) چۈشتىن كىيىن غۇلجىدا ئۇچۇق سوت ئەچىلىپ ئابدىلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىندى.ئابدىغەنى ياسىن قاتارلىق 52 نەپەر ئۇيغۇر ياش مۇددەتسىز،مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىدى.55 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى “تەرور” جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى

قوللىرىغا ئارقىسىدىن كويزا سەلىنغان،باشلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى ئەگدۈرۈلگەن ياش يىگىتلەرنىڭ بۇغىزىغا باغلانغان ئىنچىكە تەمبۇر سىمىنى ئارقىسىدىكى خىتاي ساقچىلار چىڭ تارتىپ تۇرغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىشى مۇمكىن بولمىدى

سوت يىغىنىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇراللىق خىتاي ئەسكىرى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا سۆز قىلغان ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكۇم سىكىرتارى لى مىڭخۇي، “ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بىرىش” توغرىسىدا تىلىنىڭ يىتىشىچە پوپۇزا قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قىرىپ تاشلاشقا يىتىدىغا كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى ئىما قىلدى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قەبىھ ھاقارەتلەرنى قىلدى
سوت مەيدانىغا غۇلجا شەھەر،جىليۈزە،قورغاس ۋە چاپچالدىن يىغىپ ئەكەلگەن 7000 نەپەر دۆلەت كادىرلىرىنى ئەكىلىپ ئولتارغۇزدى ۋە قوللىرىغا قىزىل بايراق تۇتقۇزۇپ،ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋاملىك شۇئار توۋلاتقۇزۇپ تۇردى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ھۈكۈم كىسىلگەن 55 نەپەر تۇتقۇن مۇجاھىت پەرزەنتى،ئۇستى ئۇچۇق ماشىنىلارغا يالاپ بەسىلىپ غۇلجا شەھەرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەممە كوچىلىرىدا سازايى قىلدۇرۇلدى

غۇلجا خەلقى 1997.يىلى 5.ئاپىرىل قانلىق باستۇرۇشتىن كىيىن بۇگۈن ئەڭ قايغۇلۇق مۇسىبەت ۋە چارىسىزلق ئىچىدە قەدىردان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈمگە،تۇرمىغا كىتىۋاتقانلىغىنى دەرۋازىلىرى ئالدىدا كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا كۆرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى

يەنە بىر تەرەپتىن خۇتەن ئوتتۇرا سوت،خۇتەندە ئابلىز داۋۇت،     روزىمەمەت ئوبۇلھەسەن، ئابباس سىراجىدىن، مىجىت مۇھەمەتئىمىن، ئابلىمىت (ئابدۇدىلىمىت) مەخمۇت قاتارلىق 5 نەپەر مۇجاھىت ياشنى بىر توننا 800 كىلو پارتلاتقۇچ بىلەن پائالىيەتكە ئۆتۈش ھارپىسىدا تۇتۇۋالغانلىغىنى تەنتەنە قىلىپ،خۇتەندە ئۆي-ئۆيدىن ياش بالىلارنى تۇتۇپ كەتمەكتە

خۇتەنلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆلىرى ياش،يۈرەكلىرى قان ”ئاھ،خۇدا! سەن نەردە؟؟؟“ دىيىشىپ پەريات قىلماقتا

 

Share
1920 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.