logo

trugen jacn

بىز مىللەتنى تەنقىتلەشكە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا ھازىرمۇ؟

 

مەمەت ئىمىن

”بىز ئۆز ئارا ئىتىپاقلاشمايدىغان مىللەت. بىز تىرىشمايدىغان مىللەت. بىز كىتاپ ئوقۇمايدىغان مىللەت. بىز تەرەققى قىلمايدىغان مىللەت. بىز مۇشۇ سەۋەپلەردىن ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالغان مىللەت.“ ئىشىنىمەنكى كۆپۈنچىمىز بۇ خىلدىكى مىللەتنى تەنقىتلەيدىغان تاپاتەنە سۆزلەرنى ۋە شىكايەتلەرنى ئاڭلىغان، ۋە ئۇنىڭغا قارىتا، ”ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىللىكى بار، ھازىر بۇلارنى تالاش تارتىش قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس“ ۋە ”بىز مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىپ، دۈشمەننى خوش قىلماسلىقىمىز كىرەك“دىگەندەك ئىنكاسلارنى قايتۇرغان، ياكى مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىن تەنقىت قىلغۇچىلارغا قىتىلىپ، ”كىسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا توغۇرا دىياگۇنۇز قويۇش كىرەك، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكىنى تونۇپ يەتمىسەك، بىزدە قانداق ئىلگىرلەش بولسۇن؟“ دىگەندەك ئۆز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتۇرغا قويغان.

شۇنداق، بىزدە ”كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە“ دەيدىغان ئاتا سۆز بار.  ئىنسان ئەگەر ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلاي دىسە، چوقۇم ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنى ئىتىراپ قىلىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى كىرەك. پۈتۈن بىر مىللەتمۇ، ئەگەر ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلاي دىسە، چوقۇم ئۆز ئىللەتلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنى ئىتىراپ قىلىشى كىرەك. بىراق بۇ يەردىكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ھەرگۈزمۇ نۇقۇل ھالدىكى ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەش، ئۆز ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىش بولماستىن، بەلكى ئۆزىدە ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئۆزىگە ئادىل باھا بىرىش ئارقىلىق، ئۆز خاتالىقىنى، ئۆز كەمچىللىكلىرى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرلەش ۋە ياخشىلىنىش پەيدا قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ھەرقانداق بىر شەخىس، ھەرقانداق بىر گۇرپا ۋە ياكى ھەرقانداق بىر مىللەت، ئۆز خاتالىقىغا ئىگە چىقىپ، ئۆز قىلمىشىغا مەسۇل بولۇپ، ئۆزىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئۆز ئىگەدارچىلىق قىلالىشى، نىمە قىلىش، نىمە سۆزلەش، قانداق قىلىش، قانداق سۆزلەشكە ئۆزى قارار بىرەلىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ شەخىس، ئۇ گۇرپا ۋە ياكى ئۇ مىللەت ئۆتكۈزگەن خاتالىق، ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۇلارنىڭ ئىلكىدە بولمايدۇ. مەيلى شەخىس بولسۇن ۋە ياكى پۈتۈن بىر مىللەت بولسۇن، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئالدى بىلەن ئۇ شەخىس ياكى ئۇ مىللەت ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى، ئۆزىگە مىھرىبان بولىشى، ئۆز ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان بولىشى كىرەك.

ھازىر، گەرچە ھەر بىرىمىز بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئايرىم ئايرىم شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن بەلگۇلۇك ھەق ھوقۇقلارغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىچ بىر جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چىقىش، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، مۇستەققىل تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نىمە سۆزلەش، نىمە قىلىش، قانداق سۆزلەش، قانداق قىلىش قاتارلىقلارغا ئۆزى قارار بىرەلمەيدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز خەلقىنى، ئۆز قىممەت قاراشى، ئۆز ئىتىقادى ۋە ئۆز ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى بىلەن تەربىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتى، پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ھازىرقى شاراھىتتا ئۇيغۇر مىللىتىدىكى كىسەل مەيلى يوشۇرۇلسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىنىق دىياگۇنۇز قويۇلسۇن، مىللەت ئۇنى ساقايتىش ئىمكانىيىتىگە، يەنى ئۆزىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ۋە ئىللەتلەردە ئۆزگۇرۇش پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ھازىرقى شاراھىتتا بىزنىڭ، مىللەتنى ئەيىپلىشىمىز، مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشىمىز  ھەرگۈز ئىجابى رول ئوينىمايدۇ، ئەكسىنچە ئۇ مىللەتكە سەلبى تەسىر كۆرسۈتۈپ، مىللەتتە ئۈمۈتسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مەن، ”ھازىر مىللەتنى بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەنقىت قىلىدىغان ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان توغۇرا زامان ئەمەس“ دەپ قارايمەن.

مىنىڭچە بىز ئەڭ ياخشىسى مىللەتنى تەنقىت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىشنى، سەۋەنلىكنى مىللەتتىن ئىزدەپ، مەسۇليەتنى مىللەتكە يۈكلەشنىڭ ئورنىغا، ئۆز ئۆزىمىزدىن ”مەن مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز مەسۇليىتىمنى ئادا قىلدىممۇ؟“ دەپ سوراپ بىقىشىمىز كىرەك. ھازىر بىزگە نىسبەتەن ئەڭ موھىم بولغىنى، ئۆزىمىزگە بولغان مىھرىبانلىق، يەنى ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز ئارا دەستەك بولۇش، ئاكىتىپ مۇھىت يارىتىش ۋە ئۆز مەسۇليىتىمىزنى ئادا قىلىشتۇر.

ئۆز ئۆزىمىزگە بولغان مىھرىبانلىق بەك موھىم، چۈنكى ئەگەر بىز خورلۇق ئىچىدە ئۆز ئۆزىمىزگە كۆيۈنەلىسەك، ئاندىن بىز باشقىلارغا قول ئۇزىتالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتالايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان بولىمىز.

ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش (self compassion) دىگەندە ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈش (self kindness)، ئورتاق ئىنسانلىق (common humanity) ۋە تونۇپ يىتىش (mindfulness) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈش (self kindness) دىگىنىمىز ئىنساننىڭ ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىنى، ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك بىلەن ھۆكۈم چىقارماسلىقنى، ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىگە ھۇجۇم قىلماستىن، بەلكى ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئورتاق ئىنسانلىق (common humanity) دىگىنىمىز ئىنساننىڭ نۇقسانسىز ئەمەسلىكىنى، ھەممە ئادەمنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، خاتالىق ئۆتكىزىدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بىشىغا ئوخشىمىغان دەرتلەرنىڭ كىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، مۈكەممەلسىزلىكنىڭ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەستە ساقلاپ، باشقا بالا كەلگەندە ئۆزىمىزنى يالغۇز ھىس قىلماسلىقىمىزنى كۆزدە تۇتىدۇ. تونۇپ يىتىش ياكى تۇيۇش (mindfulness) دىگەندە ئىنسانلارنىڭ قايغۇسىنى ۋە ياكى بىشىغا كەلگەن كىلىشمەسلىكلەرنى ياخشى كۈزۈتۈپ، ھەم ئۇلارنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى كۆرمەسكە سالماسلىقنى، ھەم ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلگەن قايغۇ ھەرسەرلىرىنى ۋە بالايى ئاپەتلەرنى كۆپتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرت قوشماسلىقنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولمىغان، يەنى ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنمىگەن ئىنساننىڭ، باشقىلارغا ھىسىداشلىق قىلالىشى، باشقىلارغا كۆيۈنىشى مۈمكىن ئەمەس.

 

ئۆز ئۆزىمىزگە مىھرىبانلىق بولسا، ئىنساننىڭ بولۇپمۇ كىرىزىسقا ۋە مەغبۇبىيەتكە دۇچ كەلگەنىدە، ئۆز ئۆزىگە دەستەك بولۇشى ۋە ئۆز ئۆزىگە كۆيۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز ئۆزىنىكونتۇرۇل قىلىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق

ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش (self criticism) دىگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە باھا بىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنى ئاكىتىپ ۋە پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىش مۈمكىن. ئاكىتىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دىگىنىمىز ئۆزىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا بولىدىغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ. پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دىگىنىمىز ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغان ئاساستا بولىدىغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولۇپ، ئۇ ئۆز ئۆزىنى رەت قىلىش ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئىنسانلارغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.  پاسسىپ بولغان ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئىنسانلاردا ئۆز ئۆزىنى كەمتۈك تونۇش (disrupted self-identity)  خارەكتىرلىق پىسخىلوگويەلىك بىنورماللىق پەيدا قىلىدۇ.

ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش ۋە ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ئادەتتە بىر بىرى بىلەن ئۆز ئارا زىچ باغلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ھەر زامان مەلۇم تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كىرەك. ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولمىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغان، نوقۇل ھالدىكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، يەنى ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۆزىنى رەت قىلىش بولسا، بىر خىل پاسسىپ بولغان بىنورمال قىلمىش بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى، چۈشكۈنلىككە، ئۆز ئۆزىنى كەمسىتىشكە، ئۆز ئۆزىنى جازالاشقا، ئۆز ئۆزىنى ۋەيران قىلىشقا ۋە مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. تەتقىتقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز ئۆزىگە مىھرىبان بولۇش يىتەرسىز بولغان، بىراق ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنسانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە ھىسىداشلىق قىلىش ئىستىكى بەك كۈچلۈك بولۇپ، ھەممە ئىشتا پەقەت ئۆزىنى ئويلايدىغان، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان بولسا ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش بولمىسا، ئۇنداق ئىنسانلاردا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىللىك ۋە زومىگەرلىك خائىشى پەيدا بولىدۇ، نەتىجىدە چوڭ خاتالىق ۋە ۋەيران بولۇش كىلىپ چىقىدۇ.

ئىنسان، ئۆز ئۆزىنى قوبۇل قىلىشى كىرەك، بولمىسا ئۆز ئۆزى بىلەن پىتىشالمايدۇ. ئىنسان، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى كىرەك، بولمىسا باشقىلار بىلەن پىتىشالمايدۇ.

نورمالدا، ھەر قانداق مۇستەققىل بىر شەخىس بەلگۈلۈك دائىردە ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىغا ئۆزى قارار بىرەلەيدۇ. يەنى ئۇ شەخىس مەيلى ياخشى قىلسۇن ياكى يامان قىلسۇن، توغرا قىلسۇن ياكى خاتا قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزى قارار بىرىدۇ، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا ئۆزى ئىگە چىقىشى ياكى ئۆزى مەسۇل بولىشى كىرەك. ئەگەر خاتا قىلغان بولسا، خاتالىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى، بىر خىل مەسۇليەتچانلىق، دادىللىق ۋە مەرتلىك. بىراق ھەر بىرىمىز مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن بىر مىللەتنى تەنقىت قىلىشقا، ئۇنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا كەلگەندە ئىشلار ئۇنداق ئاددى ئەمەس.

ئالدى بىلەن، مىللەت ھەممىمىزگە تەۋە، بىراق مىللەت ھىچ بىرىمىزنىڭ شەخسى تەۋەرۈكى ئەمەس. مىللەت دىگەن ئورتاق تىل، ئورتاق مەدىنىيەت، ئورتاق جۇغراپىيە ۋە ئورتاق تارىخقا ئىگە بولغان بىر گۇرپا كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى. مىللەت، ئۇ بىر ئابىستراكىت ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان كونكىرىت ئىنسانلار توپلىمىدىن تەشكىل تاپقان، يەنى كونكىرىت ئىنسانلارسىز، مىللەت ياكى خەلق مەۋجۇت بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىكى بەزى ئىللەت ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى ئۇنىۋەرساللاشتۇرۇپ، ئۇنى نوقۇل ھالدا مىللەتنىڭ ئۈستىگە يۈكلىسەك، توغۇرا بولمايدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىكى مەسىلىنى خەلقكە، مىللەتكە ئارتىپ، خەلقنى، مىللەتنى ئەيىپلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ سىرتىغا قويساق، ئۆز مەسۇليىتىمىزدىن قاچقان بولىمىز.

مىللەتنىڭ مەسىلىسى دىمەك بىزنىڭ ئورتاق مەسىلىمىز دىمەك. مىللەتنىڭ ئىللىتى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ، كەم دىگەندە كۆپۈنچىمىزنىڭ ئىللىتى دىمەك. مىللەتنىڭ نومۇسى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ نومۇسى دىمەك. مىللەتنىڭ شان شەرىپى دىمەك ھەر بىرىمىزنىڭ شان شەرىپى دىمەك. ھەر بىرىمىزنىڭ كۈچلىنىشى مىللەتنىڭ كۈچلىنىشىدۇر؛ ھەر بىرىمىزدىكى ئورتاقلىقنىڭ ۋەيران بولىشى ۋە يوقىلىشى مىللەتنىڭ يوقىلىشىدۇر.

ئىككىنجىدىن، ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئايرىم ئايرىم مۇستەققىل بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىش ئەركىنلىكىمىز بار، بىراق ھەر بىرىمىز بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللەتنى تەنقىتلىمەكچى بولغاندا ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئاچماقچى بولغاندا، ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتىشىمىز، مىللەتنىڭ مەنپەتىنى ئاساسى ئورۇندا قويىشىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ھە دىگەندە مىللەتنى ئەيىپلەشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.

بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلىشىمىزدىن مەخسەت ئۆزىمىزدە ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈندۇر. مىللەتنى تەنقىت قىلىش ۋە ياكى مىللەتنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشمۇ دەل شۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا ئىجابى ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئۈچۈندۈر. شەخىسلەرنىڭ ئىللىتى كۆپۈنچە ھالدا شەخسى قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق مىللەتنىڭ ئىللەتلىرى كۆپۈنچە ھالدا شۇ مىللەت ياشىغان ئىجتىمايى جەمىيەت قۇرۇلمىسى،  مىللەتنىڭ شۇ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش ئەھۋالى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىللەت، ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ ئىللەتلەرگە سەۋەپ بولغان ئىجتىمايى قۇرۇلمىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالالىشى كىرەك. مىللەت ئۆز ئۆزىگە ئىگە چىقالىشى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىتىقادى ۋە ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرەلىشى كىرەك، كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى شۇ بويىچە تەربىلىيەلىشى كىرەك.

بىز نورمالدا يالغۇز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆز ھىس تۇيغىمىزغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە خەلقكە ۋەكىللىق قىلىپ ياكى ئۇلار توغۇرسىدا ئۇنىۋەرسال يەكۈن چىقىرىشقا ئادەتلەنگەنمىز. مەسىلەن ئۇيغۇرلار ئەقىللىق مىللەت، ئۇيغۇرلار تىرىشچان مىللەت، ئۇيغۇرلار ھورۇن مىللەت ۋە ياكى يەھۇدىلار ئۇنداق مىللەت، ياپۇنلۇقلار مۇنداق، ئىنگىلىزلار ئۇنداق مىللەت، گىرمانلار مۇنداق مىللەت دىگەندەك. ئەمىلىيەتتە بىز مەلۇم مىللەتنى تەرىپلەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن ھەرقانداق ئالاھىدىلىك شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كۆپ ساندىكى كىشىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ مىللەتتىن ئىبارەت ئابىستىراكىت بىر ئۇقۇمغا تەۋە ئەمەس، بەلكى كونكىرىت ئىنسانلارغا تەۋە ئالاھىدىلىكتۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىر بىر ئىنساننىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم IQ يەنى ئەقىل كۆسەتكۈچىسى بولۇپ، ئوخشىمىغان ئىرقى ۋە ئوخشىمىغان مىللەرتلەرنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى پەرىقلىق بولسىمۇ، يەنى بەزى مىللەتنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى يۇقۇرى، بەزى مىللەتنىڭ ئوتۇرچە ئەقىل كۆسەتكۈچىسى  تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق مەن مەلۇم مىللەت ئەقىللىق مىللەت، مەلۇم مىللەت دۆت مىللەت دىگەن ئۇقۇمغا مەن قىتىلمايمەن.

ھەرقانداق بىر مىللەت بىر پۈتۈن بىر گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇم يۈزلۈك ئەقىللىق ياكى ئومۇمى يۈزلۈك دۆت بولمايدۇ. پەقەت ھەر بىر مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلار ئىچىدە ئەقىللىق ئىنسانلار ۋە دۆت ئىنسانلار بولىدۇ.  ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولۇشى يالغۇز ئىنسانلارنىڭ ئىرسى ۋە ياكى تۇغما ئەقىل پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە مۇھىت ۋە شاراھىتقىمۇ باغلىق. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ئوخشاش ئىنسان ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنى تەكشۈرتكەندە، ئۇنىڭ نەتىجىسى پەرىقلىق بولىشى مۈمكىن. شۇ سەۋەپتىن كۆپۈنچى كىشىلەر، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆسەتكۈچىسىنى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قاتارىدا ئىشلىتىشكە قارشى تۇرماقتا.

ئۇندىن باشقا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى قىلماسلىقى، يالغۇز ئۇ مىلەتنىڭ ئەقىللىق ياكى ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان ئىجتىمايى جەمىيەت قۇرۇلمىسى، تەبىئى بايلىق، شۇ مىللەتنىڭ ئۇنىۋەرسال ساپاسى، ئىزدىنىشى، كۆڭەل قويىشى، تىرىشچانلىقى، ئىزچىللىقى ۋە قەتئى بوشاشماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئىلغار ياكى قالاقلىقى، ھورۇن ياكى ئىشچانلىقى، ھەرگۈزمۇ ئۇ مىللەتنىڭ پىشانىسىغا پۈتۈلگەن، ئۆزگەرمەس نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇ كۆپلىگەن ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەم ۋاقىت شاراھىتنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگۈرەپ تۇرىدىغان نەرسە.

ئالبىرت ئەينىستىن مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”مۇئاپىقىيەت قازىنىش، ئىنسانلارنىڭ قىززىقىشى، كۆڭەل قويىشى، قەتىئى بوشاشماسلىقى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشىدىن مەيدانغا كىلىدۇ“

بىزدە ”تازنى تاز دىسەڭ ئۆلگىسى كىلەر، ساقنى تاز دىسەڭ كۈلگىسى كىلەر“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، بۇ دىگەنلىك بىشى ساق ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تاز دىيىشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ، ئەكسىنچە تاز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تاز دىيىشۇدۇر دىمەكتۇر. يەنى ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان ۋە ياكى ئەيىپى كۆپ بولغان ئىنسانلار، ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشتىن ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشتىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىنسانلاردۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشى ۋە ياكى ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشى، ئالاھىدە دادىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل سەمىمى قىلمىش بولۇپ، ئۇ ئاجىزلىقنىڭ ئەمەس بەلكى ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەنلىكنىڭ ۋە كۈچلۈكلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنى ئىنسانلار ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىپ ۋە ياكى ئۆز ئەيىپىنى ئىچىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كۈچلۈك بولىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغدىشى كاپالەتكە ئىگە بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، يەنى ئۆزىنى قوغداش كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئاجىز ئورۇندا تۇرغان كىشىلەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلغاندا، ئۆزىنى تىخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى بۇ دۇنياغا يۈك دەپ قاراش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ.

مارتىن لۇزىر كىڭ مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىش سەۋىيەسىگە يىتىشى، ھەرگۈزمۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى ئۇ يۈكەسەك دەرىجىدە مۈكەممەللىشىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.“

ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدۇشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئى ۋە تۇغما بولغان ئىپتىدايى ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى ئاقلىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ شۇ تۇغما ئۆزىنى قوغداش ئادىتى دائىرسىگە كىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىڭى ۋە ئىھتىياجى، ئىنسانلارنىڭ بوۋاقلىق، بالىلىق ۋە ئاجىز ۋاقىتلىرىدا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى، بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ داۋاملىق ئاتا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتىشى، ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئاجىز تەرەپ ئالدى بىلەن بەكرەك داۋراڭ سىلىشى ۋە ئالدى بىلەن قولىغا قورال ئىلىشى قاتارلىقلاردۇر. ئىنسانلارنىڭ يىشىنىڭ چوڭىشىغا، جەمىيەتتىكى ئورنىڭ يۈكسىلىشىگە ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزىنى قوغداشقا بولغان ئىھتىياجى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.

ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە ياكى ھەرقانداق بىر شەخىس ئۆزىنى قوغدىيالىغىدەك ھالغا كەلمىگىچە، ئۇ مىللەت ياكى ئۇ شەخىس ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشقا ھازىر ئەمەس، يەنى ئۇ مىللەت ياكى ئۇ شەخىس ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشنى قوبۇل قىلالىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلالىشى ئاسان ئەمەس.

مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئەيىپىنى ئىچىشنى ۋە ياكى ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقى، ئۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئىنسان ياكى كەم دىگەندە ئۇ مىللەتكە تەۋە بولغان كۆپ ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە ئاستىدا ياشىغان ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت بوزەك قىلىنغان مىللەتلەر ئۇزۇن مۇددەت ئادالەتسىزلىك ئىچىدە ياشىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇنداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئۆزىنى قوغداش ئىھتىياجى يۇقۇرى بولىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئۇنداق مىللەتلەر ۋە ياكى ئۇنداق ئىنسانلار تەنقىتنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەپىپىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. دۇنياغا خوجا بولغان مىللەتلەر، ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولغان ئىنسانلار، ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئىچىشنى ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىت قىلىشنى، ئۆزىنى تىخىمۇ مۈكەممەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ.

مەسىلەن، ئامىركا دۆۋلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن بۇيان بولۇپمۇ يىقىنقى 100 يىلدىن بۇيان دۇنيا ساقچىسى دەپ تونۇلۇپ كەلگەندە ئەڭ كۈچلۈك دۆۋلەت بولۇپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئامىركىنىڭ خەلقارادىكى ئورنى زور دەرىجىدە مۇستەككەملەنگەن. 1958- يىلى ئامىركىدا، ئامىركىلىقلارنىڭ ئۆز ئەيىپىنى ئاچىدىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان ”تھە ئۇگلي ئامەرىكان“ يەنى ”چاكىنا ئامىركىلىقلار“ دەيدىغان بىر كىتاپ نەشىر قىلىنغان،  ۋە ئۇ كىتاپ ئەينى ۋاقىتتا كۆپ سىتىلغان كىتاپقا ئايلانغان. 1963-يىلى ئۇ كىتاپ ھەتتا كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. ئوخشاشلا ئۆز ئۆزىنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان مەزمۇنىدىكى كىتاپلار فىرانسىيە، ياپۇنىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان غەرىپ دوۋلەتلىرىدە نەشىر قىلىنغان ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللۇشىغا ئىرىشكەن. خىتتايلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەنقىتلەيدىغان مەزمۇندىكى ”چاكىنا جوڭگولۇقلار“ دىگەن كىتاپ 1985 – يىلى تۇنجى بولۇپ تەيۋەندە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 1986 – يىلى خىتتايدىمۇ نەشىر قىلىنغان ۋە 1987 – يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىدىن كىيىن، ئۇ كىتاپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. 2004 – يىلى گەرچە ئۇ كىتاپ قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزمۇنىغا كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن. يۇقارقى ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بىر دۆۋلەت ۋە ياكى بىر مىللەتنىڭ ئۆز كەمچىللىكىگە تولۇق يۈزلىنەلىشى ۋە ئۆز ئۆزىنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلالىشى، ئۇ دۆۋلەت ياكى ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خىتتاي دۆۋلىتىگە كەلسەك، ئۇ گەرچە ھازىر ئامىركىدىن قالسا ئىختىزادى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆۋلەت ھىساپلانسىمۇ، بىراق مەيلى خىتتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ۋە ياكى خىتتاي خەلقى بولسۇن، پىسخىكا جەھەتتە تىخى چوڭ دۆۋلەت پىسخىكىسى يىتىلگىنى يوق، ھەيۋىسى چوڭ بولغان بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنسى تۆۋەن. ھاكىمىيەت خەلقىگە ئىشەنمەسلىك، خەلق ھاكىمىيەتكە ئىشەنمەسلىك ئىغىر. پۈتۈن مىللەتنىڭ پىسخىكىسىدا گۇمانخورلۇق، باشىلارغا ئىشەنمەسلىك، تەھدىت تۇيغۇسى ئىغىر؛ ئۆزىنى قوغداش ئىھتىياجى كۈچلۇك. مەيلى خىتتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ۋە ياكى خىتتاي خەلقى بولسۇن، ئۇلار ئۆز ئىچىدىن كەلگەن ۋە ياكى سىرىتتىن كەلگەن تەنقىتكە نىسبەتەن، ھەر دائىم ئۇنى قەتتى قوبۇل قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە. ھەم شۇنداقلا ئۆز ئەيىپىنى ئاچقانلارنى، ۋەتەن سۆيمەسلىك ھەتتا دۆۋلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن جازالاپ كەلمەكتە.

بىزگە نىسبەتەن، 70 يىلدىن بۇيانقى مۇستەملىكە ھايات، دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەر، چەككەن جاپالار، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلىيەلمەسلىك، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجا بولالماسلىق، ئۆز تارىخىمىزنى ئۈگۈنىشتىن مەھرۇم قىلىشىمىز، ئۆز قىممەت قارىشىمىز، ئۆز ئىتىقادىمىز ۋە ئۆز ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچەملىرىمىز بىلەن تەربىلىنەلمەسلىكىمىز، قىسقىسى ھەر جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشىمىز، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ يەنى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئىغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى قوغاداشقا بولغان ئىھتىياجىمىزنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ ماڭماقتا. ھەم شۇنداقلا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ قانچىلىق موھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتىمىز.  شۇ سەۋەپتىن ئۆز ئەيىپىمىزنى ئىچىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، بىز ناھايتى سەزگۈر بولۇپ، ئۇنى ئاسان قوبۇل قىلالمايمىز. بۇ ھەرگۈزمۇ يالغۇز بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە ئەمەس، ھەم شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس.

ئۆز ئۆزىنى مۇستەككەملەيمەن دىگەن ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ياكى شەخىس، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئىلىشى، ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە ئاجىزلىقنى تونۇپ يىتىشى، ئۇنىنغا دادىللىق بىلەن يۈزلىشىشى كىرەك. بىز ھازىر گەرچە پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن مىللەتتىكى ئىللەتلەرنى ئۈزگەرتىشكە ئاجىزلىق قىلساقمۇ، بىراق ھەر بىرىمىز ئايرىم ئايرىم بىر شەخىس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەردە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك. ھەر بىرىمىز، ئەگەر ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىك ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ يەتمىسەك، ئۇنىڭ بىلەن دادىللىق بىلەن يۈزلىشەلمىسەك، ئەھۋالىمىزدا چوڭ ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشىمىز قىيىن. بۇ دىمەك ئاسان بولغان بىلەن، ئۇنى ئەمىللەشتۈرمەك ئۇنچە ئاساسن ئەمەس. ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىزنىڭ پىشىپ يىتىلىشى ۋە ئۆزىمىزگە، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز بىر بىرىمىزنى ئەيىپلەشتىن ۋاز كىچىپ، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئاكىتىپ كۈچ ئاتا قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئۈمۈتۋارلىقنى كۈچايتىشىمىز، ئۆز ئارا كۆيۈنىشىمىز، ئۆز ئارا دەستەك بولىشىمىز  كىرەك. بىز پەقەت كۈچلەنگەندە، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئىشەنچ كۈچەيگەندە، ئاندىن بىز ئۆز يىتەرسىزلىكىمىزگە ۋە كەمچىلىكىمىزگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان، ئۆز ئۆزىمىزنى تەنقىت قىلالايدىغان بولىمىز. بىز پەقەت ئۆز يىتەرسىزلىكىمىزگە ۋە كەمچىلىكىمىزگە دادىللىق بىلەن يۈزلەنگىنىمىزدە، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا تۈپ ئۆزگۇرۇشلەر پەيدا قىلالايمىز ۋە تىخىمۇ كۈچلىنەلەيمىز.

2019 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 -كۈنى نىيورۇك

پايدىلانغان ماتىرياللار

Self-criticism and self-compassion

https://self-compassion.org/wp-content/uploads/2016/12/Self-Criticism.pdf

Understanding Self-Compassion

https://www.cci.health.wa.gov.au/~/media/CCI/Consumer%20Modules/Building%20Self-Compassion/Building%20Self-Compassion%20-%2001%20-%20Understanding%20Self-Compassion.pdf

Emotion in self-criticism

https://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0191886904003101

Self-criticism and self-warmth: An imagery study exploring their relation to depression

https://www.mcgill.ca/social-intelligence/files/social-intelligence/Self-Criticism_and_Self-Warmth.__JCP.pdf

Why genetic IQ differences between ‘races’ are unlikely

https://www.theguardian.com/science/blog/2018/may/02/why-genetic-iq-differences-between-races-are-unlikely

Race and intelligence

https://en.m.wikipedia.org/wiki/Race_and_intelligence

 

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/02/blog-post_5.html

Share
1457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.