logo

trugen jacn

بىر قانچە مەسىلە ھەققىدە ئۆزگىچە تەھلىل

ئېرپان مۇزەپپەر

 

خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاپا پاجىئەسى پەيدا بولغاندىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر خىل ئانالىزلار بولماقتا. دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتايغا پايدىسىز، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولغان زۆر ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك ھەر خىل پەرەزلەرنى ئۇتتۇرىغا قويماقتا. بەلكىم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يىللار بۈيى قاتقان مۇزلار بىر كۈندىلا ئېرىپ كېتەلمەيدۇ. ئېرىپ كېتىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك. چۈنكى، خىتاينىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشۋاتقان دۆلەتلەر، خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتلەردە بولىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتايغا بولغان مېھىر – مۇھەبىتىدىن ئانچە ئوڭاي ۋاز كېچەلمەيدۇ. چۈنكى ئادەم دېگەن بۇ مەخلۇق ئاغرىغان جايى ساقايغاندىن كېيىن كېسەل ۋاقتىنى ئونتۇپ قېلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇھىمى دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە زىچ باغلىنىپ قالغان. بۇ خىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىش ئانچە ئوڭاي ئەمەس. بۇ خىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرتىش يەنلا ۋاقىتقا مۇھتاج. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ  دۇنيادا ھەدەپ كۈچەپ تەرغىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۋاتقان « بىر بەلۋاغ ، بىر يول قۇرۇلۇشى » دىن ئىبارەت دۇنياغا خوجا بولۇش ۋە دۇنيانى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سۇيىقەستىلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى ئۈچۈنمۇ  بىر مەزگىل ۋاقىتقا مۇھتاج. قانداقلا بولمىسۇن خىتاي سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولۇپ تارقالغان بۇ خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاپاسى گەرچە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مىسلىسىز بالا- قازالارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ،بۇ پاجىئە بىر تەرەپتىن دۇنيا خەلقىگە خىتاي كومپارتىيسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يالغانچى ھاكىمىيەتتىن ئىبارەت  رەزىل ئەپتى- بەشىرىسنى ئېچىپ تاشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاپاسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۆچرىغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئويلىشىپ بېقىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەڭ مۇھىم مەسىلە خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى پاجىئەسى پەيدا قىلغان خىتايغا پايدىسىز، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولغان بۇ خەلقئارالىق ۋەزىيەتتىن ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنىش مەسىلىسى. قىسقىسى، پۇرسەتنى غىنمەت بېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېنري كىسىنگېر قاتارلىق خىتايپەرەس سىياسىيەتچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن رىۋاجلانغان ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن ئامېرىكا باشچىلقىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ دۇنيانى دېموكراتىيەگە باشلاپ مېڭىشغا كاپالاتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاندىن نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەدەنىيەت –  ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغۇلىشى مۇمكىن.

 

 

ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋېتى

     

       بۇ قېتىمقى خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاپاسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۆچرىغان دۆلەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى. شۇڭلاشقا ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بۇ  ۋەقەدىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ، خېنري كىسنگىر تەشەببۇس قىلىپ، سابىق پرېزىدېنت رچاد ىېكسون يولغا قويغان خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈشتىن ئىبارەت سىياسەتنى ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋېتىدىكى سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل  تەھلىل قىلىشى زۆرۈر. شۇنداق بولغاندىلا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوللىنىپ كېلىۋاتقان « ياغاچ ئات » دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرىنى  بىتچىت قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيەگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەر جەھەتتىكى ئۈستۈنلىك ئورنىنى قوغداپ قالالايدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى يازغاندەك سىياسىيونلارغا مۇھتاج.

 

تۆلەم مەسىلىسى

       

       خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ۋۇخەندە پەيدا بولغان كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە ئۆز ۋاقتىدا  مەلۇماتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن  بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس ھەققىدە خەۋەر بەرگەن خىتاي دوختۇرلارنى باستۇرۇپ،بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ ئەھۋالىنى يۇشۇرۇن تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن بۇ كورونا ۋىرۇس ۋاباسى تېز سۈرئەت بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، دۇنياغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋىرۇس ۋاباسى  دۇنيا مىقياسىدا قانچە يۈز مىڭ كىشنى ئۆلتۈردى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىغا ئىنتايىن زۆز زىيانلارنى كەلتۈردى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى بىر مەزگىلگىچە ئەندىشە- ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

دۇنيا خەلقى پۈتۈن دۇنيانى مۇشۇنداق بىر ساراسىمگە چۈشۈرۈپ قويغان خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ھىساپ ئېلىشى ھەم قانۇنلۇق ھەم يوللۇق.  شۇنىڭ ئۈچۈن  خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى

تەھدىتى ۋە ئىقتىسادى زىيىنىغا ئۆچرىغان ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە  خەلقئارالىق قانۇنلارغا تايىنىپ، خىتايغا قارىتا « جازا يۇرۇشى » قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆكتەملىك ۋە مۇتتەھەملىك قىلىشىغا پىسەنت قىلماي، خىتايدىن بارلىق ئىقتىسادى زىيانلارنى تۆللەتۋېلىشى لازىم. لېكىن پېتىر ناندىن قىل سۇغۇرۇپ ئالىدىغان بۇ خىتايدىن بۇ تۆلەمنى ئېلىش ئۈچۈن پاراسەت ۋە قەتئىيلىك كېرەك.    

 

ئۇرۇش مەسىلىسى

 

خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى ئۇرۇشنى كەلتۇرۇپ چىقارمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋىرۇس ۋاپاسىنىڭ ئۇرۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئامىللار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق.

دۇنيا تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ باشلىنىش تارىخىغا قارىغاندا ئۇرۇش ئادەتتە ئۇرۇش باشلىغۇچى تەرەپ ھەربىي كۈچ جەھەتتە قارىشى تەرەپتىن نىسپەتەن مۇتلەق ئۈستىلىككە ئىگە بولغاندىلا باشلانغان. تارىختا ئالېكسانېر ماكېدون، چىڭگىزخان، ناپولېئون بونارارت، ئادولف گىتلېر، دېڭ شياۋ پىڭلار ھەربىي كۈچ جەھەتتىن قارشى تەرەپتىن مۇتلەق ئۈستلىككە ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئۇرۇش باشلىغان. دۇنيادا ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان گېنېرالغا ھۈجۈم قىلىدىغان گېنېرال تېخى توغۇلمغان بولسا كېرەك.

نۆۋەتتە ئامېرىكا، روسىيە ۋە خىتايلار ھەربىي كۈچ جەھەتتە بىر- بىرنى قىسمەن ھالدا ۋەيران قىلۋېتەلەيدىغان كۈچ- قۇدرەتكە ئىگە.  مۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇرۇش بولۇش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە خەلقئارالىق بازاردا ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي تەمىنلەۋاتقان ماللار بىلەن ئۆزلىرىنى قامداشقا كۆنۈپ قالغان. تالىشىدىغان خەلقئارالىق بازارمۇ يوق.

 

ئامېرىكا – روسىيە پرېزىدېنتلىرى ئورتاق باياناتى ھەققىدە

 

2020- يىلى 25- ئاپرېل  روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەلبە دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىشىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات پەقەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يۈزىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتىن ئىبارەت، خالاس. بۇ بايانات ھەرگىزمۇ يېقىن كەلگۈسىدە روسىيە ۋە ئامېرىكا نىڭ بىرلەشمە ھەربىي كۈچلىرىنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىر كۆرۈنۈشكىمۇ بولسىمۇ روسىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن دۇستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر. ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئۇتتۇرىسىدا تېخى مۇنداق ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋەت شەكىللەنمىگەن.

 

خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋە شەرقىي تۈركىستان

 

خىتاي ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەلكىم دۇنيادا ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولغان ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن. ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان بۇ ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغان چاغدىلا ئاندىن بەلكىم خىتاينىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربىلەرنى بېرىشى مۇمكىن.  دۆلەت ئىقتىسادى ئەجەللىك زەربە يىگەن خىتايدا ئاندىن سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەنە شۇنداق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئاندىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىشى مۇمكىن. بولمىسا،خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈگۈزۋاتقان سىياسەتلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ.  شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى دۇنياۋى تەشكىلاتلار ۋە دىموكراتىك  دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا ئەمىلىي چارە- تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر.

2020- يىلى 11- ماي

Share
4570 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.