logo

trugen jacn

بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار

 

بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى- 1 [1]

 

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

بۇگۈن مۇبارەك جۈمە كۈنى، ئادەت بولۇپ كەتكەن تۈگەمەس ۋە ئاياغى چىقماس، ئەمما مەنىڭ روھ ۋە بەدەنىمنى ئازاپلايدۇرغان، ۋەتەنىمدەكى ئوقۇبەتلەرگە ئالاقەدار چۈشلەر: لاگىرلارداكى تۇغقانلارىم، ئىشكەنجە بىلەن پالەچ قىلىنغان جان قارىنداشىم ئابدۇجاپپار قارىم، 11 ۋە 15 يىللىق تۈرمەلەرگە تاشلانغان ئىنىلەرىم، يۈزلەرچە دوست يارەنلەرىم ۋە قىرىلىۋاتقان خەلقىم….بامدات ئەزانى بىلەن ئويغاندىم… ئادەتىمدۇر: ئەتىگەندە تېلېفونۇمنى تەكشۈرۈش، قانداق ئۇچۇرلار بار…

تۋىتتىر ھىسابىمنى تەكشۈرگەنىمدە، ئالدىنقى كۈنى ئاتقان بىر تۋىتىمگە ئىنكاس يازغان Jandost42124300@ نامىداكى بىر ھىساپتىن ناھايەتى كۆپ، ئەمما ئاساسى بار ئىنكاسلار زىنجىرى كەپتۇ. ئويلاندىم: مەن ئاشكارا ۋە ھەقىقىي كىملىكىم بىلەن تۋىتتىر مەيدانىدا فاشىست خىتتاي بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان، ھەتتا مۇقەددەس دىنىمىزنى سىياسەتىگە ۋاسىتە قىلغان بىز قىسىم رىياكار دىنچىلار، سەمىمىيەتسىز مىللەتچىلەر، ساداقەتسىز تۈركچىلەر، يالغانچى سوتسىئال دىموكراتلار ۋە تەرەپباز كىشىلىك ھوقۇقچىلارغامۇ كەزى كەلگەندە تەرەددۈتسىز بىر شەكىلدە دەككەسىنى بەرىپ تۇرادۇرغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك پۇقراسى  ۋە ئاكادەمىسيەنمەن. ئەمما بۇ  Jandost42124300@ ھىساپ ئاشكارا ئەمەس، كىملىكى نامەلۇم. پەقەت يازغان ئىنكاسلارى ئورۇنلۇق ۋە ئىنكار قىلىنىشى تەس ۋەيا مەن ئىنكار قىلالمايمەن، چۈنكى مەنمۇ كۆرۈپ تۇرغان، رىئاللىقلارىمىز ھەققىدە يازىپتۇ… ئويلاندۇرغۇچى ۋە بىئارام قىلغۇچى ئىدى. چۈنكى بۇ ئىنكاسلارنى مەنى تەقىپ قىلىپ تۇرغان مىڭلارچە كىشى ئوقۇيتتى. شۇنداقلا بۇ تىلغا ئالىنغان مەسەلەلەر بولسا نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ بىئارام بولۇپ تۇرغان مەسىلەلەر جۈملەسىدىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالنى خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى، ئۇشبۇ رىئاللىققا قاراتا سوتسىئولوگىيەلىك تەھلىلىمنى بەھرىڭلەرگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيىت قىلاي: ئادەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مۇنداق باھا ۋەيا ئىنكاستا بولغانلار ئاشكارا كىملىكتە بولسا ۋەياكى يۈزتۇرانە دەيىشكەندە،  زۆرۈر بولغان ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش بەرۇرمەن، سەۋىيەلىك تەسىرلەشىشنى ياقلايمەن. ھەددىندىن ئاشقانغا ياكى ئالدىن ھۆكۈملۈك، شەرتلەنگەنلەرنىڭ ھەددىنى بىلدۈرىمەن ياكى بىلدۈردۈم.

مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار

12-فىۋرال ئاخشامى ھارغىن ۋەزىيەتتە ئىشلەۋاتقاندا، كەلگەن ئۇچۇرلارغا قاراسام، خىتتاينىڭ ۋىرۇس بىلەن ئىمتىھانى كونفېرانسىنىڭ خەۋەرلەرىنى ھەم خىتتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىكى تۋىتتىر ھىسابى بىلەن س.د.ئى ھىسابىدا بەرگەنمىش. ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىم، مىركامىل كاشغەرىنىڭ خەۋەرىنى بەرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىئارامچىلىقتا مۇنداق بىر تۋىت ئاتتىم ۋە نىدا خەۋەردەكى مىركامىل بەگنىڭ ئاغزىدىن چىققان خەۋەرنى باغلاپ قويدۇم:

c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 12-فېۋرال 23:57   خىتتاي بىلەن ئالاقەدار لىكسىيە بەرگەن/سۇنۇم سۇنغان خىتتاي ئەلچىسىگە (@ChinaEmbTurkey شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقەدار سۇئال سوراغان  (@DoguTurkistanli) شەرقىي تۈركىستانلىققا ”ھۈرمەتسىزلىك“ دەپ خىتتاي ئەلچىسىنىڭ جاۋاپ بەرىشى توساپ قالىنغان (@sdeorg) ھەمدە (@UyghurCongress)ئىككىنچى باشلىقى خىزمەت قىلغان ئورگاندا. ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتى (@sdeorg) بۇ ھەقتە بايانات بەرىشى كەرەكمۇ؟

مەنىڭ بۇ تۋىتىم خەلى كۆپ ساندا ھەم بەھرلەنگەنىدە جاندوست ئىسىملىك (https://twitter.com/Jandost42124300) بىرى مۇنداق ئىنكاس يازدى.

  • Jandost4212430 @ جاندوست 13 -فېۋرال سائەت 00:12   ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىشماقچى بولۇشسا، تارىخ، ئەدەبىيات، تىل، فولكلور، جەمىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردە بىلىم ئىشلەپچىقارماقى لازىمدۇر. ئۇيغۇرلار يۈزلەرچە. مىڭلارچە ئاكادەمىك ئەمگەكلەر بىلەن قارشى چىقىلالمايدۇرغان توغرالىقتا ئەسەر نەشىر قىلىشى كەرەك.

 

    •    @hsmkr_04 ھاشىم قارا 13-فېۋرال 09:34    ئاكادەمىك خىزمەت دەسەڭ ئەلاسى بار. ئەمما مۇئەللىمىمنىڭ ئاشكارا ۋە جەسۇرچە يازغانلارىغا، ساختا ھىساپتىن جاۋاپ يازادۇرغان بىر قورقۇنچاق نىمە ئىكەنسەن.
      •         14Jandost4212430 @ Jandost-فېۋرال سائەت 00:02   بۇ ساختا ھىساپ سۆزى نە قەدەر مەنتىقەسىز ھەي! ئەقلى بولغان مۇشۇنداق گەپ قىلامدۇ؟ بۇ يەردە ھاقارەتمۇ قىلدۇق؟ موھىم بولغان پىكىردۇر. پىكىرگە جاۋاپ بەرەلمەگەنلەرنىڭ ساختا ھىساپ باھانەسىنى قىلىشى بىر ئاجايىپ. ئوقۇغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بولغانلار بولسا دەگەنلەرىمنى چۈشەنگەندۇر. بۇ شەخسىي مەسەلە ئەمەس ئومۇمىي ئەھۋالدۇر.
  • Jandost4212430 @ Jandost  ا  13-فېۋرال سائەت 00:13    كەيىنكى 20 يىلدا تۈركىيەدەكى ئۇيغۇرلار سىياسى دىنچىلىققا قايىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە كۆردىلەركى، ئىشەنگەن تاغلارىدا كىيىك ياتمادى. مەقەم مەۋقە ئىگەسى بولغان ئۇيغۇرلار، ئاق پارتىيەگە يالاقچىلىق قىلىشنى بىر ماھارەت دەپ بىلىشتى. كۈندەلىك مۇنازىرەلەر، مەقەم مەۋقەلەر ئۆتكۈنچىدۇر. قىممەت ئىشلەپچىقارالماسىڭىزلەر يوق بولۇرسىزلەر.
    •  c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 13-فېۋرال 09:34   Jandost4212430 @   ئىنكاسىڭىزنىڭ تىما بىلەن نەمە ئالاقاسى بار؟ ئۇيغۇرلارنى تونۇيدۇرغان بولساڭىز، (شەرقىي تۈركىستاننىڭ) ئىچىدە ۋە سىرتىداكى ئەھۋالىنى، دۇچ كەلگەن قىسىنچىلىق ۋە سىقىنتىلارىنى بىلسەڭىز خالىغانچە تەنقىت قىلىڭ! ئەمما ئۇنۇتماڭكى بويتاققا خوتۇن تالاق قىلماق ئاساندۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandostق 13-فېۋرال سائەت 23:46   1) ئىنكاسىمنىڭ (تىما بىلەن) ئالاقەسى شۇ: ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالدا بولۇشى ئەلبەتتە خىتتاينىڭ زوراۋان كۈچى تۈپەيلىدىندۇر. ئەمما بۇنى ئاسانلاشتۇرغان ئىچكى ئامىللار مۇ بار. ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا پارام پارچا. بۇنى خىتتاي قىلىۋاتىدۇ ئەمما ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئويۇنغا كەلمەكتە.
      •     Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:47   2) خىتتاي خۇسۇسەن كەيىنكى 20 يىلدا ئۇيغۇرلارنى راىكال دىنچى سىياسەتكە ئىتتىرىپ كەيىن يەنە مۇشۇنىڭ بىلەن جىنايەتچى قىلىشقا تىرىشتى. نۇرغۇن ئۇيغۇر بۇ تۇزاققا چۈشتى. مەيلى بوپتۇ  شەرقىي تۈركىستانداكى جاھىل، بىچارە خەلققە بىر نەرسە دەيەلمەيلى. يا بۇ تۈركىيەدەكى ئۇيغۇرلار!
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:48    3) بۇرۇن تۈرك مىللەتچىسى بولغان كۆپ سانلىق ئۇيغۇر كەيىنكى 10-15 يىلدا سىياسى ئىسلامچىلىققا كىرىشتى. بۇرۇن ئەلبەتتە مىللەتچى ئىدى، چۈنكى ۋەتەن ھەسرەتى چەكىۋاتقان ئىدى. پەقەت سىياسى ئىسلامچىلىققا قايىشىدا شەخسى مەنپەئەتلەر سەۋەپ بولدى.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:49    4) ئاق پارتىيەگە يانداشقانلارنىڭ كۆپىنچەسى شەخسىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈردى. بۇ سەۋەپتىن ئاق پارتىيەنىڭ نۇرغۇن خاتا سىياسەتلەرگە ئىتىراز قىلىشالمادى. بەسىرەتلەرى باغلانىپ بولغان ئىدى. سۈرگۈندە 4 دانە ھۈكۈمەت بار، كۈلكۈلىك بىر ئەھۋال. ھەممەسى بىر بىرىنى خائىنلىك بىرلەن قارالاشماقتا.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:50    5) ئەگەر ئۇيغۇر داۋاسىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تونۇتماق، ئاڭلاتماق ئىستەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن دەرەجەلىك بىرلىكنى ھاسىل قىلىشلارى لازىمدۇر. تەخىچە كىمىلەرى ئۇيغۇر، كىمىلەرى شەرقىي تۈركىستان، كىمىلەرى تۈرك دەيىشىدۇ…سىياسى دىنچىلىق بار يەردە مىللەت داۋاسى بولماس.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:52    لاگىرلار بولماغان بولسا، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاۋازى چىقمايتتى. بىر بۇلۇڭدا كۈنىنى كۈن قىلىشاتتى. ھەركىم گاس ۋە كۆر ئەمەستۇر. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆز ئائىلەسىنىڭ ئەزالارى لاگىرلارغا قويۇلغاندىن كەيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كىردى ۋە كۈرەشكە ئاتلاندى.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:53   ئۇيغۇر خەلقى ئازاپ چەكىۋاتقاندا ئاۋازىنى چىقارماغانلار ئاتەش ئۆزلەرىنىڭ ئائىلەسىگە چۈشكەندە ”ياندىم/كۆيدۈم ئانام“ دەيىشتى. پائالىيەتلەر قىلىشقا باشلادى. بۇ نورمال ۋە تەبىىي ئەمما بۇنىڭغا ئىنسان ھەقلەرى تەرەپدارلىقى، مىللەتچىلىك، ئۈممەت داۋاسى ۋە باشقالار دەيىلمەس. ئىسمىنى توغرا قويماق لازىم.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:55   لاگىرلار تاقالسامۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلەسى تۈگەمەس. پەرىنچەكچىلەر بىلەن كۈرەش ۋە كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت باشىغا چىققادۇرغان ۋە خىتتاي بىلەن كەلەشەدۇرغان ۋەيا كەلەشىشكە مەجبۇر قالادۇرغان بارلىق ھۈكۈمەتلەرگە بۇ ئىشنى چۈشەندۈرەلەيدۇرغان بىر بىلگۈ بىرىكىمى، تەشكىلاتلانىش شەرتتۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:57    شۇنداق بويتاققا خوتۇن تالاق قىلماق ئاسان. تۈركىيەدە ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تۋىتتىردا ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلماق ئاسان.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:58   ئۇيغۇرلارنىڭ ئاراسىداكى مەسىلەلەرنى ھەل قىلماق لازىم، بىرلىك بولۇشى لازىم. قىممەت ئىشلەپچىقارماقى لازىم. شەخسىي مەنپەئەتلەرنىڭ كويىدا ئاۋارە بولۇشنى، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈستىدىن مال دۇنيا قازانىشنى، جانباقتىلىق قىلىشنى، سەھنەدە ئويناشنى تاشلاش لازىم.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:00    نۇرغۇن ئۇيغۇر دەرنەك، پارتىيە قۇرۇپ شەخسى ۋەيا مۇئەييەن گۇرۇپ مەنپەئەت كويىدا، بۇ ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. ئەلبەتتە ئىخلاس بىلەن ئىشلەۋاتقانلارغا سۆزىمىز يوق. بۇرغۇن كىشى شەخسىي ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارىدا ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن پىداكارانە ئىشلەۋاتىدۇ.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:00    ئىنكاسلارىم ئەلبەتتە مەلۇم بىر تۋىت قاراتىلغان ئەمەستۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن ئالاقاداردۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:07    تۈركىسيان ئاشئۆيى ۋاسىتەسى بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تونۇغان، بۇرۇندىن تارتىپ ۋەقپە ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىۋاتقان بىرىسى بولۇش سۈپەتىم بىلەن بۇلارنى دەۋاتىمەن. يەنى ئۇيغۇر بولماساممۇ ماۋزۇغا يات ئەمەسمەن.
  • c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 13-فېۋرال 09:34   Jandost4212430 @   يەنە بىر ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى ئەمەستۇر. باشقالارى سەپ تارتقۇدەك جەسۇر، مۇداپىئە قىلغۇدەك سەمىمىي ۋە سادىق بولماغانلىقلارى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئالدىغا چىقتى ۋە ئەڭ ئاغىر بەدەللەرنى تۆلەمەكتە.
    • 944Lar@ freedomseeker 13-فېۋرال سائەت 19:11 بۇلار نەمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ تەتۈرىگە ماڭادۇرغاندۇر ئەجىبا؟ بەلكىم نورمال بىر دۇنيادا ئورنى بولماغاچقا بىر بىرلەرىنى تاپىشقان بولسا كەرەك. ئەمما شۇنداقتىمۇ بىر بىرىگە ئىچىدىن ئىچىگە ئىشەنمەيدىكەن.
    • Afsar_Turk@ Beynimde betikler var (book head) 13-فېۋرال سائەت 12:18 م س ك (مۇھاممەت ساۋاش كافكاسيالى) ئىسىملىك كىشىنىڭ تۈرك دۈشمەنى ئىكەنلىكى ئانىق/ئېنىق.

[1] بۇ يازما ئەسلىدە “ بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى“ تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە  در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن  ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

 

2-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە

 

 

ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى ”1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار“

 

ئوي باشى

تۈركىيە،  تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ھەتتا كاپىرلار ئۈچۈنمۇ ناھايەتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دەۋلەت. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بولسا، قان قارىنداش ئۇرۇق تۇغقانلارىمىزنىڭ يۇرتى، بۇ تۈپەيلى بىز بىلەن ھەم قان، ھەم تىل، دىن ۋە كۈلتۈر باغى بولغانلار ياشايدۇرغان بىر يۇرت. 1878-يىلى ئاخىرقى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەۋلەتىمىز كاشغارىيەنى، مانجۇ-خىتتاي بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۈزۈل كەسىل ئىشغال قىلىپ يۇرتىمىزغا خىتتايچە ”شىنجياڭ“ دەپ ئات قويۇشتىن بۇرۇن  كاشغارىيەنىڭ ھامىيسى ئوسمانىيلار دەۋلەتى ئىدى. پايىتەختى ئىستانبۇل، خەلىپەسى ئوسمانىيلار سۇلتانى ئىدى. بۇ تۈپەيلى 1906-يىلى ئاقسۇ دىيارىنىڭ ئۇلەما-زىيالىيسى موللا مۇسا سايرامى، ئۆزى يازغان يۇرتىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدەكى مۇپەسسەل ئەسەرىگە ”تارىخى ھەمىدى“ ئىسمىنى بەرگەن. بۇ ئەسەر، زامانەمىز ياشلارىنىڭ چوقۇم ئوقۇماقى زۆرۈر بولغان شاھ ئەسەردۇر. ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىدە نەشىرگە تەييارلاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلدۇرغاندۇر. بۇ دەۋلەت، يەنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ موھىمدۇر. دۇنياداكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغقانلارى ئاز ۋەيا كۆپ بۇ دەۋلەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەرىدە، خۇسۇسەن ئىستانبۇلدا ياشايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ ئاخىرقى خەلىپەسى مۇشۇ شەھەردە ياشاغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرلىكىنى يەنە مۇشۇ دەۋلەت ۋە تۈركلەر ئەمەلگە ئاشۇرغان. كۈنىمىزدەكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭىدا، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرەدۇرغانلىقىغا دائىر ئىشەنچ ۋە كۈتۈشلەر بار. ھەقىقەتەنمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدا، كۈنىمىزدە بۇ مىسيوننى ئۈستىگە ئالالايدۇرغان ئەس-ھافىزا ۋە جاسارەت تۈركىيەلىكلەردە بار ۋەيا بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچ باشقا مۇسۇلمان جەمىيەتلەرىگە نىسبەتەن تۈركىيەدە كۈچلۈك. بۇ تۈپەيلى ئىسلام دۈشمەنلەرى، خىتتايلار، ئورۇسلار ۋە فاناتىك خرىستيانلار، گرىتسىيەلىكلەر ئۈچۈنمۇ بۇ دەۋلەت موھىم. بۇ دەۋلەتنىڭ كۈچلەنىشىنى، تىرىلىشىنى بۇلار خاھلامايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋلەتنىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا ھەرخىل بەتنىيەت ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ ۋە يايدۇرماقتا…ھەتتاخىتتايلار ۋە رۇسلار  يەرلىك خىتتايلارنى، يەرلىك ئورۇسلارنى ھەدەپ يەتىشتۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتە ۋە سىياسەتتە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ھەر ساھەدە ئىمتىياز ۋە ئىمكانىيەت ياراتىپ بەرمەكتە. بۇ يەرلىك ئىشبىرلىكچى مەلئۇنلارمۇ ساداقەت بىلەت ”سۆڭەك“ بەرگەن ساھىبىگە خىزمەت قىلماقتا. بۇ ئىمتىياز ساھىبى خىتتايپەرەست ۋە ئورۇسپەرەستلەر تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەكلەمەكتە ياكى ئۆزلەرىگە خىزمەت قىلادۇرغان، قارشى كەلمەيدۇرغان يانتاياقلارىنى يۆلەمەكتە، ئۇلارغا يەشىل چىراغ ياقماقتا. نارازى بولغانلارنى يەكلەش بىلەن بىرگە چەتكە قاقماقتا ياكى ”ئامىرىكانچى“ دەپ خۈنۈكلەشتۈرمەكتە….

تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە

قىسقا ۋە ئاددىي قىلىپ ئايتار بولساق، تۈركىيەدە سىياسەت بارغانسىرى ئاددىيلاشماقتا، يۈزسۈزلەشمەكتە ۋە داپشاقلاشماقتا. چۈنكى بۇ يەردەكى سىياسەت، كۆپىنچە بىلىم، مەلۇمات ۋە ئىلمىي سەۋىيە بىلەن ئەمەس مەنپەئەتپەرەستلىكنى مەركەز قىلغان لاياقەتنى چۆرىۋەتكەن ھالدا ئاپىتىغا چاپىتى توڭرالىققا مەرەزدار پەلسەپەسىگە ياقىن بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋال بولسا بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھالدا…چۈنكى ئومۇمىي سىياسىي ھاۋا بىزنىڭ كىچىككىنە دىئاسپورامىزغا چوڭ تەسىر قىلدى ۋە قىلماقتا. ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ يوقلۇقى ۋەيا ناھايەتى ئاجىزلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايانىپ ئىگىلىك تىكلەمەكىنىڭ تەسلىكى ۋەيا بۇنىڭغا ئىزچىل تىرىشىلماغانلىق تۈپەيلى ”جاھاندارھىلىق“ ئالدىغا ئۆتكەن. ھەتتا بەزىلەر ”جاھاندارچىلىق“ ئۈچۈن ھەممەنى قىلالايدۇرغان داپشاقلىقتا چېگرا تونۇماس بولالاغان…

كەيىنكى 20 يىلدا تۈركىيەدە كۆپلەپ ستراتىگىيە ئىنستىتوتى ۋەيا تەتقىقات مەركەزلەردى قۇرۇلدى. مۇتلەق كۆپىنچەسى مۇستەقىل ئەمەس. ئالدى بىلەن بىلىمنىڭ سىياسەتتە ئانچە قىممەتى بولماغان. مۇستەقىل ھالدا نۇرغۇن بەدەل تۆلەش ئارقالىق ئىشلەپچىقارىلغان بىلىم، مەلۇماتلار لايىقىدا قىممەتلەندۈرۈلمەگەنلىكى تۈپەيلى بىلىم ئادەملەرى ئادەتتە بۇنداق ئىشلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. پەقەت ”مەنپەئەت“ مەركەزلىك كىشىلەر تەرەپىدىن قۇرۇلغان ۋە  قۇرغان  ھەرخىل تورلارى ئارقالىق ماڭدۇرلىۋاتقان بەزى ”ستراتىگىيە“ ۋەيا ”ئىنستىتوت“لارى مەۋجۇتتۇر. بۇ تۈپەيلى بۇ خىل ئىنستىتوت ۋەيا مەركەزلەردە ئادەتتە قايەردىن مەنپەئئەت كۆرسە ئۇلارنىڭ داپىنى چالادۇرغان خاھىش ئىنتايىن روشەندۇر. ئۇيغۇرلارغا ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئارقالىق بەك تونۇشتۇرۇلغان س.د.ئى. يەنى ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتىمۇ ھاكىمىيەتتەكى پارتىيە مەنسۇپلارى تەرەپىدىن قۇرۇلغان، قۇرۇلغاندىن بەرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ستراتىگىيەلىك تەپەككۇردىن زىيادە مەلۇم پارتىيە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇشبۇ ئىنستىتوتنىڭ 12- فىۋرالداكى يىغىنى ئۇشبۇ ماھىيەتىنى ۋە يۇقارىدا توختالغان تىزگىنەكلىك ئالاھىدەلىكىنى تەخىمۇ ئاشكارا قىلغان. مەدەنىي دۇنيادا، بىر ئاكادەمىسيەندە بولۇشقا تەگىشلىك ئەڭ موھىم ئالاھىدەلىكتىن بىرى بولسا، كەسپىي ئەخلاقتۇر. يەنى غەرپ تىلىداكى ئېتىكتۇر. بۇ كەسپىي ئەخلاق كەم ۋەيا يوق بولغانىدا، ئۇ كىشى پەقەتلا ئۇنۋانلىق بىر ۋات ۋات ۋەيا مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان بولادۇر. ئاكادەمىسيەن ئۈچۈن ۋاز كەچسە بولمايدۇرغان بىر خۇسۇسىيەت بولسا، ھەقىقەت ۋە ھەقتىن ئايرىلماسلىق، توغرانىڭ يانىدا تۇرۇش، ھەقسىزنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرۇشتۇر.

2020-يىلى  12-فىۋرال ئەنقەرە ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتىدا (SDE) ”خىتتاينىڭ ۋىرۇس بىلەن ئىمتىھانى“ تىماسىدا بىر كونفېرانس بولىدىغانلىقىنىڭ دەۋەتىنى بۇ ئىنستىتوتنىڭ باشلىقى ۋاتسئاپ ئارقالىق ماڭا ئەۋەرتكەن ئىدى. ھەتتا بىر ئەمەس ئۈچ مەرتەم ئەۋەرتتى. بۇ كونفىرانستا خىتتاينىڭ ئەنقەرەدەكى ھاكاۋۇر باش ئەلچىسى دېڭلى بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە ئوقۇتقۇچى ئاكادەمىسيەنمۇ سۆز قىلماقچى ئىكەن. تىڭشىغۇچى بولۇپ قاتناشىش ۋەيا قاتناشماسلىقتا قارارسىز قالدىم. چۈنكى، خىتتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخاناسى ”تېرورىزمغا قارشى كۆرەش“ ئىسىملىك ۋىديو تارقاتقاندا، بۇ ئىنستىتوت باشلىقى ئۇشبۇ ۋىديونى ۋاتسئاپ ئارقالىق تارقاتتى. مەنمۇ ۋاتسىئاپ ئارقالىق بۇ شەخسكە رەددىيە بەرگەنىدىم. ”بۇنى سىز تارقاتىشىپ بەرمەسىڭىزمۇ خىتتاي تارقاتماقتا، ياكى يەڭى ۋەزىپە ئالدىڭىزمۇ؟“ مەناسىدا ئۇچۇر بىلەن جاۋاپلاسام، سەمىمىيەتسىزلىكى چىقىپ تۇرغان ”خەۋەرىڭىز يوق بولسا دەپ ئەۋەرتىپ قويغانىدىم“ شەكلىدە جاۋاپلادى. مەن: ”مۇھەممەت بەي، بىز خىتتاينى ۋە خىتتايچىلارنى ئىزچىل تەقىپ قىلىپ تۇرۇغلۇق ”…  دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنستىتوتتا ئۇزۇندىن بەرى خىتتاي ۋە خىتتايچە بىلەن ئالاقەدار خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئاكتىۋىست خادىممۇ بار ئىدى. ئەنقەرەدەكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ مەنسۇبى سىياسەتچىلەر ۋە باشقا ھەرخىل دەرنەك مەنسۇبى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر چوقۇم قاتناشسا كەرەك دەپ ئويلادىم ۋە باشقا تەخىمۇ موھىم خىزمەتلەرىم تۈپەيلى قاتناشالمادىم.  خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن پەقەتلا تۈركىيە راديوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلادۇرغان مىركامىل كاشغەرى قاتناشقان. بۇ كىشىنىڭ خىتتاي ئەلچىسىگە سۇئال سوراغانلىقىنى، پەقەت ئىنستىتوت مۇدىرىنىڭ قوپال پوزىتسىيەسى بىلەن توسۇپ قالىنغانلىقى خەۋەرىنى ئوقتۇم. سۇئال سوراغان مىركامىل بەگنىڭ قانداق ئازارلانغانلىقى كەيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرلەندى. چىققان خەۋەرلەرگە قاراغاندا (http://habernida.com/uygur-turku-gazetecinin-sorusuna-tahammul-edemediler/) مىركامىل بەگ خىتتاي ئەلچىسىگە تۆۋەندەكى سۇئاللارنى سوراغان:

    • خىتتايدا ۋىرۇسنىڭ تارقالاشىغا قاراتا تەدبىر سۈپەتىدە بارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى چەكلەنىپ، مەكتەپلەر تەتىل قىلىنىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستانداكى يىغىپ ئالىش لاگىرلارى نەمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ ۋە قاچان تاقاشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟
    • 2019 ئاپرىلدا لاگىرغا سولانغان ئانامنىڭ جەسەدى بەرىلدى. بۇ ئۆلۈملەر يەنە قاچانغىچە داۋام قىلادۇر؟ دەپ ئاناسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكەن.

بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرىشى كەرەك بولغان كىشى خىتتاي ئەلچىسى دېڭلى ئىكەن، ئىنىستىتوت باشلىقى بۇنداق بىر سۇئالنىڭ ئۇشبۇ يىغىنغا قىلىنغان بىر ھۈرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق سۇئاللارغا رۇخسەت قىلمايدۇرغانلىقىنى ۋە ئەلچىنىڭمۇ جاۋاپلىشىنىڭ بىھاجەتلىكىنى تەكىتلەپ سۇئالنى جاۋاپسىز قالدۇرغانمىش.

ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممەسى راست بولسا، بۇ زات ئۇشبۇ جاسارەتنى قەيەردىن ئالدى؟ بۇ كىشىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قاراتا ئازراق بولسۇن ئىنسانى ھىسداشلىق يوقمۇدۇر؟. مىركامىل بەگ سوراغان سۇئاللار ماھىيەتى ۋە مەزمۇنى ئىتىبارى ئەلچىنىڭ سۇنۇمى بىلەن ئالاقەدار، ئەلچىگە بۇنداق سۇئال سوراش تۈركىيەدەكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈلتۈرگە، خۇسۇسەن كونفېرانس كۈلتۈرىگە تامامەن ئۇيغۇن. پەقەت خىتتاي سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كۈلتۈرىگە، كونفېرانس كۈلتۈرىگە ئۇيغۇنسىز. ئەجىبا، بۇ زات ئالدىن خىتتاي تەرەپ بىلەن مۇشۇنداق سۇئالغا قارشى بىر كەلىشىم قىلغانمۇ؟ بۇنىڭ قارشىلىقىدا نىمە مەنپەئەت ئالغان؟ ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر ئورگاندا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر كەسىپداشىنىڭ ھىسياتلارىنى دىققەتكە ئالماغۇدەك، ئۇيغۇرلار ياشاغان تراگىدىيەنى كۆرمەسكە سالغۇدەك ئۇ قەدەر ئىنساپسىزمۇ ياكى بىزدە ۋە بىزنىڭ سىياسەتچى، ئاكتىۋىستلاردا چاتاق بارمۇ؟

مۇشۇ قۇرلارنى يازىۋاتقاندا، مەلۇماتلاردا خاتالىق بولماسلىقى ئۈچۈن مىركامىل بەگكە تېلېفون قىلىپ ھال سورادىم. بۇ ھادىسەدىن كەيىن ئىنستىتوت باشلىقىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى، ”كىملىكىنى (يىغىندىن ئاچچىقلاپ قايتىپ ئامانلىقچىداكى كىملىكىنى ئۇنۇتقان) ئالغالى كەلگەندە چايغا دەۋەت قىلىمەن،چاي ئىچكەچ تونۇشايلى“ دەگەنلىكىنى، بۇگۈن شۇ يەرگە بارادۇرغانلىقىنى دەدى. مەن: ”ھاجىم، ھەقىقەتەن ئۇ زاتنىڭ چايىنى ئىچەملا؟“ دەسەم، ”گەپىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، بەلكىم ھالاللىق تىلىشى مۈمكىن…“ مەن: ”سىز يىغىن كۈنى ئايرىم كۆرۈشمەگەنمۇ؟“ دەسەم، ”ئۇ كۈنى ئاچچىغىمدا كەينىمگە قاراماي چىقىپ كەتكەن، ھەتتا بۇ ئاچچىقتا كىملىكىمنىمۇ شۇلارنىڭ ئامانلىقچىسىدا ئۇنۇتۇپ قاپتىمەن“ دەدى. مەن، ”ئۇنداقتا،سىزگە تەۋسىيەم:  سىز بۇگۈن كىملىكىڭىزنىلا ئالىپ قايتىڭ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ چايىنى ئىچسەڭىز، كەينىگە يانغان، ھەتتا  `چاي قەرزى`گە بوغۇلغان بولۇرسىز. بۇنداق كىشىلەر دائىما ئارقا پەردە ئوينايدۇ. پوزىتسىيەدە تۇتاملىق بولۇشىمىز كەرەك. ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق ئەرزان ۋە ئاسانلا ئىندەككە كەلەدۇرغان كۆرمەسلىكى، ئاددىي چاغلاماسلىقى كەرەك. بۇ زات ئۇ يىغىندا پەقەتلا سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ ئالىش ھەققىڭىزنى قولىڭىزدىن ئالماغان، بەلكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى خىتتايپەرەستلىك قىلغان، ئىنسانىيلىقتىن نە قەدەر ئۇزاقلىقىنى ئىسپاتلاغاندۇر“ دەدىم.  ھەقىقەتەنمۇ، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، غورۇرىمىز بىلەن ياشاماقىمىز لازىم. كوللىكتىپ كىملىكىمىزگە كىمدە كىم ھۇجۇم قىلار ئىكەن ئۇنىڭ قارشىسىدا شەخسەن ۋەيا كوللىكتىپ بىر شەكىلدە تىك تۇرماقىمىز شەرتتۇر…

[1]  بۇ يازما ئەسلىدە “ بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى“ تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە  در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن  ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

 

3- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق

 

 

ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى ”2- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە“ ۋە ”1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار“.

 

سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق

Jandost4212430 @ Jandost  دىن ئىبارەت كىملىكى نامەلۇم بولغان شەخسنىڭ ئىسمىم، جىسمىم ۋە كىملىك سالاھىيەتىم كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، نىسبەتەن تونۇشلۇق بولغان مەندەك بىرىنىڭ تۋىتىگە ئۇدۇللام بۇنداق ئىنكاسنى يازىشىنىڭ سەۋەبلەرى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆزقاراشلارى يوللۇق ۋە سەۋەبلەرىنى ئىنكار قىلىپ بولمايدۇ. ئەلبەتتە، كىملىكى نامەلۇم بىرى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا چوڭقۇرلاما مۇنازىرە قىلىشنى كەمىنە پەقىر ئانچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ…

تۆۋەندە مەن بۇ تۋىتلار بىلەن ئالاقەدار بەزى سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىقلار ئۈستىدە توختالىپ ئۆتمەكچىمەن.

ئۈرەتىم يەنى ئىشلەپچىقارىش (بىلىم، ماددى ئەشيا، ھۈنەر سەنئەت…) ھاكىم بولماغاندا، كۈچسىزلىك، مەھكۇملۇق ھاكىم بولۇش بىلەن بىرگە تىلەمچى، تەمەخورلۇق يانداشقان بولادۇر. بۇ خىل ھال، مۇئەييەن شەخسلەر ۋەيا جەمىيەتلەر ئۈچۈن ئىناۋەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە بىر مىللەت ۋەيا دەۋلەت ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق جەمىيەتلەردە ئەگەر ھاكىمىيەت سىياسەت بىلەن سايلام ئارقالىق ئەمەلىيلەشەدۇرغان بولسا، سىياسەت ھەقىقەتەن بىر نەيرەڭ، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقنىڭ سەنئەتىگە ئايلانۇر ئىكەن. ئىشلەپچىقارىشقا تايانماغان ئىقتىسادىي سىستىمالار كۆپىنچە تىجارەت، ھايانكەشلىك، قەرز ۋەيا ئىلكىدە بار بولغان مۇقىم مۈلك ياكى پۇلغا يارايدۇرغان ھەممە نەرسەنى ساتىش شەكلىدە بولۇپ قالىشى ھەم مۇقەررەر ئىكەن. بۇنداق جەمىيەتلەردە، سىياسەت قۇرۇملارى تىجارەتنىڭ ۋاسىتەسىگە ئايلانىپ قالۇر ئىكەن. بۇ خىل ۋەزىيەتنى،بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتىش ئىمكانىيەتى تارايغاندا، سىياسەتچىلەرنىڭ پۇلغا يارايدۇرغان قىممەتى بار ھەممە نەرسەنى ساتىشتا تەرەددۈتسىز بولالايدۇرغانلىقىنى تۈركىيەدە ياشاش جەرىيانىدا (كەيىنكى يىللاردا) تەخىمۇ ياقىندىن تونۇپ يەتتۇق. بولۇپمۇ تىجارەت ۋە سودا كۈلتۈرىنى ئالدىغا چىقارادۇرغان مۇسۇلمان مۇھاپىزەكارلاردا، بۇ خىل خاھىش تەخىمۇ كەڭ بولۇر ئىكەن.

كۈنىمىز دۇنيا تەرتىبىنىڭ ھاكىم تۈزۈمى بولسا كاپىتالىزمدۇر. بۇ تۈزۈمنىڭ نۇرغۇن يۇمۇشاق دىتاللارى ۋە پروگراممالارى بىزنىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسى تەرەققىي قىلدۇرغان تۈزۈم ياكى يۇمۇشاق دىتاللار بىلەن ئانچە ئالاقەسى يوقتۇر. بۇ تۈپەيلى مۇسۇلمان دۇنياسى ئۆزگەچە تۈزۈم ۋە سىسىتىما ئىشلەپچىقارالماغاچقا مەۋجۇت سىستىما ئىچىدە ئىزچىل ئۆزگەرتىلمەكتە ۋەيا ئۆزگەرمەكتە ھەتتا ئاينىپ كەتمەكتە. بۇنى شۇ شەكىلدە چۈشەندۈرمەكمۇ مۈمكۈندۇر: دۇنيادا ئەڭ كەڭ ئىشلەتىلىپ تۇرغان ئەقىلفونلاردىن سامسۇڭ ۋە ئايفوندا بىر بىرىدىن پەرىقلىق ۋە بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتەلمەيدۇرغان ئىككى ئىشلەمچى سىستىما/يۇماشاق دىتال باردۇر. بىرى ئاندرويىت يەنە بىرى بولسا ئايسوس.  مۇناسىۋەتلىك ئەقىلفونلارنىڭ مودەلى يەڭىلانغاندا، بۇ سىستىمالارمۇ ماس ھالدا يەڭىلانىپ تۇرۇر. باشقا قايتادۇرغان بولساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەتى، دۇنيا ھاكىمىيەتىدىن چەكىنگەندىن ۋەيا چەكىندۈرۈلگەندىن كەيىن ئۆزلەرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنەسىگە ماس بولغان چاغداش بىر سىستىمانى تەخىچە ياراتالمادى. غەرپكە ئائىت ياكى غەرپ تەرەپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن سىستىمالار ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرماقتا. غەرپچە مائارىپ ئىچىدە يەتىشكەن سىياسەتچىلەرى بولسا، مەۋجۇت كاپىتالىست سىستىما ئىچىدە تولغاشىپ، ئۆزگەرىپ-ئۆزگەرتىپ  كۆپىنچە ھاللاردا كۆز بويامچىلىق بىلەن خەلقىنى ئىدارە قىلىپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پەرزەنتلەرى يا غەرپتە ياشايدۇ ياكى غەرپتە ياشاشنىڭ يوللارىنى قىلىشىپ تۇرغانلىقى بولسا بىلىنىگلىك بولۇش بىلەن بىرگە ئايرىم بىر تەتقىقات تىماسىدۇر…

21- ئەسىردە تۈرك سىياسەت سەھنەسىدە بارغانسىرى كۆزگە چەلىقىپ، روشەنلەشكەن سىياسىي ئاقىم بولسا مۇقەددەس دىنىمىزنى  سىياسەت ماتىرىيالى قىلغان ئىسلامچى سىياسەتتۇر. ئىسلامچى سىياسەت ئەسلىدە، غەرپكە ئائىت سىياسىي تۈزۈلمە ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلىش ئىستەكى كۆپ بولغان، ئەنئەنەۋىي ياشام تەرزىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان سايلاغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى توپلاشنى مەقسەت قىلغان غەرپنىڭ سىياسەت بىلىملەرىنى ئوقۇغان سىياسەتچىلەر تەرەپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر ئاقىمدۇر. بۇ ئاقىمداكىلەر ئىسلامىي ئۇقۇملارنى، تېرمىنلارنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن بىلەن مەۋجۇت كاپىتالىست سىياسىي تۈزۈلمەنى تامامەن ئاغدۇرۇپ ئورناغا ئۆزگەچە بىر تۈزۈم قۇرغۇدەك سىستىمالىق پلان، پروگراممالارىنىڭ يوقلۇقى ئۇلارنىڭ سىياسىي تەجىرىبەسىدىن كۆرۈلدى. تۈركىيەدە ھاكىمىيەت باشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىر باشقا ئىسمى بىلەن ئاق پارتىيەنىڭ 20 يىلغا ياقىنقى تەجىرىبەلەرى يۇقارىدا قىسقاچە توختالغان مۇھاكىمەمىزنى ئاساسەن توغرالاماقتا. سىياسەتكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋەيا ھاكىمىيەت باشىغا چىققاندىن كەيىن بولسۇن، ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىستىماسى ياراتالماغانلىقى ۋەياكى مۇنداق سىستىما تەشكىل قىلغۇدەك يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىرادەسىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلى كۈنىمىزدە  ئىسلامچى سىياسەتچىلەر ھاكىمىيەت باشىغا چىقىشتىن بۇرۇن شىددەت بىلەن تەنقىت قىلغان باشلانغۇچ، ئورتا ۋە ئالىي مائارىپ سىستىماسى ئىچىدە ”بۇز-چۇۋۇ-يەنە ئەسلىگە قايت“ شەكلىدە ئويۇن ئويناپ مەۋجۇت سىستىما ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كەتتى. رەئىسى جۇمھۇر رەجەپ تايياىپ ئەردوغاننىڭ مىللىي، يەرلىكچى ۋە مۇھاپىزەكار ياش نەسىل يەتىشتۈرۈش شۇئارىغا ئۇيغۇن ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستىماسى شەكىللەندۈرەلمەدى. بۇ سەۋەبلىك كۈتكەن نەتىجە چىقمادى… ئىقتىساتتاكى ئاساسلىق ئاقىم بولغان سودا-تىجارەت ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقارىش ۋە يەرلىك سانائەتلىشىشكە ماھىيەتى ئىتىبارى بىلەن قىزىقماغاچقا، مۇئەييەن سەۋىيەگە كەلگەندىن كەيىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. نەق پۇل ۋە كىرىمدا قىينالغان ھاكىمىيەت، دەۋلەتكە ئائىت مۇقىم مۈلكلەرنى ئارقا ئارقادىن ساتىشقا باشلادى. بۇ جەرىياندا كۆپلەگەن ستراتىگىيەلىك ماكانلار، ئىمكانلار چەتئەللىكلەر تەرەپىدىن ساتىپ ئالىندى ۋەيا كىرالاندى. كەيىنكى كۈنلەردە خىتتايلارنىڭ ھەدەپ يول، كۆۋرۈك، بىنا كەبى مۇقىم مۈلكلەرنى ساتىپ ئالىشقانىدەك ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇرلار بىئارام بولغان بىلەن تۈركىيەلىكلەر، يەرلىكلەر ئانچە بىئارام بولمادى. كونترول قىلىنغان مەديامۇ بۇ خىل ناچار ۋە زىيانلىق ئىشلارنى كۈنتەرتىپكە ئەكەلمەدى. نەتىجەدە تۈركىيە خەلقىنىڭ كۈندەلىك ئىھتىياچلارى بارغانسىرى قىممەتلەشىپ ماڭدى، باج كۆرۈلمەگەن سەۋىيەدە ئۆرلەدى. ئىشنىڭ قىززىق تەرەپى ھاكىمىيەت باشىداكى پارتىيەنىڭ سىياسەتچىلەرى ۋە ياقىنلارى ئىزچىل باي بولدى، باي بولۇش جەرىيانىدا ۋاسىتە تاللامايدۇرغان، ھارام-ھالال پەرقىدە چىڭ تۇرۇلمايدۇرغان ھالەت بىلىنىپ قالدى. بىزنى بۇ يەردە ھەممەدىن بەكرەك ئالاقىدار قىلادۇرغان نەرسە شۇكى؛ سىياسەتچىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىنىڭ بىر بولماسلىقى، تىلىدا دائىما ئىسلامى مۇقەددەساتنى تەكرارلاپ تۇرۇپ كاززاپلىق قىلىشى، دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىزچىل زىيان سالىشىدۇر.  نەتىجەدە تۈرك جەمىيەتىدە ۋە مىللەتىدە ئىشەنچ كرىزىسى بىلەن بىرگە ئىتىقاد كرىزىسى ئوتتۇراغا چىققالى تۇردى. كۈنىمىز تۈركىيەسىدەكى ئەڭ موھىم ئىجتىمائىي مەسىلەلەردىن بىرى بولسا كىشىلەر ئاراسىداكى ئىشەنچ كرىزىسى ۋە ئىتىقادتا ئوتتۇراغا چىققان دىندىن سويۇپ كەتىش ۋەيا دىندىن زەرىكىش ھەتتا سەسكىنىش ھادىسەسىدۇر.  كۈنىمىزدە مۇھاپىزەكار ھاكىمىيەت ئاستىدا شەكىللەنگەن بۇ خىل سىستىمانىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەرقانداق بىر شەخس مەلۇم مۇددەتتىن كەيىن ”ئۆزگەرمەكتە“، ئۇشبۇ سىستىمانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يەنە دىندىن بىرمۇنچە ئاساسلارنى تاپماقتا… بۇ خىل سىستىماغا ئۇيغۇن خام ماتەرىيالى بارلار دەرھال سىستىمانىڭ سادىق پارچاسىغا ئايلانماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى، تۈرك سىياسەتىدە ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ھەرخىل دەرەجەدە بار بولۇپ كەلگەن. پەقەت تۇتاملىق ۋە ئىزچىللىقى بولغان تاشقىي سىياسەتكە ئەسلا ئايلانالماغان. تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسەتچىلەرىنىڭ سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى ھەققىدەكى بەزى ئىزدەنىشلەرىمىز ”شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى“  (https://ziyali.org/read-02f6d531538a9cf4f5b0) سەرلەۋھەلىك ماقالەدە توختالغان ئىدۇق. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە سەۋەپلەر ئۈستىدەكى ئىزدىنىشىمىزنى بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇرغانىمىزدا، ئالدى بىلەن تۈرك زىھنىيەتى ۋە سىياسەت تۈزۈلمەسىدەكى ئەنئەنەلەر موھىم بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ كەلگەن خىتتاينىڭ بۇخىل ئەنئەنەدەكى ئاجىزلىقتىن ناھايەتى ئۇستالىق بىلەن پايدالانىپ كەتەلەگەنلىكى موھىم بولغان. ئەلبەتتە، بۇ دەۋلەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەۋجۇت قىيىنچىلىقلارغا ئۇيغۇن ستراتىگىيە بەلگۈلەپ سىياسەت ئىشلەپچىقارالماغانلىقى، كەيىنكى نەسىللەرنىڭ تەلىم تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرىپ تۈرك سىياسەتى ۋە بيوروكراتىيەسىدە كۆپلەپ ئورۇن تۇتقۇزالماغانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنىڭ ئۇشبۇ نەسىللەردەكى ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنالماغانلىقىدەك ئاجىزلىقلارى، شەخسىي نەپسى ۋەيا كىبىرىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن باستۇرالماغانلىقىدەك سەمىمىيەتسىزلىكلەرىنىمۇ دىققەتكە ئالماي بولمايدۇ. بۇ تۈپەيلى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھامىيسى بولۇشى كەرەك بولغان تۈركىيەدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنىڭ بارغانسىرى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالىشى، موھىم كۆرۈلمەيدۇرغانلىقىدەك ھالەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ بارغانلىقى نورماللاشتۇرۇلۇشقا باشلانغان. كىشىنى ئەڭ چوڭقۇر ئويغا سالادۇرغان مەسىلە بولسا، بىر تەرەپتە، شەرقىي تۈركىستانداكى زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كىرگەن كۈنىمىزدە، دىئاسپوراداكى، خۇسۇسەن تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئاشقان چاغدا، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى كۆرمەسكە سالادۇرغان، ھەتتا خىتتاي-تۈرك مۇناسىۋەتىدە توسالغۇ دەپ قارايدۇرغان سىياسىي خاھىشنىڭ ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى (رىئاللىقى) قىپيالىڭاچ ئاشكارا بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ياقىنقى يۈز يىلداكى ئەڭ يۇقارى سەۋىيەگە چىققاندا، سەھنەدەكىلەرنىڭ سانى ئىزچىل ئاشقان، پەقەت سۈپەتى بولسا ئۆزگەرمەگەن ھەتتا چەكىنگەن. ھەتتا مۇستەقىل ئىقتىسادىي كىرىمى يوقلارنىڭ دەرنەكلەرنى جاھاندارچىلىق دۇككانىغا ئايلاندۇرغانلىقىدەك رىئاللىقمۇ ئوتتۇراغا چىققان. دىئاسپوراداكى شەخسىي مەنپەئەتىنى ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا قويغان، ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن بىرلەشكەنلەرنىڭ ئىىتتىپاقداشلىقى مەسىلەسى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمىي كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ كەلگەن. ۋەتەندە مىللەت قىرغىندا ئىكەن، مىللەت سەرخىللارىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈركىيەدەكى مەۋجۇت سىياسىي مۇھىتقا ماس ستراتىگىيە ۋە سىياسەت ئىشلەپچىقارماقى لازىم بولغان ئاكتىۋىستلەرنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى خىتتايدا ۋە ئەرەپ-ئۇردۇ دەۋلەتلەرىدە يۇقتۇرۇپ ئالغان يات مىللەتلەرنىڭ خۇيى، مىجەزى بىلەن بەزى ئىدىئولوگيەلىك خاھىشلارىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ۋەيا بويۇنتۇرۇقىدا قالغانلىقى سەۋەپلىك  تۈركىيەدەكى سىياسىي مۇھىتتا تەرەپ تۇتقان. ئۇيغۇرلارنى پارچالاغان، ھەتتا تۇيۇق يولغا باشلاغان. بەزىلەرنىڭ مەلۇم پارتىيەلەرنىڭ پىدائىيلارىغا ئايلانغانلىقى رىئاللىقى بولسا، تۈركىيەدەكى تۈركلەرنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى، خەلق ئامماسىنى بىئارام قىلغان ۋە قىلماقتا.

ئەرەپ-ئۇردۇ كۈلتۈرى ۋە پەلسەپەسى بىلەن ئىسلام پەلسەپەسنىڭ چېگراسىنى كەسكىن پەرق ئەتەلمەگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىلەرى، ئوقۇغان، ياشاغان دەۋلەتلەردەكى بەزى سىياسىي ئىدىئولوگىيەلىك ئاقىملارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ۋە داۋاسىنى ئىككىنچى پلانغا ئىتتىرەلەگەن. ئىنىرگىيەسىنى ئۆزى بىلىپ بىلمەي شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ھەقىقىي ئىسلام بىلەن ئانچە ئالاقەسى بولماغان ھەرەكەتلەر ئىچىدە خوراتقان ياكى خوراتماقتا. سوتسىئولوگىيەلىك نۇقتىنەزەردىن قاراغان چاغىمىزدا، مىللىي كىملىكى ۋە كىشىلىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخى، كۈلتۈرى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ئىچىدە تولۇق شەكىللەنمەگەن ئەھۋالدا، ئۇردۇ، ئەرەب دەۋلەتلەرىدە ۋەيا ناسارا مەملەكەتلەرىدە ئوقۇش ياشاش ئۈچۈن چىققانلاردا ئۇشبۇ دەۋلەت، مىللەت كۈلتۈرى ئىچىدە كۈلتۈرلەنمەكى، بۇ جەمىيەتلەرگە خاس ۋە ماس كىملىك، كىشىلىك شەكىللەندۈرۈشى، بەزى خۇي-مىجەزلەرىنى بۇ تەرىقىدە يەتىشتۈرمەكىمۇ تەبىئىيدۇر. بۇ ئەھۋال، ۋەتەن ئىچىدەكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمىيەتىدە ئوتتۇراغا چىققان خىتتاي تىللىق زىيالىيلاردا كۆرۈلگەن، كۈلتۈرەل كىملىك ۋە مەنسۇبىيەتتە كۆرۈلگەن خىتتايلىقلىشىش ھادىسەسى بىلەن ماھىيەتتە ئوخشاشتۇر.

مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەنسۇبىيەت تولۇق يەتىلمەي تۇرۇپ يات مىللەت كۈلتۈرلەرى بىلەن كۆپرەك تەسىرلەشكەندە، يات كۈلتۈرلەرنىڭ تەسىرىدە قالىپ كۈلتۈرەل جەھەتتىن ياتلاشىشنىڭ ئوتتۇراغا چىقماقى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بۇ نۇقتادىن،بىز، ئادەتتە مەھكۇم ۋە ئەسىر مىللەتلەرنىڭ يولباشچىلارىدا كۈلتۈرەل خاسلىقنى ۋە كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتنى بەكرەك تەكىتلەيمىز. مەنىڭ رەھمەتلىك ئۇستازىم پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەرنىڭ مۇنۇ سۆزى دائىما ئەسىمدەدۇر: ”بىر قومانداننىڭ خاتاسى بىر ئارمىيەنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا، بىر سىياسىيون ۋەيا يولباشچىنىڭ خاتاسى بىر مىللەتنىڭ تامامەن يوق بولۇشىغا سەۋەبچى بولادۇر”. بۇ سەۋەبلىك كەمىنە پەقىرنىڭ كۆزقاراشى مۇنداقتۇر: كۈنىمىز شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا مۇتلەق سۇرەتتە كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتنى ئالدىنقى پلانغا چىقارماق شەرتتۇر. كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتى شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ئىچىدە كۈچلەنگەن، تەرەددۈتسىز كىشىلەرنىڭ بۇ داۋادا سەركە بولماقى شەرتتۇر. بىراۋنىڭ تۇغۇلغان يەرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بولغانلىقى ياكى ئۇيغۇر سىياسىي كىملىكىدە بولغانلىقى، چالا ۋە كەمتۈك ئۇيغۇرچە بىلگەنلىكى ئۇنى ھەقىقىي مەنادا ”ئۇيغۇر“ ۋەيا ”شەرقىي تۈركىستانلىق“ قىلالمايدۇ. بۇنداق كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتى چالا ۋە يەتەرسىز بولغانلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ۋەكىل بولالمايدۇ. ئەلبەتتە ئۇشبۇ شەخس ياكى شەخسلەردىن كۈتەدۇرغانىمىز، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تىلى، كۈلتۈرى، فولكلورى، دىنى ئىتىقادى بىلەن تاۋلانغان، پىشقان بولماقىدۇر.  بىراۋنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇر ۋەيا شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شەرقىي تۈركىستان  مىللى كىملىكى بىلەن كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتىنى بىرىنچى كىملىك ۋە مەنسۇبىيەت قىلىشتۇر، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلىنى خۇسۇسەن ئۇيغۇر تىلىنى خىتتايچەنىڭ، ئەرەبچەنىڭ، ئۇردۇچەنىڭ ياكى رۇس-ناسارا تىللارىنىڭ تەرجىمەسىدە ئەمەس! تامامەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ زاغرا ۋە ئەدەبىي تىلىدا سۆزلەيەلەيدۇرغان، دۇدۇقلاپ، كەكەچلەمەيدۇرغان، راۋان ۋە لاتاپەتلىك سۆزلەش بىلەن بىرگە ھەم ئەدەبىي ھەم ئىلمىي يازالايدۇرغان بولۇشى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئىتىقادى، مىللىي كۈلتۈرى، فولكلورى، ماددىي كۈلتۈرىنى بىلگەن، ئەمەلىيەتىگە تەدبىقلاغان ۋە بۇنىڭدىن ئىفتىخارلانغان بولۇشى شەرتتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلەۋى ۋە ئىجتىمائىي كۈلتۈرىدە، ئاشخاناسى ۋە داستۇرخانىدا خىتتايغا ئائىت ھەرقانداق سۆز، جۈملە، يەمەك، خۇرۇچ، كويزا-چوكا، خىتتاي ئاچچىقسۈيى ۋە تەتىتقۇلارى بولماغان بولۇشى شەرت. مانا مۇشۇنداق تىل، كۈلتۈر، پەلسەپە، مەنسۇبىيەت ۋە كىملىك شەكىللەندۈرەلەگەنلەر بۇ مىللەتكە سەركە، يول باشلاغۇچى، لىدەر بولماقى شەرتتۇر. زۇلۇمنى يەتكۈچە تارتماقتا بولغان خەلقىمىزمۇ بۇنى تەلەپ قىلىشنى بىلمەكى لازىم.

مەۋجۇت تۈرك ھۈكۈمەتى، خىتتاي بىلەن ئۈستۈن ستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقاندىن بەرى شەرقىي تۈركىستانداكى خىتتاي زۇلۇمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمەگەن دەرەجەدە ئۇچىغا چىقتى. بولۇپمۇ، 2016-يىلىدىن كەيىن تۈرك ھۈكۈمەتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پوزىتسىيەسىدە رادىكال ئۆزگەرىشلەرنىڭ بولغانلىقى ياكى بولۇپ تۇرغانلىقى ھەممەگە ئاشكارا. مۇشۇنداق شارائىتتا، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاكتىۋىست ۋە دەرنەكچىلەر بىرلىك بولۇپ، ھۈكۈمەتكە باسىم (بېسىم) پەيدا قىلىشى، لوبىچىلىققا ئەھمىيەت بەرىپ كۈچ توپلاماقى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمىي بولغان تۈرك خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى لازىم ئىكەن، بۇ ئاكتىۋىستلەر ئىچكى نىزانى، ئاداۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىدا بۇرۇن بىرگە ھەرەكەت قىلغانلار ھالقالىق پەيتتە، بىر بىرىنى يەيىشكە تىرىشتى ۋە ئاقىبەتتە كۈچ پارچالاندى، يىللارچە ”ئوپقەت“ بولغانلار بىردىنلا بىر بىرىگە دۈشمەن بولۇشتى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ھۈكۈمەتنىڭ ئادۇۋكاتىغا ئايلانغان، ھۈكۈمەتكە ۋاكالەتەن ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىپ بەرەدۇرغان شەخس ياكى گۇرۇپپالار ئوتتۇراغا چىققان ۋەيا چىقارتىلغان. ھۈكۈمەت ئىچىدەكى مەلۇم كۈچلەرنىڭ ئۇلارغا يول ئاچىپ بەرگەنلىكى بىلىنىگلىك. بۇلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەردىدە دەرتلەنگەنلەرنىڭ نارازىلىق سادالارىغا  ۋە ئىنشاچى، قارىنداشلارچە قىلغان تەنقىتلەرىگە قۇلاق سالمادى ۋە سالمايۋاتماقتا. ھەتتا بەزى ئۆكتىچى پارتىيە مەنسۇبى سىياسەتچىلەر ھۈكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدەكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىت قىلىپ ئۇلارنىڭ خىتتايغا ھەمكارلاشقانلىقىنى ياكى ئالغان قەرز،تىجارى ئىمكانىيەتلەر، ئىمتىيازلارغا قارشىلىق خىتتاينى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خاپا قىلىشتا تەرەددۈتسىزلىكىنى تىلغا ئالىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۇشبۇ ئاكتىۋىست ۋەيا دەرنەكچىلەر پاتقان پاتقاقتىن قۇرتۇلۇش، خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن لاياقەتلىكلەرنى تىڭشاشتىن تەخىچە قاچماقتا. بۇنىڭ تارىخي بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشنىڭ ئورناغا ھەركۈنى يەگەن، ئىچكەن يەرلەرنىڭ ياكى تەرەپتارلارى بىلەن قىلغان ئەتكەنلەرىنىڭ رەسىملەرنى تاراتقۇلاردا ۋەيا ھەرخىل ۋاتسىئاپ توپلارىدا تارقاتىش بىلەن ئاۋارە بولۇشماقتا. بۇ خىل خاھىشىنى قوللايدۇرغان بەزى ئاتالمىش زىيالىيلار (ھەم پەننىي ھەم دىنىي) بولسا، سىياسەت سەھنەسىدەكى نۇرغۇن بولماغۇر قىلمىشلارنى كۆرمەسكە سالماقتا ياكى ئەتراپىغا توپلاۋالغان بىرقانچە چوپقەتلەرى بىلەن قۇلاقلارىنى يوپۇرۇپ ئۆزى بىلگەن مۇقامدا داۋامىغا داۋام قىلماقتا.

 

[1]  بۇ يازما ئەسلىدە “ بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى“ تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە  در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن  ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

 

4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ

 

ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى: ”3- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق“، ”2-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە“ ۋە ”1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار“.

 

خۇلاسە

ئىدىئولوىيەلىك مەۋقەسى سىياسال ئىسلام بولغان ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتى ھاكاۋۇر خىتتاي ئەلچىسىگە سورۇن تەييارلاپ بەرىش بىلەنلا قالماي، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستانداكى لاگىر مەسىلەسى بىلەن ئالاقەدار سۇئال سوراغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا ئىنستىتوت باشلىقىنىڭ بۇ قەدەر قوپال ۋە جەسۇر بىر شەكىلدە ئىنكاس بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى يۇقارىدا بىز توختالغان نۇقتالاردا مەۋجۇتتۇر. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار خۇسۇسان ئۇيغۇرلار، شۇ خۇيىمىزدىن ۋاز كەچمەكىمىز لازىم: شۇلار بۇنى دەدى، بۇلار بۇنى دەدى، ئاۋۇلار بىزگە مانداق قىلدى، ماۋۇلار بىزگە ئاشۇنداق قىلدى…موھىم بولغانى، نەمە ئۈچۈن بىزگە شۇنداق دەيەلەدى ۋەيا ئاشۇنداقى، مۇشۇنداق قىلالادى. بىزدە كەم بولغان نەمەدۇر؟ بىز نەمە ئۈچۈن بوزەك ۋەيا ئاسانلا خورلانىمىز؟ بىز نەمە ئۈچۈن ئۆز قارىنداشلارىمىز، دىنداشلارىمىز تەرەپىدىن ئاسانلا خەجلەنىپ كەتۇرمىز؟نەمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدەكى قىممەتنى ئاشۇرۇپ. كۈچىمىزگە كۈچ قاتىپ، دوست ۋە دۈشمەن قارشىسىدا غورۇرىمىز بىرلە ياشاشنىڭ بەدەلىنى تۆلەمەيمىز….

كەمىنە پەقىرگە ئوخشاش بىر ئاكادەمىسيەن كەلسە كەلمەس تىمالاردا ئالدىراپ تىنەپ تۋىت ئاتمايدۇ. ئويلاپ تۇرۇپ مۇئەييەن بىر مەقسەت ۋە مۇددىئادا، تەقىپچىلارىغا مەلۇم بىر ئۇچۇرنى بەرمەك ئۈچۈن تۋىت ئاتادۇر. 12-فېۋرال سائەت 23:57 دە مەن س.د.ئى. نىڭ خىتتاي ئەلچىسىنى ھىمايە قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى كۆرمەسكە سالغان، ھەتتا قىممەتسىزلەندۈرگەن پوزىتسىيە ۋە مەۋقەسىگە قاراتا تۋىت ئاتتىم. بۇ تۋىتكە ئىنكاس يازغان كىملىكى نامەلۇم  Jandost4212430 @ Jandost  بىۋاسىتە تىماغا كىرگەن. چۈنكى بۇ شەخس س.د.ئى.نىڭ سىياسال ئىسلامچىلىقىنى، تۈركىيەدەكى بىر قىسىم ئاكتىۋىست ئۇيغۇرلارىنىڭ (كەيىنكى يىللاردا) قانداق بولۇپ سىياسال ئىسلامچىلارنىڭ ئاراسىغا كىرىپ كەتكەنلىكلەرىنى؛ ”بۆل، پارچالا ۋە باشقۇر“ سىياسەتىگە ماسلاشقان، زىيالىيلىقىدىن تەرجىمان ۋەيا ئاكتىۋىستلىكى ئالدىغا ئۆتكەن بەزى دىپلوما ۋە ئۇنۋان ساھىبى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىلا (بۇ يەردەكى زىيالى ھەم دىنى ھەم پەننى زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى دىنىي ۋە پەننىي دەپ ئايرىش خىتتاينىڭ ”شىنجاڭ“ سىياسەتىدۇر) ئەمەس دىئاسپورانى قانداق بۆلگەنلىكىنى؛ سەھنەدە قانچە ئاتالمىش سۈرگۈندى، ئويۇنچاق كەبى ”ھۈكۈمەت“لەر بارلىقىغا… قەدەر ئىچىمىزدەكى ئاشكارا مەخپىيەتلىكىمىزنى بىلەدۇر ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردە، مەن بۇ كىملىكى نامەلۇم كىشى بىلەن مۇنازىرەلەشمەستىن ئۆزىمىزگە قاراشنى، ئىچىمىزدەكى مەسىلەلەرنى تەھلىل قىلىشنى، پەرقىدە بولۇپ بولماي ”ئۇنىڭ، بۇنىڭ قۇيرۇقى“ بولۇشىۋالغان، ”مىللەتنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن بىرلەشىپ ئالغان“ ئىچىمىزدەكى تىلىمىزنىمۇ ئوڭشاپ سۆزلەيەلمەيدۇرغان، كۈلتۈرى، زىھنىيەتى ھەتتا تىپى بىزگە يات بولغان ”ئۇيغۇر“لارنى ئوبدان تونۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى زۆرۈر دەپ بىلدىم. ئەلبەتتە، بۇ ئىنكاس، بۇنداق تەھلىل ۋە سوراققا تارتىشنىڭ موھىملىقىنى، ھەتتا ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى نورمال شەرقىي تۈركىستانلىقلاردەكلا  كەمىنە پەقىرمۇ تونۇپ يەتكەن. بىر بىرىنى سىيلاپ سىپاش ئاساسىي ئاقىم بولغان بىر مۇھىتتا، بۇنداق كۆزقاراش ۋە تەھلىل، تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلمايدۇرغانلىقى، ھەتتا بۇنى شەخسىي نەپسىگە قاراتىلغان دەپ تەخىمۇ چوڭ پىتنە تەرىشى ھەم مۈمكىن… مەنچە شەرقىي تۈركىستان رىئاللىقى، دىئاسپورانىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىدىن قاراغاندا، تارتىشىدىغان/تارتاشادۇرغان، كۆڭۈل ئايايدۇرغان، چەتتە قاراپ تۇرادۇرغان، ئوڭشالىپ قالۇر دەيدۇرغان ۋاقىتلار ئاللابۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بويۇمدا قالدى دەۋرى مەنچە ھەم تۈگەدى.  ھەممەگە مەلۇم ”يوشۇرۇلغان كەسەل، ئۆلۈمگە سەۋەبچىدۇر“. باشقاچە قىلىپ ئايتقاندا پىچاق سۆڭەككە يەتتى. ئەمدىلىكتە، ھەممەيلەننىڭ شەپكەسىنى ۋەيا دوپپاسىنى ئالدىغا ئالىپ قويۇپ سەمىمىيەت بىلەن ئۆزلەرىنى تەكشۈرمەكى شەرتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقىمىزمۇ قاراسىغا ئەگەشمەسلىكنى، بىر قانچە مىنۇت ۋەيا سائەت ھەتتا كۈنلەرچە توختاپ تۇرۇپ ھادىسەنى، شەخسلەرنى، گۇرۇپپالارنى قەلپ ۋە كۆڭۈل دۇنياسىنىڭ ئۆتكەرمە، غەلۋىر ۋە ئەگلەكلەرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا ”سوراققا تارتىپ“ تۇرۇپ قارار بەرىشلەرىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. چۈنكى بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتلەردە بىزگە ئائىت جەمىيەتنىڭ ”نىزامىنى ساقلايدۇرغان“ ساقچى ۋە قوللۇق كۈچلەرىمىز بولماغاندەك، بۇ جەمىيەتنى ئىدارە قىلادۇرغان بىزگە ئائىت قانۇن، تۈزۈم ۋە قائىدە يوقتۇر. بار بولسامۇ، ئۇنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى يوقتۇر.

ئۆزگەرتىشكە تەگىشلىك خۇيلار ۋە قىلىشقا تەگىشلىك ئىشلار

ئالدى بىلەن ئومۇمىي ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن زىيالىيلار ئۆزلەرىدە ئىزچىللىقى بولغان ”سورگۇلاما/سوراققا تارتىش“ ئادەتىنى مەنتىقەلىق بىر شەكىلدە يەتىشتۈرمەكى لازىمدۇر. يەنى ئوتتۇراغا چىققان مۇناسىۋەتلىك ھادىسەنىڭ ئاناتومىيەسىنى، بىئولوگىيەسىنى، پسىخولوگىيەسىنى ۋە سوتسىئولوگىيەسىنى ئانالىز قىلىشى، كۆپ تەرەپلىمەلىك ”سوراققا تارتىش“نى ياكى ھەرخىل سۇئال قويۇش ئارقالىق نىسبەتەن ئاقىلانە جاۋاپ تاپىشنى ئۆگرەنىشى زۆرۈردۇر. ھىسسىي بىر خەلق بولۇشتىن ئەقلىي بىر مىللەت بولۇشنىڭ كويىدا زىيالىي خەلقىمىزگە رەھبەرلىك، باشچىلىق قىلىش مەسئۇلىيەتىدىن قاچماسلىقى لازىم. ئەگەر مۇنداق بولماغاندا،  ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ناھايەتى ئەرزان بىر شەكىلدە خەجلەنىپ، باشقالار تەرەپىدىن پايدالانىپ كەتىلەدۇر. كىشىلەر،ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق ئاددىي ”خوش خوشچى“نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇنىڭغا قەدىر-قىممەت بەرمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇرغۇلاقتا پايدا باردۇر: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئشلەتكەنلەردىمۇ ئازراق غورۇر بولۇشى كەرەك. ئىزچىللىقى، تۇتامى بولغان مەۋقە بىلەن تىك تۇرۇشنى بىلىشى كەرەك. كەزى كەلگەندە پەشىنى قاقىپ دەس تۇرۇپ چىقىپ كەتىشنى، ئارقاسىغا قاراماستىن ماڭىشنى ھەم بىلىشى كەرەك. يامان ساقچى، ياخشى ساقچى ئويۇنلارىنى ئوبدان ئاڭقارىشى، قۇرۇق ئەمىزگۈگە،شىرىن شەكەر ۋەدەلەرگە ئالدانىپ خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماسلىقى، كوللىكتىپ كىملىككە زىيان سالماسلىقى شەرت. گەپ سۆزلەرنى ئويلاپ قىلىشى، قىلغان سۆزىنىڭ ئارقاسىدا ئىزچىل ۋە تىك تۇرۇشنى ئادەت قىلىشى كەرەك. ئاددىيغىنە سىلاپ سىپاپ قويسىلا، ئەرىپ سۇ بولماسلىقى كەرەك…زىننەتگۈل پاجىئەسى زىھىنلەردە ۋە ئەسىمىزدە تاپ تازە تۇرۇپتۇ، ئۇنۇتۇلغانى ھىچ يوق!  تەكرارىدىن ساقلانماق ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئىگەلەرى ھەزەر ئەيلەمەكى، كەزى كەلگەندە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىشنى ھەم بىلىشى مەدەنىي تەشكىلاتچىلىقنىڭ ئەقەللىي شەرتلەرىدۇر. مەسئۇلىيەتچانلىق كىشىلەرگە دائىما مەجبۇرىيەتلەرىنى ئەسلەتىپ، ئەسكەرتىپ تۇرادۇر.

1) شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەرقانداق بىر دەۋلەتتەكى مۇئەييەن بىر سىياسىي ئاقىم، ئىدىئولوگىيە ۋە پارتىيەنىڭ  مونوپوللۇقىغا، ياكى كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. بۇ داۋا، تۈرك مىللەتىنىڭ، مۇسۇلمان ئۈممەتىنىڭ ۋەلھاسىل ئىنسانلىقنىڭ داۋاسىدۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنىشى شەرت بولغان ئىش: بۇ داۋانى تۈركىيەدە قانداق قىلىپ تۈرك مىللەتىنىڭ ۋە تۈرك دەۋلەتىنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرالايمىز؟ تۈرك تاشقىي سىياسەتىدە، قىبرىس/سىپرۇس مەسىلەسىدەك سەۋىيەگە ئەكىلەلمەسەكمۇ، قىرىم مەسىلەسىدەك سەۋىيەگە ئالىپ كەلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كەرەك؟ دەگەن سۇئال تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاكادەمىسيەنلەر، ئاكتىۋىستلەر ۋە خەلق ۋەكىللەرى ھەم يەڭى نەسىللەر مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقالىق قىسقا، ئورتا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ستراتىگىيە، سىياسەت، يول خەرىتەسى بەلگۈلەمەكى شەرتتۇر. ئىسلام دۇنياسىدا، بۇ داۋانى قانداق قىلىپ ئۈممەتنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرالايمىزنىڭ مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرەسىنى يەنىلا ئوخشاش يولدا قىلىشىمىز شەرت. دەۋلەت ھالقاغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارى، تونۇلغان زىيالىي، ئاكتىۋىستلارىمىز ئورتاق ھەرەكەت قىلىپ دۇنياداكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان دوستلارى ۋە ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات، شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە قانداق قىلىپ بۇ داۋانى ئىنسانىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلەدۇرغان بىر داۋاغا ئايلاندۇرۇشنىڭ يوللارىنى ئىزدەمەكى زۆرۈردۇر.

2) ھەقىقەتەنمۇ پىچاق سۆڭەككە يەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە، مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەرلەرى، ھەر ساھە، ھەر قاتلام كىشىلەرى ئۆز ئارالارىدا بار بولغان شەخسىي ئاداۋەت، شەخسىي غۇم، نەپسانىي كۈتۈشلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممەدىن ئالىي بىلىشى شەرتتۇر. مۇشۇنداق ئاڭنىڭ يەتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان كرىزىسىنى ئەتراپلىق ئىدراك قىلىپ تۇرۇپ قىرغىن قىلىنىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن، يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈلمەكتە بولغان ئەجدات ئىزى ۋە شانلىق مەدەنىيەتىمىز ئۈچۈن بىرلەشمەكى، كىم لاياقەتلىك، ساداقەتلىك ۋە سەمىمىي بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەم بولۇپ كەچە-كۈندۈز مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلماقى پەرزدۇر.

3) تۈركىيەدە ”بولغانغا، ئۆلگەنگە چارە يوق“ دەيدۇ. ئۆتمۈشنى بىلەيلى، ئۇنۇتمايلى، دەرس چىقارتىپ خاتانى تەكرار قىلمايلى. شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بىرلىكىگە، بارابەرلىكىگە زىيانلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى دەۋلەتلەردە، خۇسۇسەن تۈركىيەدە تىز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدا پائالىيەت قىلىپ تۇرغان سىياسەتچى، ئاكتىۋىست، دەرنەكچىلەرنى تەپتىش قىلادۇرغان، توغرا يولغا يەتەكلەپ، كەزى كەلگەندە تورمۇشلايالايدۇرغان، خىزمەتلەرىدىن خەلقىمىزگە دوكلات ۋە ھىساپ بەرەلەيدۇرغان ئۈست بىر كومىتېت ۋەيا شۇرا تەشكىل قىلىنماقى زۆرۈردۇر. بۇ شۇرانىڭ ئەزالارى دىئاسپوراداكى بارلىق ساھە، گۇرۇپپالاردىن چىققان لاياقەتلىك ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقى شەرتتۇر. زۆرۈر تاپىلغاندا، ئۇشبۇ شۇرا ۋەيا كومىتېت مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتلەردەكى ھۈكۈمەت ۋەيا دەۋلەت ئورگانلارى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالەتەن تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگان شەكلىدە كۆرۈشۈشى كەرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئالدىغا كەلگەن ھەركىم، ھەر دەرنەك مەنسۇپلارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەيا ئۇيغۇر نامىنى قوللانىپ سىياسەت ۋە تىجارەت قىلىشىنىڭ ئالدى ئالماق مۈمكىن بولغۇسىدۇر. شۇنداقلار، داۋانىڭ مۇئەييەن ئىدىئولوگىيە، شىياسىي ئاقىم ۋەيا پارتىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىغا كىرىپ قالىشىنىڭ ئالدىنى ئالماق مۈمكىن بولغۇسىدۇر.

 

https://ziyali.org/home

Share
5529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.