logo

trugen jacn

بىركۈندەئاقسۇ ئاۋاتتا بىر گۇماندار ئېتىۋېتىلگەن، بىر گۇماندار ئىزدەلمەكتە

 

شۆھرەت ھوشۇر

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچا چارلاش، ئۆي ئاختۇرۇش، دېلو پاش قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا چوڭ-كىچىك كۆلەمدە قانلىق ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەلەرنى خەلقئارا جامائەتتىنلا ئەمەس، ۋەقە يۈز بەرگەن ناھىيە ۋە يېزا خەلقىدىنمۇ يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا. 29-ماي كۈنى ئاۋات ناھىيىسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىدا يۈز بەرگەن موتسىكلىتلىق ئىككى گۇماندارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى، ئۇيغۇر رايونىدا 29-ماي كۈنى بىر كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋە رادىئومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان 4-قېتىملىق قانلىق ۋەقەدۇر. ئاشكارىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا يۈز بەرگەن نامەلۇم بىر ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن ئىككى نەپىرىنى خىتاي ساقچىلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ بەشئېرىق بازىرىنىڭ تۆۋەن كۆكتال كەنتىگە كەلگەندە ئوق چىقارغان. ئوق زەربىدىن گۇماندارلار موتسىكلىتىدىن يىقىلغان، خىتاي ساقچىلىرى يىقىلغان گۇماندارلارغا قارىتىپ يەنە ئوق چىقارغان. كېچە سائەت 11:30 مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەدە بىر گۇماندار نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، يەنە بىرى ساق-سالامەت قېچىپ كەتكەن.

بەشئېرىق ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، 29-ماي كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن ئاۋۋال قوشنا يېزا بولغان يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى بىر ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن ئىككى نەپىرى يېڭىئېرىق يېزىسىدىن قېچىپ بەشئېرىق يېزىسىنىڭ تۆۋەن كۆكتال تەۋەلىكىگە كەلگەندە، ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئاۋات ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. بەشئېرىق ساقچى خادىملىرى بۇ ۋەقەدىن بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى بىلەن خەۋەر تاپقان. ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، تۇرۇۋاتقان تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئايرىلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ساقچىلار، گۇماندارلاردىن بىر نەپىرىنىڭ ئوقتا ئۆلگەنلىكى ۋە بىر نەپىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە قېچىپ كەتكەن گۇماندارنى ئىزدەش ھەرىكىتىگە قېتىلغان.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى نەق شۇ ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بەشئېرىق ساقچىخانا خادىملىرىغىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن. ئۇلار پەقەت خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېغىزىدىن گۇماندارلارنىڭ 30-35 ياشلار ئارىسىدىكى ئىككى كىشى ئىكەنلىكى، يېڭىئېرىقتىكى بىر ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋاتنىڭ قۇمباش يېزىسىدىن ئىكەنلىكىدىنلا خەۋەر تاپقان. خادىملاردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، گۇماندارلاردا ئوت قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان بېنزىن بار بولۇپ، بۇ ساقچىلار تەرىپىدىن زوراۋانلىق قورالى، دەپ قارالغان.

يەنە بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، گۇماندارلارنىڭ يېنىدىن ھېچقانداق زوراۋانلىق قورالى تېپىلمىغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قېچىپ كەتكەن گۇماندار بىر ھەپتىگىچە تېپىلمىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تاپا قىلىشىپ، گۇماندارلار دەسلەپكى ئوقلاردا يىقىلغاندىن كېيىن، ئۈستىلەپ ئوق چىقىرىلمىغان بولسا، يارىلانغان گۇماندارنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن يەنە بىرىنى تۇتۇشنىڭمۇ ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى ئىككى گۇماندارغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، شۇڭا ئۇلار ئوق زەربىدىن موتسىكلىتتىن يىقىلغاندىن كېيىنمۇ ئوق چىقارغان ۋە ئامان قالغان گۇماندار نەق مەيداندىن قېچىپ كېتەلىگەن، شۇ كۈنى يەنى 29-ماي كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئالدىدا، خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان 18 ياشلىق ئىككى ئۇيغۇر ياش ئېتىۋېتىلگەن، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە بولسا، سەرەڭگە دېلوسى ۋەقەسى ۋە ياغلىق ۋەقەسىدىن ئىبارەت ئىككى مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 4 كىشى ئۆلگەن، 5 كىشى يارىلانغان. ئۆلگۈچىلەردىن بىر نەپىرى خىتاي ساقچى ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghurda-qarshiliq-06092014161845.html

Share
1656 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.