logo

trugen jacn

باي كۆمۈر كان ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 28 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن

 

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى باي كۆمۈر كان ھۇجۇمچىلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە ۋەقەگە چېتىشلىق 28 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى 56 كۈنلۈك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق قاچقۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇسى‏-«تەڭرىتاغ تورى» جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلار سانى 28 نەپەر، دەپ ئېلان قىلدى. خەۋەردە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ باي كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان «تېررورلۇق گۇرۇھى» نىڭ 28 ئادىمىنى يوقاتقانلىقى، بىر ئادەمنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما، ھۇجۇمچىلار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى مۇسا توختىنىياز، مەمەت ئەيسانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندىن باشقا ئۇ گۇرۇھتىكى قالغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختالمىغان.

ئىلگىرى رادىئومىز يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن قاچقۇنلارنىڭ 17 نەپەر ئىكەنلىكى بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئايال ۋە 3 كىچىك بالا بارلىقىنى خەۋەر قىلغان. كېيىن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە «قاچقۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن» لىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايال ۋە بالىلارنىڭمۇ قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئەمما «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ئايال ۋە بالىلارنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە يەنە، بۇ گۇرۇھنىڭ 18‏-سېنتەبىر سوغان كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا 16 كان ئىشچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 18 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئىلگىرى يەرلىك دائىرىلەر كۆمۈر كان ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/komurkan-hujum-11202015171054.html

Share
1120 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.