logo

trugen jacn

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى 56 كۈن ئىچىدە خىتاي تەرەپ بىلەن ئاز دېگەندە 4 مەيدان ئۇرۇش قىلغان

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن يىلى 18-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدىن 56 كۈن ئۆتكەندە خەۋەر بەرگەن ۋە بەرگەندىمۇ، چولتا بەرگەن ئىدى. رادىيومىز ۋەقە ھەققىدە دۇنياغا دەسلەپتە ئۇچۇر بەرگەن ۋە ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە نىسبەتەن تەپسىلىي مەلۇمات ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، 56 كۈنگە سوزۇلغان بۇ ھۇجۇم قىلىش، چېكىنىش ۋە قىرىۋېتىلىش جەريانىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئالالمىغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2‏-نويابىر كۈنى تارقاتقان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى يېڭى مەخسۇس خەۋىرىدە ئەنە شۇ جەريانلار ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمچىلار 56 كۈن ئىچىدە خىتاي تەرەپ بىلەن ئاز دېگەندە 4 مەيدان ئۇرۇش قىلغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا 18-سېنتەبىر كۈنى مەمەت ئەيسا، مۇسا توختىنىياز ۋە تۇرسۇن جۈمە قاتارلىق كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ سوغان كۆمۈر كېنىنىڭ قاراۋۇلخانىسى ۋە ئىشچىلار ياتاق بىناسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغانلىقى ۋە ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە يوشۇرۇنغان يېرىدىن ئېتىلىپ چىقىپ 5 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ 56-كۈنى ئاشكارىلىغان خەۋىرىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنى ئىشچىلار ياتاق بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى ئۆڭكۈردە قورشاپ ئوتچاچار بىلەن قىرىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 2-نويابىر شىنخۇا تورى ۋە س س ت ۋ نىڭ خەۋىرىدە، ھۇجۇمچىلارنىڭ كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلارغا پىستۇرما ھۇجۇم يەنى تۇزاققا دەسسىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا ھۇجۇمچىلارنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتىك قورالنىڭ ساقچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە بۇ قوراللارنىڭ خېلى ئىلغار دەرىجىلىك قورال ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان

 

باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلار: ئۈستۈنكى قۇر سولدىن ئوڭغا: 1. ۋۇ فېڭ، باي تېرەكبازار ساقچىخانىسى باشلىقى، 2. شياۋ كېيۈن باي ناھىيىلىك ئالاھېدە ساقچى ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 3. خوڭ جىيەنۋىن، تېرەكبازار ساقچىخانا خادىمى، 4. لو تىيەنيوڭ، باي ناھىيىلىك ئالاھېدە ساقچى ئەتىرىتىنىڭ خادىمى

ۋەقە داۋام قىلىۋاتقان ئايلاردا، يەنى گۇماندارلار كۆمۈركاندىن چېكىنگەن ۋە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاسىدا، ھۇجۇمچىلارنىڭ قېچىش داۋامىدىمۇ، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە ئېغىر زەربىلەرنى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنكاسنىڭ مەنبەسى ئېنىقسىز بولغاچقا، بۇ تەپسىلاتلار رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنماي تۇرغان ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاي ج خ تارماقلىرى، مەملىكەت بويىچە قەھرىمانلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ۋە تىزىملىكتىكى ئىككى نەپەر قەھرىمانىنىڭ كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى قوغلاپ زەربە بېرىش داۋامىدا ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، بۇ رادىيومىزغا كەلگەن يۇقىرىقى ئىنكاسنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. يەنى خىتاينىڭ باي ناھىيىسىدىكى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن ۋە ئۇنىڭ بىر سەپدىشى، كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىدا جان بەرگەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى خەۋەرلىرىدە، كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى بىلەن ئاخىرقى جەڭنىڭ 12-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 28-ئۆكتەبىر كۈنىمۇ بىر قىسىم گۇماندارلار بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ 2-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىدە، ۋەقەدە ئامان قالغان ۋە كۆمۈركان ھۇجۇم گۇماندارلىرىنى يوقىتىشقا قوماندانلىق قىلغان ۋاڭ گاڭ ئىسىملىك قوراللىق ساقچى قىسىم باشلىقىنىڭ ئىش-ئىزلىرى نۇقتىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ گاڭغا تېررورغا قارشى ئاۋانگارت دەپ نام بېرىلگەن. ئەمما خەۋەردە ۋاڭ گاڭدىن باشقا قەھرىمانلىرىنىڭ ھېچقايسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە ئوخشاشلا ۋەقە گۇماندارلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە ئۆڭكۈردە ئوتچاچار بىلەن قىرىۋېتىلگەن ئانا-بالىلار ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن، ھەتتا ئىلگىرى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىغان ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىياز ۋە ۋەقەنىڭ بىرىنچى كۈنى پىستۇرما ھۇجۇمدا ئۆلگەن تېرەكبازار ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭ قاتارلىقلارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەنىلا سەزگۈر ئۇچۇرلار قاتارىدا يوشۇرۇۋاتقانلىقى، ئاشكارىلاۋاتقان پارچىلىرىنىمۇ تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئاشكارىلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ باي ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى ئانا-بالا دەپ ئايرىماسلىق ۋە توپ-يەكۈن قىرغىن قىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادا چەكلەنگەن قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ئۇچۇرلىرىنى بۇ دەرىجىدە چولتا ۋە ئېھتىيات بىلەن ئېلان قىلىشى دائىرىلەرنىڭ كۆزەتكۈچىلەر سادىر قىلدى دەۋاتقان ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن ياكى رايوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى جاسارەتلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bay-komurkan-11072016150103.html

Share
1025 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.