logo

trugen jacn

بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆسمۈرلەردە ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى

image

ئېھسان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپادىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ياش ئۆسمۈرلەردە ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى بېرىش، ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش مۇھىم بولغاندەك، ئۆز ۋەتىنىنىڭ بايرىقىنى تونۇش ۋە ئۇنى قەدىرلەشنىڭمۇ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەشكىلاتلار بۇ مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشنى ئىنچىكە پىلانلاپ، ئۆلچەملىك دۆلەت بايرىقىنى ئەكەلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ياش ئۆسمۈرلەرگە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئارقىلىق ئوچۇق دەرس ئۆتكەن بولدى

ecff8e5e-38ad-4f62-953f-895ec204b960

بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن ياش ئۆسمۈرلەرلا ئەمەس، بەلكى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق يىغىن ئەھلى ھاياجانلانغانلىقىنى ئىپادە قىلىشتى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ياش ئۆسمۈرلەر بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىكى ھېسياتىنى بايان قىلدى. ئۇلار پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي بەختىگۈل خانىم ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شىۋېتسىيەدىن پائالىيەتكە قاتناشقان بىر ئۆسمۈر قىز ئۆزىنىڭ بايراق چىقارغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىپادىلەپ «بىزنىڭ نىشانىمىز بەلگىلەندى، بايراقنى ۋەتەن ئاسمىنىدا لەپىلدىتىش بىزنىڭ نىشانىمىز بولدى» دېدى. يەنە بىر قىز بولسا، «كېلەركى قېتىملىق پائالىيەتتە بىزنىڭ دۆلەت شېئىرىمىزنى ئوقۇپ، دۆلەت بايرىقى چىقارساق» دېگەن كۆڭۈل ئىزھارىنى ئىپادىلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/bayraq-chiqirish-05252015145234.html

Share
3148 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.