logo

trugen jacn

بايدىكى بىر ئاشخانا ۋىۋىسكىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پاجىئەلىك تارىخ

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان بايدىكى بىر ئاشخانا ۋىۋىسكىسى ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

مەزكۇر ۋىۋىسكا باي ناھىيەلىك يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزا مەركىزىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئېسىلغان.

ۋىۋىسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «مەدەنىي يېمەك-ئىچمەك بەرپا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسايلى» دېگەن خەتلەر ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىل-يېزىقتا چوڭايتىلىپ يېزىلغان.

ۋىۋىسكىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئاشخانا ۋە باشقا يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇنلاردا ھاراق ئىچىشنى چەكلەشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنداق بەلگىلىمىلەر ئەسكەرتىلگەن:

«يېمەكلىك ۋە دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: غەيرىي كىيىنىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى قىلىدىغان سورۇنلاردا ھاراق ئىچىشنى چەكلەش ۋە ھاراق ئىچىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلەرنى ئورنىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ۋىۋىسكا ۋە ئۇنىڭدا قەيت قىلىنغان ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىنىڭ ئۆزى، باشقا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلمىغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھەممىگە مەلۇمكى، باي ناھىيىسى تەڭرىتېغىدىكى مەشھۇر مۇزداۋاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قەدىمىي يۇرت. مۇزات دەرياسى باي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1945-يىلى يازدا مىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش پارتىزانلار ئەترىتى مۇزداۋان ئارقىلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆتۈپ، بىرىنچى قەدەمدە باي ناھىيەسىنى ئازاد قىلغان.

بايدىكى سايرام يېزىسى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى بىلەن 20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى نىمشېھىتنىڭ ئانا يۇرتى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، لېكىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى كۈندىمۇ سايرام يېزىسى بايدىكى ئەڭ سەزگۈر ھەمدە ھۆكۈمەت ئەڭ دىققەت قىلىدىغان جاي ئىكەن.

باينىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇنداقلا بايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دەردىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، باي ناھىيىسى كۆمۈر، ۋولفرام ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلىرى كۆپ، سۈيى مول بىر جاي بولۇشىغا قارىماي، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاشار مەيدانىغا ئايلانغان بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سېغىن كالىسىغا ئايلانماقتا ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، باي خەلقى بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، يەنى 1960-ۋە 1961-يىللاردا يۈز بەرگەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاچارچىلىقنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ كەتمىگەن.

تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بايدا 1960-يىللارنىڭ بېشىدا كۆرۈلگەن ئېغىر ئاچارچىلىق تەبىئىي ئاپەتتىن ئەمەس، بەلكى باي ناھىيەلىك پارتكوم بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن سۈنئىي ئۇسۇلدا كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئاشكارا بولۇۋاتقان ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا، ئەينى چاغدا باي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى خې رۇي، ۋاڭ ئېنماۋنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بويىچە بايدىكى پۈتۈن ئاشلىقنى ئىسكىلاتقا سولىۋېلىپ، يوشۇرۇنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەتكەن. نەتىجىدە بايدا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن. خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 1961-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە باي ناھىيەسىدىن 15 مىڭدىن 20 مىڭغىچە خەلق ئاچلىقتىن ئۆلگەن. ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتكەن ياكى نىمجان بولۇپ كېرەكتىن چىققان ئادەملەرنىڭ سانىمۇ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

باينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 1960-يىللاردىكى قورقۇنچلۇق ئاچارچىلىق ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىغان.

باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزا مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئېسىلغان مەزكۇر ۋىۋىسكا ئەمەلىيەتتە ھەم باينىڭ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى پاجىئەلىك تارىخىدىن ھەم باينىڭ بۈگۈنكى ئېيتىلمىغان رېئاللىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-haraq-09152015135431.html

Share
1109 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.