logo

trugen jacn

بالىلىرىمىز ئانا تىلدىن ھوزۇرلانسۇن -ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرى يەرمەنكىدە

20141102101527491

ياۋرۇ-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكە زالىغا قەدەم بىسىشىمىز بىلەن تەڭلا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ھەر خىل شەكىلدىكى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى. نۇرغۇنلىغان كىچىك دوستلار بۇ ئويۇنچۇقلارنى قىزىقىش ئىچىدە ئويناپ كۆرۈپ بىقىۋاتاتتى، بەزى ئاتا-ئانىلار ئوماق پەزرەنتلىرىنىڭ ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش ئارلاشقان بۇ ھەركەتلىرىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇلارغا بۇ ئانا تىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاھىدە ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بىرىپ ئۈلگۈرگەنىدى.

20141102101656108

يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان بىلىمخۇمار، دانا توشقان، توشقانچاق، ۋاللەي بالىلار دۇمبىقى، ئېلىپبە، موللاقچى ماشىنا قاتارلىق ئالتە خىلدىن تەركىپ تاپقان «ۋاللەي ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرى» شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ رايونىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىق ھىس-تۇيغۇلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن تارتىپ بازارغا سىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىز كىچىكىمىزدىن ئاڭلاشقا ھىرىسمەن بولغان بالىلار ناخشىلىرى، باتۇر قەھرىمانلار تەسۋىرلىنىدىغان ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، پەرزەنتلەرنى ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە قىلىدىغان خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن قاتارلىق ئۆزگىچە مەزمۇنلار بار ئىدى.

باغداش تورى

Share
2390 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.