logo

trugen jacn

بالىلىرىمىزدا چىكىملىك مەسىلىسى

Abduveli ayup Eşi  ve kızı ile

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

قاماقتىكى كۈنلىرىمدە كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئىچىدە ياشلار ئالاھىدە كۆپ ئىكەن. بۇ ياشلار ئىككى خىل جىنايەت بىلەن تۇتۇلۇپتۇ. كۆپىنچىسى سىياسىي يەنە بىرى ئوغۇرلۇق ئىكەن. ئوغۇرلۇق بىلەن تۇتۇلغان ئۇيغۇر ياش- ئۆسمۈرلەر ئاساسلىقى زەھەرلىك چىكىملىك چېكىدىغانلار ئېكەن. ئۇلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىشىدىكى سەۋەپ چېكىملىككە پۇل بولمىغانلىقىدىن ئىكەن. ئۇلار چېكىملىكنى تاشلاش ئۈچۈن ھاراق ئىچىدىكەن. مەن تەڭرىتاغ قاماقخانىسى ۋە لىيۇداۋەن قاماقخانىسىدا نەزەر بەنتتە بولۇش جەريانىدا چېكىمخۇمار ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ خۇمارى تۇتۇپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىنى، باشلىرىنى تامغا ئۇرۇپ يارلىنىشلىرىنى كۆردۈم. شۇنچە قاملاشقان، شۇ قەدەر ئەقىللىق بالىلار قاماقخانا ساقچىلىرىدىن تاياق يەپ تۇرۇپمۇ چېكىمەن دەپ تۇرىشى ئىچىمنى ئېچىشتۇرىۋەتتى. بۇنداقلار ئادەتتە مەخسۇس مەھبۇسلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېتىلەتتى- دە خۇمارى ئازراق ئاجىزلاشقاندا قايتۇرۇپ كىلىنەتتى. دوختۇرخانىدىن قايتىپ كەلگەن مەھبۇسلادىن ئىگىلىشىمچە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇ يەرگە ئېلىپ بېرىلغانلار ئاساسەن ئۇيغۇر بالىلار ئىكەن. مەن ياتقان كامىردا كورلىدىن بىر كىلو خرويىن بىلەن تۇتۇلغان بىر مەھبۇس ۋە ئىككى كىلودىن ئارتۇق مۇز بىلەن تۇتۇلغان يەنەبىر مەھبۇس بار ئىدى. سىچۈئەنلىك بۇ ئىككى  مەلئۇننىڭ زەھەرنىڭ خۇمارىدا تولغۇنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ھىچ ئىپادىسىز قاراپ تۇرۇشلىرى نەپرىتىمنى قوزغايتتى. قاماقخانىدا سچۈئەنلىك، يۈننەنلىك تۇتقۇن ئەبلەخلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاق سودىگىرى، ئۈرۈمچىدىكىلىرى دەللال ئاقچىلار، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز كور خېرىدار ئىدى. مەن 16 ئاي ئىچىدە ئاق چېكىپ قاماققا كىرگەن، ياكى باشقا سەۋەپتىن كىرگەنلەر ئىچىدىمۇ ئاق چېكىپ باققان پەقەت بىر خەنزۇنى كۆرۈپتىمەن. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاندىن تۇڭگان بالىلىرى ئىدى. ئاق ساراي دەپ ئاتىلىدىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كەلگەن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەللىرى ئاق سارايدا ئېمىش. مەزكۇر مەركەزدىكى 80 پىرسەنت ئايال چىكىمخۇمارلار ئۇيغۇر ئىكەن. يۈرىكىمىزنىڭ پارىسى، كۆزلىرىمىزنىڭ قارىسى بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز ئاشۇنداق تۇمانلار ئارىسىدا ئەرۋاھلارغا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. ئۈرۈمچىدە ئازسانلىق مىللەت نوپۇسى 10پىرسەنت ئەتراپىدا، شۇنداقكەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزى، مەھبۇسلار دوختۇرخانىسى ۋە قاماقخانىلاردا نېمىشقا چېكىمخۇمار ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى قانداق سەۋەپلەر بىلەن چېكىملككە ئۆگىنىپ قالىدۇ؟ گەپنى زەھەرنىڭ بېشىدىكى تاماكىدىن باشلايلى.
    پەرزەنتلىرىمىزنىڭ چېكىملىككە ئۆگىنىپ قىلىشى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. مەن ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەڭ كۆنەلمىگىنىم تاماكا ئىسى بولدى. ھەتتا تاكسىدەك كىچىككىنە بوشلۇقتىمۇ كىشىلەر تاماكىنى قولىدىن چۈشۈرمەيتتى. بۇ سەۋەپتىن ئەڭ كۆپ نارازى بولدۇم ۋە ئەڭ كۆپ ئازار يىدىم، چۈنكى «ئاللاھ» دېگەن خەتنى ماشىنىسىغا ئىسىۋالغان تاكسىچى ئەبلەخلەر «ئاللاھ رازى بولسۇن، تاماكا چەكمەڭ» دېگەن سۆزنى پىسەنتىگىمۇ ئىلىپمۇ قويمايتتى. ھەتتا رامىزان كۈنلىرىدىمۇ ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ بەھوزۇر تاماكا چېكىپ مېڭىشلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئاشخانىدا، ماگزىندا، ئۆيدە ھەممىلا يەردە تاماكا چېكىشكە بولۇۋېرەتتى. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مەن ئەڭ ياقتۇرغان ئورۇن مەسجىد بولدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۆيىدە تاماكا چىكىلمەيدىكەن. ئەكىسچە ئائىلە ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر تاماكىنى تېخىمۇ ئازادە چېكىدىكەن، مۇنداق ئىس- تۈتەكلەر ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار تاماكا چېكىدۇ، ئەلۋەتتە.
    بالىلارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان ئادەتلەر ئىچىدە ئائىلىدە يېتىلگەن ئادەت ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنداق ئادەتلەر بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە ئائىلىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ سىڭگىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. مەسلەن، كۆيۈمچان دادىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن بالىنىڭ خىيالىغا ئورناپ كەتكىنى دادىسىنىڭ تاماكا چىكىۋاتقان ھالىتى بولسا بۇنداق بالىنىڭ ئالدىدا تاماكىنى ئىنكار قىلغانلىق دادىسىنى ئىنكار قىلغانلىق بولۇپ تۇيۇلىدۇ- دە خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ تاماكا چېكىشنى ئاقلايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىشىنىشكە تىگىشلىككە  ئەمەس ئىشىنىپ كۆنگەن ۋە ئىشىنىشنى خالىغانغا چىنپۈتىدۇ.
    پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن تاماكا چېكىش ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. بالىلاردا 12-13ياشلاردىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىسمانى كىملىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر بىيىشقا باشلايدۇ. ئوغۇللاردا ئەرلىك جىسمانى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ روشەنلىششىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى تەكىتلەشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىر سىنىپتىكى ئوغۇللار خۇددى مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك ئىتىپاق ئەزالىق كىنىشكىمىزدىكى جىنسى دىگەن كاتاكچىگە يېزىلغان ئوغۇل دېگەن سۆزنى ھەممىمىز ئەر دەپ ئۆزگەرتىۋالغان ئىدۇق. ئادەتتە ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە ئەرلەر تاماكا چېكىدىغان بولغاچقا يېتىلىش باسقۇچىغا كىرگەن ئوغۇللار تاماكا چېكىشنى ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان قىلىق دەپ تونۇيدۇ. بۇندىن باشقا ئوغۇللار بۇ باسقۇچتا ئۆزىنى بىرەر توپقا تەۋە قىلىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاماكا چېكىش ئوغۇللارنىڭ توپلىشىدىغان ۋاستىسىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ بىر- بىرىنى تونۇيدىغان ۋاستىسى ۋە سورۇنى بولمايدۇ. ئەمما ياخشى ئوقۇمايدىغان، تاماكا چېكىدىغان بالىلار ئاسانلا تونۇشۇپ چىقىشىپ كېتىدۇ. سەۋەبى تاماكا چېكىدىغان بالىلار مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسىنى پائالىيەت سورۇنى، تاماكىنى ئالاقە ۋاستىسى قىلىدۇ. پائالىيەت سورۇنى ۋە ۋاستە بولمىغاچقا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيدىغان بالىلار بىر توپ ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى بىرەر توپقا تەۋە قىلىپ ئۆتۈشنى ئالاھىدە ئارزۇلايدىغان كەپسىز بالىلار مەھەللە ۋە مەكتەپلەردە ھاسىل قىلغان چېكىمخۇمارلار توپىغا بىلمەيلا قوشۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا تاماكا چېكىۋاتقان بالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاھىيەتكە توشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەس بىر «ئەرلەر توپى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى مۇقۇملاشتۇرۇش، ئىسپاتلاش ئۈچۈن تاماكا چېكىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىمىز. دېمەك، بالىلىرىمىزنىڭ تاماكا چېكىشى، ئائىلىدە ئاتىلارنىڭ ئۈلگە بولۇشى، مىھماندارچىلىق سورۇنىنىڭ ئادەتلەندۈرىشى، چوڭلارغا تەئەللۇق ھوقوقنىڭ جەلىپ قىلىشى، ئوغۇللۇق سالاھىيەتنى تەقەززاسى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
     يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالدۇرلا تاماكا چېكىشىنى ئۆگەنگەن بالىلار تەرەققىي قىلىپ زەھەر چېكىشكە باشلايدۇ. قاماقخانىدا كۆزىتىشىمچە زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىلىك ئوغۇرلۇققا چېتىلغان ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئائىلىسى، مەھەللىسى ۋە مەكتەپلەردە كىچىك تۇرۇپلا تاماكا چېكىشنى باشلىغان بالىلار ئىكەن. ئۇلار قاماقخانىلاردا بىرەر ئايغا قالماي ئاقنى تاشلاپ سەمىرىپ ئوبدانلا بولۇپ قالىدۇ. ئەمما تاماكىنى تاشلاشقا قەتئى ئىنتىلمەيدۇ. مەن بىلەن ئۈچ- تۆت ئاي بىر قاماقتا ياتقان بىر چېكىمخۇمارنى تەربىيە قىلىپ، تاماق بىلەن بېقىپ گۇناھ- ساۋابلارنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ يۈرۈپمۇ تاماكىدىن خالى قىلالمىدىم. زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەن بالىلارنىڭ يالغۇز چېكىدىغانلىرى يوقكەن. ئۆزلىگىدىن چېكىپ ئۆگەنگەنلىرىمۇ يوقكەن. ھەممىسى ئاۋال مەھەللىدە ۋە مەكتەپلەردە يوشۇرۇن تاماكا چېكىدىغان بىر گورۇپپا بالىلاردىن تەرەققى قىلىپ مۇز، خىروئىن، k تالقىنى چېكىدىغان بىر توپقا ئايلىنىدىكەن. مەكتەپتە مەغلۇپ بولۇش، ئائىلىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاتا- ئانىلاردىن تەربىيەسىز قىلىش، مۇھەببەتتىن مەھرۇم قېلىش زەھەر چەككۈچى بالىلارنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشى ئىكەن. مەزكۇر يازمىدا بالىلىرىمىزنىڭ تاماكا چېكىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىشتىكى مەقسەد تاماكا چېكىشنى بۇرۇن باشلىغان بالىلارنىڭ ئاخىرىدا زەھەرگە ئەسىر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى زەھەرنى تاشلىغانلار ھاراق- تاماكىنى تاشلىيالمىسا زەھەر چېكىشنى يەنە باشلايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
    قىزلىرىمىزنىڭ زەھەر چېكىش سەۋەبى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئوغۇللىرىمىزنىڭ تۆھپىسى ئىكەن. ئەگەر قىزلىرىمىز دادىلارنىڭ تاماكا چېكىشى سەۋەبى تاماكىنى دادىلىقنىڭ ئالامىتى، ئەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ كۆنۈپ قالمىغان بولسا، دادىلارنىڭ مىھىرلىك قۇچاقلاشلىرىدىن پۇرىغان تاماكا ھىدىنى ئەرلىكنىڭ ھىدى دەپ ھىس قىلىپ چوڭ بولمىغان بولسا، زەھەر چىكىدىغان ئوغۇللار بىلەن ئارىلاشمىغان ۋە تاماكىغا دۈم چۈشكەن ئەرنى ھەمرالىققا تاللىمىغان بولاتتى بەلكىم. بەڭگە ئوغۇللارنى رەت قىلغۇدەك تازىلىق ئادىتى، ساغلاملىق ئېڭى بولغان بولسا شۇ يارىماسلارغا ئەگىشىپ زەھەرگە پېتىپ قالماس بولغىيدى.
    بالىلىرىمىزدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان ئىجتىمائى مەسىلە. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى يۇقارقى سەۋەبلەر ئىچىدە قايسىنى ھەل قىلىشقا قۇربىمىز يەتسە شۇنىڭدىن باشلاشتۇر. بالىلارنى زەھەرگە يېقىن يوللىمايدىغان قىلىمەن دېسەك ئۆزىمىز تاماكىدىن يىراق بولىشىمىز، ئائىلىمىزنى، دوستلىرىمىزنى، داستخانلىرىمىزنى چېكىملىكتىن خالى قىلىشىمىز لازىم. بالىلىرىمىز كىتاب، تەنھەرىكەت، سەنئەت، پەن ۋە غايىنى ئالاقە ۋاستىسى؛ كۈتۈپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، توپ مەيدانى، خەير- ئىھسان پائالىيەتلىرى ۋە پەن كۇرژۇكلىرىنى ئالاقە سورۇنى قىلسا ئۆزىنىڭ تەۋەلىك ۋە كىملىك ئىھتىياجىنى توغرا قاندۇرغان بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەلۋەتتە ئاتا- ئانىلارنىڭ شارائىت يارىتىپ بىرىشى، رىغبەتلەندۈرىشى ۋە يولباشلىشى موھىم رول ئوينايدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ ئەرلىكىنىڭ بەلگىسى مەسئۇلىيەتچانلىق، باتۇرلۇق، قانائەت، كەڭقورساقلىق، يارىدەمسۆيەرلىك، ئاجىزلارنى قوغۇداپ زالىملارغا تاقابىل تۇرۇش… قاتارلىق مەنىلەردە چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىسە، ئائىلىدىن، كىتابلاردىن ۋە ئەجدادلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئەرلىكنىڭ ئاشۇنداق ئۈلگىلىرىنى تاپالىسا  ئۆزىنىڭ كىم بولۇش نىشانىنى توغرا مۇقۇملاشتۇرالايدۇ.
    ئۇيغۇردا ھاراق- تاماكىنىڭ ئادەتكە ئايلىنىشى؛ ئەرلىكنىڭ، مەرتلىكنىڭ ۋە مىھماندوسلۇقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قىلىشى قالاقلىقتۇر. بۇ قالاقلىق ئاتا- بوۋىمىزدىن مىراس قالغان ئەمەس. تاماكا رۇسسىيەدىن، ھاراقمۇ ئىچىشۋازلىق مىللىيلىككە ئايلانغان قوشنىلاردىن يۇققان. كۈنىمىزدە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە نامراتلار مەھەللىسىدە ھاراقكەشلىك ئەۋج ئالغان، كەمبەغەللەر رايۇنىدا چېكىملىك ئومۇملاشقان بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى بايلار رايۇنى بىلەن پۇلسىزلار رايۇنىنى كوچىسىدا تاما قالدۇقى بار يوقلىقىغا قاراپ ئايرىپ باقساق پۈتۈنلەي خاتالاشمايمىز. دەۋرىمىزدە چېكىشۋازلىق بىلەن ئىچىشۋازلىقنىڭ ئاللىقاچان خاراپلىقنىڭ، مەغلۇپلۇقنىڭ ۋە قالاقلىقنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغانلىقى ئەقىلىمىزنى سەگىتىشى كېرەك. ئەسلى ئەجدادلاردىن قالغان ئاقىللىقىمىز داۋاملاشقان ۋە ئومۇملاشقان بولسا بۇ ئىككى مەرەزدىن تەدرىجى قۇتۇلۇشقا باشلىغان بولاتتۇق. ھېلىمۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ساغلام ئائىلىدە، پاكىز موھىتتا، ساپ ئەقىدىدە خاتىرجەم چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بىسمىللاھ دەپ قۇتۇلۇش قەدىمىنى بۈگۈن ئالساقمۇ كېچىكمەيمىز 

ئەسكەرتىش 
    ئۆزگىرىش مارشى 22-ئاپىرىل باشلاندى ،كونا ئادەتلىرىڭىزنىڭ ئىسكەنچىسىدىن قۇتۇلۇپ ھاياتىڭىزدا يېڭىلىق ھاسىل قىلاي دىسىڭىز بىر يىللىق ،بىرئايلىق ياكى بىرھەپتىلىك پىلان تۈزۈپ بولغاندىن كىيىن  بىرىنجى قەدەمنى ئالغايسىز .مەن سىزگە يازمىلىرىمنى ھەدىيە قىلدىم .سىز ماڭغا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەدىيە قىلىڭ.شۇنداق كىلىشتۇق ئەمىسە،ۋەدىمىز ۋەدە

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=29450

Share
2266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.