logo

trugen jacn

بالىلار تۇتقاقلىق كېسىلى

JunGoGo.com

JunGoGo.com

تونۇش

بۇ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، تۇيۇقسىز ئەس ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پۈتۈن بەدەن تارتىشىش، ئېغىزىدىن كۆپۈك ئېقىش،چىشلىرى كىرىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك.

پەرۋىش

بالىنىڭ كېسىلى تۇتۇپ، تېخى ھوشىغا كەلمىگەن ھالەتتە، بالىنىڭ پۇت قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرمەسلىك، مۇمكىنقەدەر قوپاللىق قىلماي بېسىپ تۇرۇش،ئاغزىدىن چىققان كۆپۈكنى سۈرتۈپ تۇرۇش ئارقىلىق تىلىنى چاينىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بارماقتەك چوڭلىقتىكى ياغاچقا ياغلىقنى يۆگەپ ئاغزىغا تىشلىتىپ قويۇش لازىم. چېكىسىنى ۋە بۇرۇن قانىتىنى ئۇۋىلاپ بەرسە، بالىنىڭ تېزراق ھوشىغا كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىغىزىنى چايقىۋېتىپ، بېرقوشۇق ئانار شەربىتى، بىر قوشۇق بىھى شەربىتى قوشۇلغان قىزىق چاي ئىچكۈزۈپ قويسا، بالىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، ئەسەبلىرىدىكى كېسەللىك تەسىرىنىڭ تېز يوقۇلىشىغا پايدىسى بار.

يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، زىيادە چارچاپ كېتىش،زىيادە تويۇنۇپ تاماق يىيىش، سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش، ئىگىز تاملارغا چىقىش، دەريا كۆل بويلىرىغا بېرىش، ئوت ئەتراپىغا بېرىش، قورقىتىش، تىلىنى چىشلەپ زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشلاردىن ساقلىنىش لازىم. نورمال ھەرىكەت قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، يېمەك – ئىچمەك تەركىبى ۋە تەرتىپىگە دىققەت قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىش، نەپەس يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، مەنزىرىلىك جايلارغا ساياھەت قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

پەرھىز

تەستە ھەزىم بولدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلىغۇچى، زىيادە مايلىق ياكى زىيادە سوغۇق، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك –ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.بولۇپمۇ ئۆچكە، كالا ۋە ئات گۆشلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

 

Share
1171 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.