logo

trugen jacn

باش مىنىستىرىمىز نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ؟

 

پولات كامال

 

خەلقئارالىق دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇنلار بويىچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىش ياكى ئۆزئارا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىدۇ ياكى ئىككى دۆلەت ئارسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھەل قىلىشىدۇ.

سالىھ ئەپەندى سىز بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالغاندىن بۇيان بۇ خەلقئارالىق دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇنلارغا ئېتىبار بەرمەستىن ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى ئالدىدا چوڭ كاناينى تۇتىۋىلىپ جېنىڭىزنىڭ بارچە توۋلاپ، بۇ ھۆكۈمەتتىن ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىسىز. بىز باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىۋاتىمىز. چۈنكى بىز جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىزدىن ئۆز سالاھىيىتى بىلەن ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىشىنى كۆتكەن ئىدۇق. لېكىن بۇ ئىشلار زادى سادىر بولماي كەلدى. باش مىنىستىرىمىز سالىھ ئەپەندى سىز يەنە ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردىڭىز. سىز ھۆكۈمىتىمزنىڭ سىزگە تاپشۇرغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە  مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلماي يەنە داۋاملىق نامايىش قىلىشتەك ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ يۈرۋاتىسىز. گەرچە نامايش قىلىش پايدىلىق بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ بۇنداق ئىشلارغا بېۋاستە رىياسەتچىلىك قىلىشىڭىز سىزنىڭ باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتىڭىزگە ياراشمايدۇ. سىزدە ھازىرچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە لايىق ئىقتىدار تېخى يېتىشمەپتۇ. شۇڭلاشقا بىز سىزدىن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. سىز ئۆزىڭىز قۇرغان ئۇيغۇر ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولغان نامايشلارنى قىلىشقا لايىق شەخس ئىكەنسىز. بىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلقئارالىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىن  مەلۇماتى  بار بىر شەخسنى باش مىنىسىتىرلىققا سايلاپ ئالساق بولىدۇ.

 

2022- يىلى 23- فېۋرال

Share
2464 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.