logo

trugen jacn

باش قېيىشنى داۋالاش

 

بەزى كىشىلەردە ساپساق تۇرۇپمۇ يول يۈرگەندە بۇلۇپمۇ بىر ئورۇندا مەلۇم ۋاقىت ئولتۇرۇپ دەھال ئورۇندىن قوپقاندا، ئۇشتۇمتۇت بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا يىقىلىپ چۈشىدۇ. باش قېيىش مەخسۇس كېسەللىك ئەمەس، ئەمما كۆپىنچە قان ئازلىق كېسىلى، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتش، ئاپتاپ ئۆتۈش، ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولۇشقا ئوخشاش كېسەللىكلەردە كۆرۈلدۈ. بۇلۇپمۇ قان ئازلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە باش قېيىش كۆپ كۆرۈلىدۇ .
داۋلاشتا بۇرۇنغا ئىپار قەرى، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشاش خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى پۇراتسا ئۈنۈمى ياخشى. ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى دانە تاتلىق ئانار، بىر دانە ئاچچىق ئانار ۋە بىر دانە بېھىينىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئۇدا بىر مەزگىل ئىچىپ بەرسە باش قېيىش توختايدۇ .
مۇرەككەپ دورىلاردىن ئىترىپىل كەشىنيزى ۋە مەئجۇنى نوجاھلار بېرىلىدۇ .
ئىترىپىل كەشىنيزىنىڭ تەركىبى: سېرىق ھەلىيلە پوستى، كابۇل ھەلىيلىسى پوستى، ئامىلە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، 15  گرام بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن  ئومۇمىي دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسگە باراۋەر ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىدۇ. كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 2 گرامدىن ئىچىلىدۇ .
مەئجۇنى نوجاھ(نەجاھ)نىڭ تەركىبى: كابۇل ھەلىيلىسى، بەلىيلە ۋە ئامىلە پوستىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرام، تۇربۇت، بىسفانەچ، ئەفتىمۇن، ئۈستخۇدۇس، قاتارلىق دورىلارنىڭ، ھەر قايسىسىدىن 15 گرام ئېلىپ يۇمشاق سۇقۇپ، ئومۇمىي دورىلارنىڭ ئىككى ھەسسە باراۋىردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈن تەييارلىنىدۇ. 40 كۈن چىنە قاچىدا ساقلانغاندىن كېيىن كۈندە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا 4 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

http://saglamlik.bagdax.cn/saglamlik/2/2013/0918/320.html

Share
2401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.