logo

trugen jacn

يەكەندە 840 مىڭ ئۇيغۇر ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان

67e40eb7-1723-4d96-8031-43f133800c76

مېھرىبان

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكەندە 840 مىڭ ئۇيغۇر ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قويغان.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 4-نويابىردىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە يەكەن ناھىيىسىدە مۇقىملىق خىزمىتى تۇتۇلۇپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەرقايسى يېزا، مەھەللىلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىپ، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغان

بۇ يىل 28- 29-ئىيۇل كۈنلىرى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانلىق باستۇرۇشى يۈز بەرگەن

ئەينى چاغدا ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلات ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ۋەقەدە 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 35 نەپىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى، قالغان 16 كىشىنىڭ ئاتالمىش «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەدە 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ يەكەنگە بېرىپ ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yeken-weqesi-11042014163831.html

Share
1680 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.