logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

dda3226c-ccb4-44f7-b244-edfe383d27b2

 ئىلتەبىر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيە، مەرىيلەن شتاتلىرىدا ۋە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى يەنى 3-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يەكەن ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش نامىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلانغان نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندى مەسئۇللىرى باشچىلىقىدا 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىنى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار قاپلىغان بولۇپ، جاراڭلىق شوئار ساداسى كىشىلەر قەلبىنى تىترەتمەكتە ئىدى.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا رابىيە خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، خىتاي ئارمىيە، ساقچىلىرىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكارلىق بىلەن كۆرسىتىۋاتقان قارشىلىق پائالىيەتلىرى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەقىقىي، توغرا ئۇچۇر ئىگىلەش ھەمدە بۇنى چەتئەللەردە ئاڭلىتىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

رابىيە قادىر خانىم يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

نامايىش داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇپ، خىتاي دۆلەت تېررورچىلىقىغا بولغان قاتتىق غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلەش» ھەققىدە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدىكى پىلاكات ۋە بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «شى جىنپىڭ قىرغىنچىلىقنى توختات، خىتاي دۆلەر تېررورچىلىقنى توختات، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت، خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇستەقىللىق كېرەك!» دېگەندەك شوئارلارنى توختىماي توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

نامايىشقا شۇ كۈنى چۈشتىن ئاۋۋال ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قوللىرىدىكى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ كېلىپ قوشۇلدى.

نامايىش چۈشتىن كېيىن 5 لەرگە قەدەر داۋاملاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/amerika-namayish-08042014153129.html

Share
1760 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.