logo

trugen jacn

| كىشىلىك ھوقۇق «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى 4-ئاينى «ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئېيى» قىلىپ بېكىتتى

 

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» شىۋېتسىيە شۆبىسى بۇ يىل 4-ئاينى خىتاي تۈرمىسىدىكى دىنىي زات «ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئېيى» قىلىپ بېكىتتى. مەزكۇر تەشكىلات 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆز تور بېتىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدىكى «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بېرى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسى بىلەن ئىزچىل تۈردە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە 23 يىلدىن بېرى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى.

ئاتاقلىق دىنىي زات ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەد ئەمىن ئابدۇۋەلى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ 1990-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، تۇنجى قېتىملىق سوتتا 12 يىل قاماق جازاسى بېرىلىپ جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، 11 يىلدىن بۇيان سەۋەبسىز ھالدا جازا مۇددىتىنىڭ 3قېتىم ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئىنىسى مۇھەممەت ئەمىن ئابدۇۋەلى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەت ئەمىن ئابدۇۋەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىلتىماس قىلىشى ۋە يېقىنقى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

مۇھەممەت ئەمىن ئابدۇۋەلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەتتە بولۇش ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

شىۋېتسىيە «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى شۆبىسىنىڭ 4-ئاينى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئېيى قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ebdukerim-abduweli-04032014162850.html

Share
1942 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.